پائالىيەتلەر

ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش

ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار!

2013 – يىللىق 5 – نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركسىتانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشىنىڭ دالا پائالىيىتىگە قاتنىشىدىغان ھەر بىر قېرىندىشىمىز دىققىتىگە ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز:

1 – قول كومپىيوتېرى ئېلىۋىلىشنى ئۇنتۇماڭ.

2 – بۇ قېتىمقى دالا پائالىيىتىگە پەقەت تىزىملانغان قېرىنداشلار قاتنىشىدۇ. (ۋاقىتقا ۋە تۈزۈمگە قاتتىق رىئايە قىلىشىڭلار ئۈمىت قىلىنىدۇ)

3 – دالا پائالىيىتى ئورنىنىڭ كىچىلىك ھاۋاسى سوغۇقراق بولۇشى مۇمكىن، دالا پائالىيىتىگە قاتنىشىدىغان قېرىنداشلارنىڭ شۇنىڭغا قارىتا تەييارلىق كۆرىشى ۋە كۈندىلىك تۈرمۇش لازىمەتلىكلىرى (چىش چوتكىسى، تەنتەربىيە كېيىمى، سۇغا چۈشۈش كېيىمى، سېپىۋالدى ئاياق دېگەندەك) نەرسىلەرنى ئېلىۋېلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمىز.

چىن سەمىمىيەت، يۇقىرى ئاڭ، ساپ ئەقىدە، ھەقىقى بىرلىك ، جۇشقۇن ئىرادە ۋە قەتئى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن بۇ قېتىمقى 5- نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقى تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى دالا پائالىيىتىنىڭ دىنغا ، مىللەتكە، ۋەتەنگە پايدىلىق بولۇشىنى تىلەيمىز.

ھۆرمەت بىلەن: شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close