پائالىيەتلەر

ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىقامەت روخسىتى بېرىش تەلىپى تەستىقلاندى

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە سۇنغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىقامەت روخسىتى بېرىش تەلىپى تەستىقلاندى

 

شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، تۈركىيىگە يېڭىدىن كېلىپ ئىقامەت روخسىتى ئالالمىغان ۋە ئۆتكەن يىلى ئىقامەت ئېلىپ ۋاقتى توشۇپ كەتكەنلەرنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتىش ئۈچۈن ئىقامەتكە ئېھتىياجلىق ئۇيغۇرلارنى تىزىملاپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە 2013 _ يىلى 3 _ ئاينىڭ 13 – كۈنى ئىلتىماس سۇنغان بولۇپ، بۇ ئىلتىماس تەلىپى تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن 2013 _ يىلى 5 _ ئاينىڭ 7 _ كۈنى رەسمى تەستىقلاندى.

تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئىچىكى ئىشلار مىنىستىرلىكى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتىگە مەخسۇس خەت يېزىپ مەزكۈر تەلەپنى قوبۇل بولغانلىقىنى بۇ توغرىدا تۈركىيىنىڭ ئەنقەرە، ئانتالىيە، ئىزمىر، قەيسەرى، ئىستانبۇل، يالوۋا، تەكىرداغ، كونىيە، ساكارىيە، بۇرسا، دۈزجە، كوجائېلى قاتارلىق شەھەرلەردىن ئىقامەتكە ئېھتىياجى بار ئۇيغۇرلارنىڭ شۇ رايوندىكى ساقچى ئىدارىسىغا ئىلتىماس سۇنۇپ ئىقامەت ئالالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇرلارغا ئىقامەت بېرىش توغرىسىدا تۈركىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخانغا ئەۋەتكەن مەخسۇس ھۆججەتتە يېزىلىشىچە، 2013 _ يىلى 4 _ ئاينىڭ 24 _ كۈنىدىن بۇرۇن تۈركىيىگە كىرگەن ۋە ئىقامەت ئېلىشقا ئېھتىياجى بار ئۇيغۇرلارغا ئىقامەت بېرىلىدىغانلىقى، ئۆتكەن يىلى يەنى 2012 _ يىلى 3 _ ئاينىڭ 13 – كۈنىدىن باشلاپ ئىقامەت ئالغانلارنىڭ ئىقامەت ۋاقتى توشۇپ كەتكەنلەرنىڭ يېڭىدىن ئىلتىماس قىلىپ ئىقامىتىنى ئۇزارتالايدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

2013 _ يىلى 7 _ ئاينىڭ 24 _ كۈنىگە 3 ئاي ئىچىدە ئالسا بولىدۇ.

ئىقامەت ئالغۇچىلار ساقچى ئىدارىسىغا ئۆزى بىۋاسىتە مۇراجات قىلىدۇ، ئىقامەت ھەقسىز بولۇپ، باشقىلارغا پۇل بېرىشكە قەتئى بولمايدۇ، ئىقامەت ئېلىپ بېرىشنى بانا قىلىپ پۇل تەلەپ قىلغۇچىلارنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىگە مەلۇم قىلىشنى ياكى ئۆزىگە يېقىن ساقچى ئىدارىسىغا پاش قىلىشنى ئالاھىدە تەلەپ قىلىمىز.  

 

ھۆرمەت بىلەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close