پائالىيەتلەر

جەمئىيىتىمىزنىڭ سەفاكۆي شۆبىمىزنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن خەيىرلىك سېتىش يەرمەنكىسى ئېچىلدى

 

جەمئىيىتىمىزنىڭ سەفاكۆي شۆبىمىزنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن خەيىرلىك سېتىش يەرمەنكىسى ئېچىلدى

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىمىز 2010- ماي ئېيىدىن باشلاپ مائارىپ خىزمىتىمىزنىڭ يۈكسىلىشى ئۈچۈن ئېچىشقا باشلىغان خەيرىلىك سېتىش يەرمەنكىسىنىڭ 4- قېتىملىقى بۈگۈن ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆي رايۇنىنىڭ ئاتا تۈرك باغچىسىدا رەسمىي باشلاندى.

 

كىرگەن كىرىمى مائارىپ جەمئىيتىمىزنىڭ ئوقۇ- ئوقۇتۇش ۋە  دىنى ، مىللى، كىملىكى ، مەدىنىيىتىنىڭ يۈكسىلىشى ئۈچۈن سەرپ قىلىشنى مەقسەت قىلىپ ئېچىلغان بۇ خەيرىلىك سېتىش يەرمەنكىسىگە مائارىپ جەمئىتىمىزنىڭ جەمئىيەت باشلىقلىرى، باش نازىرلىرى مەركەز ۋە شۆبىدىكى ئاياللار بۆلىمىدىكى خانىملار ۋە ئىستانبۇلنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شۆبىلىرىدە خىزمەت قىلىۋاتقان بىرمۇنچە قېرىنداشلار قاتناشتى .

سېتىش پائائلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغانلار ئاز ساندىكى ئەر قېرىنداشلاردىن باشقا كۆپۈنچىسى پىداكار خانىم قېرىنداشلار بولۇپ، ئۇلار كىيىم – كېچەك، داستىخان، ياغلىق شارپا، پەلتۇ   ئاشخانا جابدۇقلىرى، بالىلار ئويۇنچاقلىرى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش بۇيۇملارنى سېتىشتىن باشقا يەنە ئائىلىلەردە تەييارلىنىپ كەلتۈرۈلگەن مېززىلىك ئۇيغۇر يېمەكلىرىنى سېتىش خىزمىتىنى ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى.

 

مائارىپ جەمئىيتىنىڭ تەشۋىقات بۆلۈمى ۋە ئىستىقلال رادىيو تېلىۋىزىيەدە خىزمەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بارلىق خادىملار نەق مەيدانغا ھازىر بولۇپ، ئېچىلىش مۇراسىمىدا رەھبەر ۋە مەسئۇل خادىملىرىنى زىيارەت قىلدى.

بۇ قېتىمقى خەيرىلىك سېتىش يەرمەنكىمىزنىڭ  داۋامى  24 – ماي كۈنى زەيتىنبۇرنۇدا ئېچىلىدىغان بولۇپ، مائارىپ جەمىئىتىمىز ۋە بۇ يەرمەنكىگە ھەر جەھەتتىن ياردەم بەرگەن بارلىق قېرىنداشلار يەرمەنكىنىڭ ماددى جەھەتتىن بەرىكەتلىك كىرىمگە، مەنىۋى جەھەتتىن كەڭ يەرلىك خەلقنىڭ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە تونۇشىنىڭ ئۆسۈشى، ئىناق ئىتىباقلىق، جامائەتچىلىك ۋە خەيرىدە مۇسابىقىلىشىش روھىنىڭ تېخىمۇ  ئىلگىرى سۈرۈلىشىگە ۋەسىلە بولۇشىنى ئۈمىت قىلماقتا.

 

مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر       

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close