خەۋەرلەر

ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم فوندىنىڭ مەسئۇللىرى جەمئىيىتىمىزنى زىيارەت قىلدى

ھۆسەيىن ئۇرۇچ ئەپەندى: ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى قوغداش ئەڭ مۇھىم خىزمەت

 

 

 ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم فوندىنىڭ رەئىسى بۇلەنت يىلدىرىمنىڭ باشچىلىقىدا 10 كىشىلىك بىر ھەيئەت شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى ۋە جەمئىيەتنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ۋە ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بىلەن ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ باردى. 

ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم فوندىنىڭ مەسئۇللىرىدىن تەركىپ تاپقان ھەيئەت شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىدە قىزغىن كۈتىۋېلىندى ۋە ئۇيغۇر تاماقلىرى بىلەن چۈشلۈك تاماق زىياپىتى بېرىلدى. 

ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم فوندى ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار قانداق بىر خىزمەت پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ ۋە بۇنىڭدىن كېيىن قانداق پائالىيەتلەر قىلىدۇ؟ پەلەستىنگە دەستەك بار شەرقىي تۈركسىتانغا دەستەك يوق دەپ تەنقىد قىلغانلارغا نېمە دەپ جاۋاپ بېرىدۇ؟ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىگە قانداق قارايدۇ؟ بو سۇئاللارنىڭ جاۋابىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم ۋەخپىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ھۆسەيىن ئۇرۇپ ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. 

 ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم فوندىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ھۆسەيىن ئۇرۇچ بىلەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ھۆسەيىن ئۇرۇچ ئەپەندى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى قوغداش ئەڭ مۇھىم خىزمەت ئىكەنلىكىنى، ھېچ قانداق كۈچنىڭ ئەبەدىي داۋام قىلمايدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ يوقايدىغان بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ يوقىلىشىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈشكە تىرىشچانلىق قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى. 

سوئال: ھۆرمەتلىك رەئىس ھۆسەيىن ئۇرۇچ ئەپەندىم، ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم فوندىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىۋاتقانلىقىنى بىلىمىز، ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم فوندى ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار قانداق خىزمەت پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ ۋە بۇنىڭدىن كېيىن قانداق خىزمەت – پائالىيەت قىلىش پىلانىڭلار بار؟

جاۋاپ: شەرقىي تۈركىستان ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم فوندىنىڭ خىزمەت قىلىدىغان يەرلەردىن ئالاھىدە ئايرىم ئورنى بار يەرلەردىن بىرسى بولۇپ، بىزنىڭ فوند قۇرۇلغاندىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار خىزمەت – پائالىيەت قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. بىز خىزمەت – پائالىيەتلىرىمىزنى ئىككى تۈردە ئېلىپ بېرىۋاتىمىز، بىرىنچىسى: شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يېنىدا بولۇش، ئۇلارنىڭ ماددىي – مەنىۋىي جەھەتتە ئېھتىياجلىرىنى قامداش، ئاز بولسىمۇ قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىش، ئەمما ئەڭ مۇھىم بولغىنى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئەڭ چوڭ مەسئۇلىيىتىمىز دەپ قارايمىز. ھەقىقەتەن دۇنيا جامائىتى شەرقىي تۈركىستاننى بەك ئاز بىلىدۇ، ئۇ يەردىكى قىيىنچىلىق مەسىلىلەرنى ۋە يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنى، قىيىن – قىستاقلارنى ۋە قەتلىئاملارنى بەك ئاز ئىنسان بىلىدۇ. بىلىدىغانلار بەك ئاز بولغاچقا، قارشىلىق كۆرسىتىدىغانلارنىڭ سانى ئاز بولىدۇ، بىز مۇمكىن بولغان بارلىق ئىمكانلارنى ئىشقا سېلىپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى دۇنيادىكى پۈتۈن ئىنسانلارغا بىلدۈرۈشنى ۋە شەرقىي تۈركىستان ھەقلىق بولغان بارلىق قوللاشلارغا ئېرىششىنى بىرىنچى ئورۇندا قويۇپ خىزمەت ئىشلەۋاتىمىز. بۇنىڭغا ئالاقىدار خەلقئارالىق يىغىن ئويۇشتۇردۇق، ئاخباراتلاردا ئۇچۇر ئېلان قىلىۋاتىمىز، بۇلارنى قىلىشتا بىرلىك – باراۋەرلىك ئىچىدە ئېلىپ بېرىشنىڭ بەك مۇھىم ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتتۇق ۋە  بىرلىك ئىچىدە خىزمەت ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. 

 ئەلۋەتتە خىزمەت – پائالىيەتلەر ئايرىم بولىدۇ، ھەر كىم ئۆزىنىڭ خىزمەت – پائالىيەتلىرىنى ئايرىم يولدا ئېلىپ بارىدۇ، ئەمما شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسى دېگەن ھامان ئۇ يەردىكى ئىشغالچىغا قارشى ئورتاق بىر ئىش قىلالايدىغان ئورنىمىز ۋە كۈچىمىز بولىشى كېرەك.  بۇنىڭغا ئالاقىدار بىز ئۆزىمىز ھەم شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار خىزمەت قىلىۋاتقان پۈتۈن قېرىنداشلىرىمىز بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇشنى ھەم  ئۇلار بىلەن بىرلىكتە خىزمەت قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ كەلدۇق، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ قولىمىزدىن كېلىشىچە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئىگە چىقىشنى، ئۇلارنىڭ يېنىدا قېرىنداشلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە يول يۇرۇشنى داۋام قىلىمىز. 

سوئال: ھۆرمەتلىك رەئىس ئەپەندىم، ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم فوندى پەلەستىنگە ئەڭ كۆپ كۆڭۈل بۆلىۋاتقان ۋە پەلەستىن مەسىلىسىنى خەلقئارا كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشكە تىرىشۋاتقان بىر تەشكىلات، ئوخشىمىغان پىكىردىكى كىشىلەر ئارىسىدا، «پەلەستىنگە ياردەم بار، شەرقىي تۈركىستانغا ياردەم يوق» دەپ پەلەستىنـگە ياردەم قىلىۋاتقان تەشكىلاتلارنى تەنقىد قىلىپ پىكىر – ئىنكاسلار بايان قىلغانلار بولدى.  سىز بۇ تەنقىدلەرگە قانداق قارايسىز؟ بۇ توغرىدا نېمە دېمەكچى سىز؟ 

 

جاۋاب: ئۈممەتنىڭ پۈتۈن مەسىلىلىرى بىردەك ئوخشاشتۇر، بەزى مەسىلىلەر رايون خاراكتېرلىق، بەزى مەسىلىلەر پۈتۈن مۇسۇلمانلار كۆڭۈل بۆلىدىغان ھالەتتە بولىدۇ. پەلەستىن ھەممىمىز ئۈچۈن مۇھىم، چۈنكى ئۇ يەردە ئەقسا مەسچىدى بار، ئۇ يەردە ھەممىمىزنىڭ ئىمانىنىڭ بىر پارچىسى بولغان ئەقسا مەسچىدى بار بۇنى قاراپ تۇرۇپ بىر چەتكە تاشلاپ قويۇش مۇمكىن ئەمەس، ئەمما شەرقىي تۈركسىتانمۇ بىزنىڭ جېنىمىز، ئەلۋەتتە بىز پەلەسىتندىمۇ بولىمىز شەرقىي تۈركسىتاندىمۇ بولىمىز،  بىز شەپقىتىمىزنى ھەممە يەرنى بەھىرىمەن قىلالىغۇدەك كەڭ تۇتۇشىمىز كېرەك.  پەلەستىن، سۈرىيە، كەشمىر، ئاراقان ئۈچۈن خىزمەت ئىشلەيمىز، شەرقىي تۈركسىتان ئۈچۈنمۇ ئەلۋەتتە خىزمەت قىلىمىز. پۈتۈن مەسىلىلەر بىرلەشكەن ھامان، پۈتۈن قىيىنچىلىقلار بىرلەشتۈرۈلگەن زامان ، بۇ رايونلاردىكى مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئوخشاش ۋە بىردەك مەسىلە دەپ قاراپ قەدەم باسقان زامان بۇ مەسىلىلەر ھەل بولغان بولىدۇ، خۇدايىم بۇيرىسا بىز ئارزۇ قىلغان ئۇ كۈنلەرنى كۆرىمىز دەپ ئۈمىد قىلىمەن. بىز بۇ چۈشەنچە بىلەن  خىزمەت – پائالىيەت قىلىشقا تىرىشىۋاتىمىز، دۇنيانىڭ پۈتۈن رايونلىرىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ يېنىدا بولۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز. ئۇ يەردە ئىمكانىيەتلىرىمىز چەكلىك بولغانلىقى ئۈچۈن بىر قىسىم ئىشلارنى قىلالماسلىقىمىز مۇمكىن، ئەمما ھېچ بىر ئىش قىلىپ بېرەلمىسەك ئەڭ ئاز دېگەندە ئۇلارنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىمىزنى، ئۇلار بىلەن بىرگە ئىكەنلىكىمىزنى نامايەن قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىشقا تىرىشىۋاتىمىز. پەلەستىن ئۈچۈن خىزمەت – پائالىيەت قىلىۋاتقان قېرىنداشلار مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلارنى قىلىشى كېرەك، مىسال قىلىدىغان بولساق، ھازىر سۈرىيىدە چوڭ بىر كرىزىست يۈز بەردى، بۈيۈك بىر قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتىدۇ، پەلەستىنلىك قېرىنداشلارمۇ سۈرىيە خەلقىگە ياردەم قىلىۋاتىدۇ ۋە ئۇلارنى قوللاۋاتىدۇ، بۇ بىر بىرلىشىش، ھەمكارلىشىش ۋە ياخشى ئىلگىرلەشتۇر، بۇ بىرلىك ۋە ھەمكارلىق بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپىيىدىغانلىقىنى بىلىمەن، شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن بولغان ياردەم ۋە دەستەكنىڭ مىقدارى بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپىيىدۇ دەپ قارايمەن.  

سوئال: ھۆرمەتلىك رەئىس ئەپەندىم، ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار قوشۇمچە قىلىپ باشقا دېمەكچى بولغان يۈرەك سۆزلىرىڭىز بارمۇ؟ 

جاۋاب: شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى، ئۇ يەردە پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن چوقۇم مىللىي كىملىكىمىزنى قوغدىشىمىز كېرەك، قانداق بېسىم بولۇشتىن قەتئىنەزەر، قانداق قىيىنچلىققا ئۇچىراشتىن قەتئىنەزەر، قانداق بىر مۇھىت ۋە شەرت – شارائىتتا ياشاشتىن قەتئىنەزەر چوقۇم «شەرقىي تۈركىستانلىق مۇسۇلمان» دېگەن كىملىكىمىزنى قوغداش ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگەن ئىمكانىيەتلەرنى قىلىشىمىز لازىم. مەن بۇنىڭدىن ئىلگىرى شەرقىي تۈركىستانغا باردىم، ئۇ يەرلەرنى ئايلىنىپ چىقتىم، مەن بارغان ھەر يەردە شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ پۈتۈن بېسىم ۋە قىيىنچىلىقىغا دۈچ كەلگەن بولسىمۇ، ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈش، شۇنچە ئېغىر قىيىنچىلىقلارغا دۈچ كەلگەن بولسىمۇ مىللىي كىملىكلىرىدىن ئۇزاقلىشىپ كەتمەي ياشىغانلىقى ئەلۋەتتە مېنى بەك خۇشال قىلدى. ئەمما ئۇ يەردە يەنە ئىشغالچىلار بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلغان، ئىشغالچىلارغا پۈتۈنلەي سېتىلغان ئىنسانلارنى كۆرۈپ قاتتىق ئەپسۇسلاندۇق، بىز بۇنىڭدىن كېيىنكى جەرىياندا ئۆزىمىزنى قوغدايمىز، مىللىي كىملىكىمىزنى ساقلايمىز، بۇ مىللىي كىملىكنى كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىزغا ئۆگىتىمىز ۋە مىراس قالدۇرىمىز، ھازىر دۇنيادا ھەر شەيىئى ناھايىتى تىز ئۆزگۈرىۋاتىدۇ، ھېچ كىمنىڭ ئەقلىگە كەلمىگەن بۈيۈك سوۋىت ئىتتىپاقى يىمىرىلدى ۋە ئۇ يەردىكى كۆپ ساندا مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىز مۇستەقىللىقا ئېرىشتى، ھېچ قانداق بىر كۈچنىڭ كۈچى ئەبەدىي داۋام قىلمايدۇ، پەقەت ئاللاھنىڭ كۈچى ئەبەدىي داۋام قىلىدۇ، خىتايمۇ يوقايدىغان بىر دۆلەت، بۇنى بىز يا كۆرىمىز ياكى كۆرمەسلىكىمىز مۇمكىن ئەمما خىتاينىڭ يوقىلىشىنى كۆزىمىز بىلەن كۆرۈدىغاندەك ئىشەنچ بىلەن تىرىشچانلىقىمىزنى داۋام قىلىمىز، بىز مىللىي كىملىكىمىزنى قوغدايدىغان بولساق جانابى ئاللاھ ئۇ يەرنىڭ مۇستەقىللىقىنى بىزگە نىسىپ قىلىدۇ، بىز ئۈزىمىز ھەم  بۇ ئۈمىد، چۈشەنچە ۋە ئىدىيە بىلەن ياشايمىز ھەمدە بىزدىن كېيىن كېلىدىغان ئەۋلادلارغا بۇ ئىدىيەلەرنى چوقۇم ئۆگىتىشىمىز كېرەك، خۇدايىم بۇيرىسا بۇنىڭدىن كېيىن ھەممە ئىش تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. 

 ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدا ئېلان قىلىنغان ئاۋازلىق پروگراممىنى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ:

 

 

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close