پائالىيەتلەر

جەمئىيىتىمىزنىڭ زەيتىنبۇرنۇ شۆبىسىدە ئايلىق سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

جەمئىيىتىمىزنىڭ زەيتىنبۇرنۇ شۆبىسىدە ئايلىق سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ھەر ئاينىڭ بېشىدا، قېرىنداشلار ئايلىق ئۇچرىشىش سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ كىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئايلىق سۆھبەت يىغىنى 10 – ماي جۈمە كۈنى كەچ سائەت 7:30 دە جەمئىيەتنىڭ زەيتىنبۇرنۇ شۆبىسىنىڭ يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلدى.

سۆھبەتكە ئىستانبۇلدا خۇسۇسەن زەيتىنبۇرنۇ ۋە سافاكۆيدە ياشاۋاتقان قېرىنداشلار ۋە جەمئىيەتنىڭ مەسئۇللىرى قاتناشتى، يىغىنغا جەمئىيەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇساجان ئەر رىياسەتچىلىك قىلدى.

يېغىن قۇرئان كېرىم تىلاۋەت قىلىش بىلەن باشلاندى. تىلاۋەتتىن كىيىن جەمئىيەتنىڭ  باش نازىرى ئۇستاز ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم، يېغىنغا ھازىر بولغان قېرىنداشلارغا سۆز قىلىپ ، كۆپىنچە قېرىنداشلارنىڭ قۇرئان كەرىم روھىدىن ئۇزاقلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، سۇسلۇق ۋە بىخودلۇقتا غەپلەتكە چۆكۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى، قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىسى رەسۇللاھنىڭ روھىغا قايتىش ئارقىلىق ھەقىقى ئىلاجنى تېپىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەكىتلىدى. ھەمدە قېرىنداشلارنى ھەر كۈنىنىڭ مەلۇم بىر قىسمىدا قۇرئان كەرىمنى مۇلاھىزە بىلەن ئۇقۇشنى، مەلۇم بىر قىسمىدا ئىسلامى ئەسەرلەرنى ئۇقۇشنى، يەنە مەلۇم بىر قىسمىدا ئاللاھقا زىكىرى – تەسبىھ ئېيتىشىنى، شۇ ئارقىلىق مەنىۋىياتىنى كۈچلەندۈرۈشىنى تەۋسىيە قىلدى.

 

ئۇستاز ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم يەنە مۇنداق دېدى: ”ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ئەۋۋىلى نېمە  بىلەن نىجات تاپقان بولسا، ئاخىرىمۇ شۇ نەرسە بىلەن نىجات تاپىدۇ. ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ئەۋۋىلى قۇرئان ۋە ھەدىس روھى بىلەن نىجات تاپقان، بىزمۇ نىجاتلىققا ئىرىشىمىز دەيدىكەنمىز، قۇرئان – ھەدىس روھىغا قەتئى قايتىشىمىز كېرەك ”.

ئۇستاز ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىم ئاخىرىدا قېرىنداشلارغا “ ئى مۇئمىنلار ! سىلەر ئاللاھتىن ھەقىقى رەۋىشتە قورقۇڭلار، دۇنيادىن مۇسۇلمان ھالىتىڭلار بىلەن ۋاپات بولۇڭلار “ دېگەن ئالى ئىمران سۈرىسىنىڭ 102- ئايىتىنىڭ مەزمۇنىنى تەپسىر قىلىپ بەردى.

كىيىن جامائەت ئەربابى ئابدۇلقادىر ياپچان سۆز قىلدى، ئۇ سۆزىدە 23 – ئاپرېل يۈز بەرگەن قەشقەر مارالبېشى سېرقبۇيا ۋەقەسى ھەققىدە توختالدى.

 

ئۇ مۇنداق دېدى: مەزكۇر ۋەقەدە شېھىت قىلىنغان مۇسا ھەسەن، قاسىم مەمەت، ئەنۋەر ئابدۇرېھىم، مەمەت ئىمىن بارات، ھەبىبۇللا بارات ۋە مەمەت ئىمىن ماخمۇت  قاتارلىق قېرىنداشلىرىمىز، تاجاۋۇزچى خىتاي ئىشغالچىلىرىنىڭ شەرقى تۈركىستان خەلقى ئۈستىدە ئىجرا قىلىۋاتقان ئەشەددى زۇلۇمىغا ۋە يولسۇزلىقىغا قارشى ئۆزىنىڭ ئېزىز جېنىنى، ئىسسىق قېنىنى پىدا قىلىپ، خىتاي تاجاۋۇزىغا قارشى سىياسى كۈرەش روھىنى نامايەن قىلدى. مۇشۇ قېرىنداشلىرىمىز ئوخشاش قەتئى ئىرادە ، كەسكىن ۋە پىداكارلىق روھىغا ئىگە بولالىغان بولساق ، خىتاي ئىشغالىدا قالمايتتۇق، ھېلىمۇ ھەم كېچىكمەيمىز.

مەزكۇر توقۇنۇشتا ھاياتىدىن ئايرىلغان 21 كىشى ھەققىدە توختالغان ئابدۇلقادىر ياپچان مۇنداق دېدى: خىتاي ئىشغالچىلىرى ئاخبارات ئېلان قىلىپ، بۇ قېتىمقى قانلىق توقۇنۇشتا 21 كشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، 15 نەپىرىنىڭ ئاتالمىش ئامانلىق ساقلاش خادىملىرى، 6 نەپىرىنىڭ تېرورچى ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. ئىككى بايراق ئاستىدا ئۆلگەنلەرنىڭ ئىنتايىن چوڭ پەرقى بار، 15 نەپىرى ئىنسانىيەتنىڭ ، خۇسۇسەن شەرقى تۈركىستان ۋە شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەشەددى دۈشمىنى بولغان ، پۈتۈن دۇنيانى مەينەتچىلىكى بىلەن بۇلغىۋاتقان كومۇنىست ، قاتىل ، ئىستىبداتنىڭ باتىل بايرىقى ئاستىدا ئۆلدى. 6 نەپىرى ئىشغالغا ، زۇلۇمغا، ناھەقچىلىككە قارشى ۋىجدان ۋە ئىمان بايرىقى ئاستىدا شېھىت بولدى. نەتىجىدە ھەر ئىككى تەرەپ ھاياتىدىن ئايرىلدى، لېكىن بۇ ئېككى ئۆلۈمنىڭ ئارىلىقىدا ناھايىتى چوڭ پەرق بار. بىرسى ھەر ئىككى ئالەمدە شېھىتلىق مەرتىۋىسىگە ئېرىشتى، ئۇ دۇنيادا ئاللاھنىڭ جەننەتۇل فىردوس ۋە جەننەتۇل ئەئلا بىلەن مۇكاپاتلىندۇ. يەنە بىرسى بۇ دۇنيادا مىللى مۇناپىق، مىللى خائىن، تاجاۋۇزچىلارنىڭ چۇماقچىسى دېگەن نام بىلەن كەتتى، ئۇ دۇنيادا جەھەننەم ئوتى بىلەن قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: خىتاي ئىشغالچىلىرى شەرقى تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن بۇيان بىزنى ئۆلتۈرىمەن ، تۈرمىگە قامايمەن دەپ قورتۇپ كەلدى. لېكىن خىتاي ئىشغالىغا قارشى كۈرەش پەقەت توختاپ قالمىدى، ھەم قەتئى توختاپ قالمايدۇ. چۈنكى خىتاي تۈرمىگە قامىسا جسىمىمىزنىلا قامىيالايدۇ، ئېتىپ ئۆلتۈرسە پەقەت جىسمىمىزنىلا ئۆلتۈرەلەيدۇ. ئەمما قەلبىمىزنى، ئىمانىمىزنى، ۋىجدانىمىزنى، ئىشغالغا ۋە زۇلۇمغا قارشى سىياسى ئىرادىمىزنى، غۇرۇرىمىزنى ھەرگىز قامىيالمايدۇ ۋە ئۆلتۈرەلمەيدۇ.  

شۇنىڭ ئۈچۈن شەرقى تۈركىستان خەلقى قۇرئان ۋە ھەدىسى رەسۇللانىڭ روھى بويىچە، ھەقىقى ئىمان ۋە قەتئى ئىرادە – ئاڭ بىلەن سىياسى يولىنى تاللاپ چىقىپ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قەتئى قارشى تۇرۇشى كېرەك. خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئاتوم، خىمىيە ۋە يادورلۇق بومبىلىرىنى ئىشقا سېلىپمۇ شەرقى تۈركىستان خەلقىنى مەڭگۈ مەغلۇپ قىلالمايدۇ. بۇنى سېرىقبۇيا توقۇنۇشىدىكى ۋە شەرقى تۈركىستاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى خىتاي ئىشغالىغا قارشى كۆكرەك كېرىپ مەيدانغا چىقىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز ئېنىق ئىپادىلەپ بەرگەن بىر ھەقىقەتتۇر.

سېرىقبۇيا توقۇنۇشىدا شېھىت قىلىنغان 6 نەپەر ئەزىمەت – ئوغلاننىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرى ھەققىدە توختالغان ئابدۇلقادىر ياپچان، بىز بۇ ئەزىمەت  قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ماددى بىر نەرسە بىرەلمەيمىز. پەقەت شېھىتلەرنى جەنناتۇل فىردوس بىلەن مۇكاپاتلاشتىن ئىبارەت ئاللاھ بەرگەن بىشارەت بىلەن سىلەرگە تەسەللى بىرەلەيمىز دېدى.

جامائەت پىشۋاسى ئابدۇلقادىر ياپچان خىتايغا قارشى كۈرەشنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: شەرقى تۈركىستاندا خىتايغا قارشى يۈز بىرىۋاتقان كۈرەش ھەق بىلەن باتىل ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشتۇر. خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندا ياشاش ھەققى يوق، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقى تۈركىستاندا ياشىشىغا شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ يول قويىشىنىڭ ئۆزى باتىلدۇر.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: ئىشغالچى خىتاي دائىرىلىرى بىزنى ئۆز ۋەتىمىنىزدە يوقۇتۇش ئۈچۈن ھەر خىل بىسىملارنى ۋە رەزىل سىياسەتلەرنى چىقىرىۋاتىدۇ، ئەرلەرنى ساقال قويۇشتىن، دوپپا كىيىشتىن، ئايال – قىزلارنى جىلباب كىيىشتىن ۋە ھىجاپلىنىشتىن چەكلەۋاتىدۇ. ۋەتىنىمىزنى ئىشغال قىلىۋالغىنىنى ئاز دەپ ، ئۆيلەرگە باستۇرۇپ كىرىپ قىز – ئاياللىرىمىزنىڭ پىشىنى ۋە ياغلىقىنى تارتىۋاتىدۇ. مۇشۇنداق ھەددىن ئېشىپ غۇرۇرىمىزغا تىگىۋاتسا ، يەنە بىز بۇنىڭغا قاراپ تۇرۇشىمىز كېرەكمۇ ؟

ئۇ 6 نەپەر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۆيىگە باستۇرۇپ كىرگەن تاجاۋۇزچىلار ۋە غالچىلارنىڭ كاللىسىنى كېسىپ تاشلىغانلىقى ئاللاھنىڭ ئۇلارغا بۇ دۇنيادا بەرگەن مۇكاپاتىدۇر. كاللىسى كىسىلگەن تاجاۋۇزچى ۋە غالچىلارغا بۇ دۇنيادا نەخ بىرىلگەن جازاسىدۇر. خەخنىڭ ئايال – قىزلىرىنىڭ ياغلىقىنى تارتقان، بولۇپمۇ ئۆيىگە باستۇرۇپ كىرگەن ھەر قانداق شەخسنىڭ كاللىسى ئېلىنىشى كېرەك.

 

 

كىيىن يېغىن رىياسەتچىسى مۇساجان ئەر خاتىمە سۆز قىلغاندىن كىيىن ئۇستاز ئابدۇلكەرىم كۇچار دۇئا قىلدى.

شۇنىڭ بىلەن بو قېتىمقى ئايلىق سۆھبىتىمىز ئاخىرلاشتى. 

ئايلىق سۆھبەت يىغىننىڭ تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى سىنئالغۇدىن كۆرەلەيسىلەر

1 _ بۆلۈمى:

 2 _ بۆلۈمى: 

 

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close