خەۋەرلەر

5-نۆۋەتلىك «دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنى» نىڭ تەييارلىق باسقۇچى تاماملاندى

5-نۆۋەتلىك «دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنى» نىڭ تەييارلىق باسقۇچى تاماملاندى

مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان، دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنىنىڭ 5-قېتىملىقى بۇ يىل 6-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەركىزىدە، 5-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۇچرىشىش يىغىنىنىڭ تەييارلىق خىزمەت باسقۇچلىرى توغرىسىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئىدارە ھەيئەت مەسئۇللىرى، سەفاكۆي، زەيتىنبۇرنۇ، ئاقساراي شۆبە باشلىقلىرى، نەشرىيات، تەتقىقات ۋە تەشۋىقات بۆلۈم مەسئۇللىرى بولۇپ جەمئىيەتنىڭ ئاساسىي قاتلام خادىملىرى تولۇق قاتناشتى.

يىغىندا ئاساسلىق بۇ قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان «دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنى»نىڭ ئاساسىي مەقسىتى، يىغىننىڭ مەزمۇنى، يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان تېمىلار، يىغىننىڭ تەييارلىق خىزمەت باسقۇچلىرىنى قانداق ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.

بۇ يىل 5-قېتىملىقى ئۆتكۈزۈلىدىغان «دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنى» غا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ئۇيغۇرلار تەكلىپ قىلىندى. ئېچىلىش مۇراسىمى ئىستانبۇلدىكى بىر كامپىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، كامپىنىڭ مۇددىتى: ئېچىلىش ۋە يېپىلىش كۈنلىرى بىلەن قوشۇپ 6 كۈن داۋام قىلىدىكەن.

بۇ يىغىنغا دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدىن ئۇيغۇر زىيالىيلار، تەتقىقاتچىلار، ئۆلىمالار ۋە جەمئىيەت رەئىسلىرى تەكلىپ قىلىنغان.

5‏-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنى قاچان؟ قەيەردە باشلىنىپ قاچان ئاخىرلىشىدۇ؟ بۇ يىغىننىڭ تەييارلىق خىزمەت باسقۇچى قانداق كېتىۋاتىدۇ؟ بۇ يىلقى يىغىن نېمە مەزمۇندا ئۆتكۈزۈلىدۇ؟ بۇ قېتىمقى يىغىن نېمە مەقسەتتە ئۇيۇشتۇرۇلدى؟ يىغىننىڭ ئاساسىي مەقسىتى نېمە؟ بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندىن قانداق نەتىجىلەر ئوتتۇرىغا چىقتى؟ بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىغا ئېرىشىش ئۈچۈن يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كامپ پروگراممىدا، ئاساسلىقى ئىسلاھات، ئاقارتىش ۋە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىش، يەنى تارىختىن ساۋاق ئېلىش بىلەن بىرگە، مىللەتنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ئۇسۇللىرى ۋە ئاجىزلىق نۇقتىلارنى تېپىپ چىقىپ ھەل قىلىش چارىلىرى توغرىسىدا تەپسىلىي مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.

قۇرئان كەرىمىدىكى، «ھەر قانداق بىر قوۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزى ئۆزگەرتمىگۈچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ…» دېگەن ئايەتنى ئاساس قىلىپ، ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋە تەشكىلىي ئاپپارات جەھەتتە ئاقارتىش ۋە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

يىغىندا ئاساسلىقى ئۈچ چوڭ تېما ۋە 18 تارماق تېمىدا سۆز قىلىنىپ پىكىر-ئالماشتۇرۇش ۋە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدۇ.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ بۇ ھەقتە تارقاتقان ئاۋازلىق پروگراممىنى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ:

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close