پائالىيەتلەر

ت ر ت ئەرەپچە قانىلىدا شەرقى تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى تونۇشتۇرۇلدى

ت ر ت ئەرەپچە قانىلىدا شەرقى تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى تونۇشتۇرۇلدى

تۈركىيە ت ر ت تېلېۋىزىيە قانىلىدا تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار تونۇشتۇرۇلدى

 

15 _ ماي چارشەنبە كۈنى ، تۈركىيە ت ر ت ئەرەپچە تېلىۋىزىيە قانىلىدا، تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تونۇشتۇرۇلدى.

بۇ پروگراممىغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان قاتناشتى.

ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان، شەرقى تۈركىستاندىكى خىتاي ئىستىلاسى ، ئاسسىمىلاتسىيە  ۋە ئىرقىچىلىق سىياسىتىنىڭ بېسىمى سەۋەپلىك نۇرغۇن شەرقى تۈركىستانلىق ئۇيغۇرلار دۇنيانىڭ ھەر تەرەپلىرىگە ھىجرەت قىلغان بولۇپ، ئۇلار بارغان يېرىدە شەخسى ۋە ياكى جەمئىيەت شەكىلىدە خەلقاراغا شەرقى تۈركىستان زۇلۇمىنى ئاڭلىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيىگە كەلگەن ئۇيغۇرلار كۆپرەك بولۇپ، ئۇلار تۈركىيىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى دۇنيا كۈن تەرتىپىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن جەمئىيەت ۋە ۋەقپىلەر قۇرغان بولۇپ، بۇ جەمئىيەتلەر نام ئاستىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى. نۆۋەتتە تۈركىيەدە ئەڭ ئاكتىپ پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ كىلىۋاتقان جەمئىيەتلەردىن بىرى شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى بولۇپ، بۈگۈن 15 – ماي چارشەنبە كۈنى، ت ر ت ئەرەپچە تېلىۋىزىيە قانىلىنىڭ تەكلىپ قىلىشى بىلەن مەخسۇس سۆھبەت ئېلىپ بىرىلدى.

ت ر ت تېلىۋىزىيە قانىلىنىڭ سۆھبىتىگە تەكلىپ قىلىنغان جەمئىيەتنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەت ئابدۇراھمان، شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئەھۋالىنى ۋە تۈركىيەدىكى شەرقى تۈركىستانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائى ھاياتى ۋە ئۇمۇمى ئەھۋالىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

 

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close