خەۋەرلەر

ئى ھا ھا ئىنسانى ياردەم ۋەقپىنىڭ ئىدارى ھەيئەتلىرى شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى مەركىزىنى زىيارەت قىلدى

ئى ھا ھا ئىنسانى ياردەم ۋەقپىنىڭ ئىدارى ھەيئەت رەھبەرلىرى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى مەركىزىنى زىيارەت قىلدى. 

ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم ۋەخپىنىڭ رەئىسى بۇلەنت يىلدىرىمنىڭ باشچىلىقىدىكى 10 كىشىلىك بىر ھەيئەت 2013 – يىلى 5 – ئاينىڭ 30 – كۈنى جەمئىيەت مەركىزىنى زىيارەت قىلدى. 

تۈركىيەدىكى ئى ھا ھا ئىنسانى ياردەم ۋەقپىنىڭ رەئىسى بۇلەنت يىلدىرىم ۋە مۇئاۋىن رەئىسى ھۇسەين ئۇرۇچ  ئىدارى ھەيئەت ئەزالىرى بىلەن 30 – ماي پەيشەنبە كۈنى سائەت 12:30 دە شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ چاپادىكى مەركىزىدە زىيارەتتە بولدى.

بۇلەنت يىلدىرىمنىڭ باشچىلىقىدىكى ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم فوندىنىڭ رەھبەرلىرى بۇ زىيارىتىدە شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.

شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان، جەمئىيەتنىڭ چاپادىكى مەركىزىدە بۇلەنت يىلدىرىم باشلىق ئى ھا ھا ئىنسانى ياردەم ۋەقپىنىڭ ئىدارى ھەيئەت ئەزالىرىنى كۈتۈۋالدى. بۇ قېتىمقى زىيارەتتە جەمىئىيەتنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئى ھا ھا ۋەقپىنىڭ رەئىسى بۇلەنت يىلدىرىم بىلەن شەرقى تۈركىستان ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كىلىۋاتقان ئۇمۇمى ۋەزىيەت ھەققىدە سۆھبەتلەشتى.

ئى ھا ھا ئىنسانى ياردەم ۋەقپى شەرقى تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كىلىۋاتقان تەشكىلات بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئىشغالىغا قارشى ئويۇشتۇرغان پائالىيەتلىرىگە يېقىنىدىن ھەمكارلىشىپ كەلمەكتە.

 

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close