پائالىيەتلەر

ئۇيغۇر ئانا تىلى يەسلىمىزنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى پائالىيەت كۆرسەتتى

ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئانا تىلى يەسلىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى پائالىيەت كۆرسەتتى

چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۆز پەرزەنتلىرىنى ئانا تىلىدا تەربىيىلەش ئىنتايىن مۇھىم. 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ زەيتىنبۇرنۇ شۆبىسىنىڭ تارمىقىدىكى ئۇيغۇر ئانا تىلى يەسلىسىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

مۇراسىمغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئەزالىرى، ئانا تىل يەسلىسى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئاتا-ئانىلىرى شۇنداقلا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئەر-ئايال ۋە ئۆسمۈر بالىلار بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

مۇراسىم قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىش بىلەن باشلاندى. مۇراسىمدا جەمئىيەتنىڭ شۆبە مەسئۇلى ئابدۇلقادىر ئۇيغۇر ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى. يىغىندا يەنە جەمئىيەتنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆز قىلىپ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۇيغۇر ئانا تىلى يەسلىنىڭ مۇھىملىقى ۋە ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ تەلىم-تەربىيە ئىشلىرىنىڭ قانچىلىك ئەھمىيەتلىك ئىش ئىكەنلىكى توغرىسىدا توختالدى.

مۇراسىمنىڭ كېيىنكى بۆلۈمىدە ئۇيغۇر ئانا تىلى يەسلىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئۇيغۇرچە ۋە تۈركچە شېئىر دېكلاماتسىيە قىلدى. ئىتوت ئورۇنلىدى ۋە ھەر خىل نومۇر كۆرسەتتى.

ئاخىرىدا ئانا تىلى يەسلىدە ياخشى ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارنى ئۈچ دەرىجە بويىچە مۇكاپاتلىدى. 3 سائەت داۋام قىلغان مۇراسىم قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئاخىرلاشتى.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باشقۇرۇشىدا ئىستانبۇلنىڭ ئۈچ ئورۇندا ئۇيغۇر ئانا تىلى يەسلى مەكتەپلىرى ئېچىلغان بولۇپ، بۇ يەسلىلەردە ھازىر 4 ياشتىن 6 ياشقىچە بولغان 120 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى ئوقۇيدۇ.

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close