ئەركىن سۈرىيە ئارمىيىسى ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قاراشلىق 256 نەپەر ئەسكەرنى ئەسىرگە ئالدى

سۈرىيىدىن ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلار،

 ئەركىن سۈرىيە ئارمىيىسى ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قاراشلىق 256 نەپەر ئەسكەرنى ئەسىرگە ئالدى، سۈرىيەدىكى ئەسەد دىكتاتۇر رىجىمىگە قارشى باشلانغان خەلق ھەرىكىتى نامايىشتىن ئىچكى ئۇرۇشقا ئايلىنىپ 18 ئايدىن بۇيان سۈرىيىدە قۇراللىق توقۇنۇش داۋام قىلماقتا.


13 ‏- ئۆكتەبىر كۈنى ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قارشى قۇراللىق ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئەركىن سۈرىيە ئارمىيىسىنىڭ بايان قىلىشىچە، ھەلەپنىڭ غەربى رايونىدىكى كۇفرناھا مەھەللىگە يېقىن ئەتراپتا رۇسىيىدە ئىشلەنگەن بىر ئۇرۇش ئايرۇپىلانىنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئۆكتچى گۇرۇپلاردىن سۈرىيە ئىنقىلاپ كومتىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەركىن سۈرىيە ئارمىيىسى يەنە ھەلەپنىڭ ئاسىلى رايونىدا ئەسەدنىڭ ئەسكەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ 4 تانكا ۋە نۇرغۇن ھەربىي ماشىنىلارنى پاچاقلاپ تاشلىغان.
س ن ن ئاخباراتىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە 12 ‏- ئۆكتەبىر كۈنى ئەركىن سۈرىيە ئارمىيىسى ئەسەد ھاكىمىيىنىڭ ئەسكەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىسدە، 256 نەپەر ئەسكەرنى ئەسىر ئالغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن قۇرال ياراق ۋە ئوق دۇرىلارنى قولغا چۈشۈرگەن. سۈرىيىدە ئىچكى ئۇرۇش شىددەتلىك داۋام قىلماقتا. ئەركىن سۈرىيە ئارمىيىسى ئەسەد دىكتاتۇر ھاكىمىيىتىگە قاراشلىق ئەسكەرلەرگە قارشى ھۇجۇم قىلىپ ئالغا ئىلگىرلىمەكتە ئىكەن.

خەۋەرلەردە بىلدۈرۈشىچە، 18 ئايدىن بۇيان سۈرىيىدە 40 مىڭدىن ئارتۇق ئىنسان ھاياتىدىن ئايرىلغان. بۇ ئۇرۇشتا ھازىرغىچە ئەسەدنىڭ 6000 دىن ئارتۇق ئەسكىرى ئۆلتۈرۈلگەن.
يۈزمىڭلىغان ئىنسان يۈرتلىرىنى تاشلاپ باشقا دۆلەتلەرگە كېتىشكە مەجبۇر بولغان، ھازىر تۈركىيىدىكى سۈرىيەلىك مۇساپىرلارنىڭ سانى 100 مىڭغا يەتكەن.

About admin

Leave a Reply