پائالىيەتلەر

5 – قېتىملىق دۇنيا شەرقى تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى يېغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ

 

 

5 – قېتىملىق دۇنيا شەرقى تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى يېغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ

 شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان، دۇنيا شەرقىي تۈركسىتانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنى بۇ يىل 6 – ئاينىڭ 23 – كۈنىدىن 28 – كۈنىگىچە 6 كۈن داۋام قىلىدۇ.

 

بۇ يىل 5 – قېتىملىقى ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ يىغىنغا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلرىدىن ئۇيغۇرلار تەكلىپ قىلىندى. ئېچىلىش مۇراسىمى ئىستانبۇلدا، كامپ پروگراممى دۈزجىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. كامپىنىڭ مۇددىتى: ئېچىلىش كۈنى ۋە يېپىلىش كۈنلىرى بىلەن قوشۇپ 6 كۈن بولىدۇ.

 

ۋاقتى: بۇ يىلقى رامىزان ئېيى، 7 – ئاينىڭ 7 – كۈنلىرىگە توغرا كەلگەنلىكىتىن ۋە ئەينى ۋاقىتتا ھەر يىلقى 5- ئىيۇل نامايىشلىرىنى نەزەردە تۇتقانلىقتىن كامپ ۋاقتى 6- ئاينىڭ 23 – كۈنىدىن 28- كۈنىگىچە ظېلىپ بېرىلىدۇ.

 

كامپ پروگراممىدا، ئىسلاھات،ئاقارتىشۋەئۆزگەرتىشئېلىپبېرىشتارىخىمىزدىنساۋاقئېلىشبىلەنبىرگە،مىللىتىمىزنىڭنۆۋەتتىكىۋەزىيىتىدەظىسلاھاتئېلىپ بېرىشئۇسۇللىرى ۋە ئاجىزنۇقتىلىرىمىزنى تېپىپ چىقىپ ھەلچارىلىرىھەققىدەتەپسىلىمۇزاكىرەقىلىنىدۇ.

قۇرئان كەرىمدىكى،« ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگۈچە (يەنى اﷲ نىڭ بەرگەن نېمەتلىرىگە تۇزكورلۇق قىلىپ گۇناھلارغا چۈممىگىچە) اﷲ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ (يەنى اﷲ ئۇلارغا بەرگەن نېمەت، خاتىرجەملىك ۋە ئىززەت ـ ھۆرمەتنى ئېلىپ تاشلىمايدۇ).. دىگەن ئاياتكە ئاساسەن ، غايىگە يېتىشنىڭ بىردىنبىر يولى ئىسلاھات بولغانلىقى ئۈچۈن ئۈچ نوقتىدا ئىسلاھات، ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىش يىغىننىڭ ئاساسىي مەزمۇنى بولىدۇ.

شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى قۇرۇلغان 2006 – يىلىدىن بۇيان، قۇرۇلۇش مەقسىتىگە ئۇيغۇن ھالدا، ئىستانبۇل باشچىلىق مۇھاجىرەتتىكى شەرقى تۈركىستانلىق ياش زىيالىلارنىڭ ئۆز ئارا پىكىر  ۋە غايىدە قېرىنداشلىقنىڭ چوڭقۇرلىشىشى ۋە ھەر ساھەدە بىلىم ۋە تەجرىبە ساۋاقلىرىنىڭ يۈكسېلىشى، يېتىشتۈرۈلۈشى مەسىلىسىگە ئەھمىيەت بىرىپ تەربىيە پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. 

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇھاجىرەتتىكى شەرقى تۈركىستانلىقلارنى بىر يەرگە توپلاش ۋە ئۇلار ياشاۋاتقان تىگىشىكلىك دۇنيادىن يېڭى مەلۇمات ۋە تەجرىبىلەرنى ئىگەللەش ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۈگۈنكى كۈنلەردە دۇچ كىلىۋاتقان قىيىنچىلىقلىرى ۋە ئۇنى ھەل قىلىش مەسىلىسىدە يول تېپىش ۋە ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلىش ئۈچۈن ، 2009 – يىلىدىن ئىتىبارەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن شەرقى تۈركىستانلىق زىيالى، ئاكادىمىك، ئىقتىدارلىق رەھبەرلەر ۋە ئاممىۋى جامائەت ۋەكىللىرى ۋە شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىق داۋاسىغا كۆڭۈل بۆلگەن ۋە ئەمىلى خىزمەتتە بولىۋاتقان قىممەتلىك قېرىنداشلارنىڭ قېتىلىشى بىلەن دۇنيا شەرقى تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى يېغىنى پائالىيىتى ئۇرۇنلاشتۇرۇلۇپ كەلمەكتە. 

شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەرىپىدىن ھەر يىلى ئۇرۇنلاشتۇرۇلۇپ كەلگەن بۇ يىللىق دۇنيا شەرقى تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى يېغىنى، 5- قېتىملىق ئۇچرىشىش بولۇپ، 23 – ئىيۇندىن باشلاپ 28 – ئىيۇنغىچە داۋاملىشىدۇ. 

بۇ يىلىقى 5- قېتىملىق دۇنيا شەرقى تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشىغا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا مۇھاجىرەتتە تۇرىۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلاردىن تەركىپ تاپقان ۋەكىللەر قاتنىشىدىغان بولۇپ، بۇ ئۇچرىشىشنىڭ ئېچىلىشى ئىستانبۇل زەيتىنبۇرنۇ مەدىنىيەت ۋە سەنئەت مەركىزى زالىدا ئۆتكۈزىلىدۇ.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان بۇ چوڭ ئۇچرىشىش يېغىنىنىڭ ئىستانبۇل زەيتىنبۇرنۇ مەدىنىيەت ۋە سەنئەت زالىدىكى ئېچىلىش مۇراسىمىغا تۈركىيەدە ياشاۋاتقان پۈتۈن شەرقى تۈركىستانلىق مۇھاجىر قېرىنداشلارنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرى بىلەن كېلىپ قاتنىشىشىغا دەۋەت قىلىدۇ.

  

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button