پائالىيەتلەر

‏5 ‏- نۆۋەتلىك «دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى يىغىنى» ئېچىلىش مۇراسىمى بىلەن رەسمى باشلاندى

5 ‏- نۆۋەتلىك «دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى يىغىنى» ئېچىلىش مۇراسىمى بىلەن رەسمى باشلاندى

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەرىپىدىن ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان،   «دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى يىغىنى»نىڭ 5 ‏- قېتىملىقى 2013 ‏- يىلى 6 ‏- ئاينىڭ 23 ‏- كۈنى ئىستانبۇلدىكى زەيتىنبۇرنۇ مەدەنىيە مەركىزىنىڭ يىغىن زالىدا ئېچلىش مۇراسىمى بىلەن رەسمى باشلاندى. 

يىغىننىڭ ئېچلىش مۇراسىمىغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئەزالىرى، ئاممىۋىي تەشكىلات مەسئۇللىرى، سىياسىي پارتىيە ۋەكىللىرى ۋە تەتقىقاتچىلار، ئاخباراتچىلار ۋە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئەر – ئايال بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى. يىغىنغا يەنە، ئامېرىكا، ياۋروپا، ئوتتۇرا شەرق ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بولۇپ 16 دۆلەتتىن ئۇيغۇر زىيالىيلار، جەمئىيەت مەسئۇللىرى، تەتقىقاتچىلار ۋە دىنى ئالىملارمۇ قاتناشتى. 1000 كىشىلىك يىغىن زالى ئىشتىراكچىلار بىلەن لىق تولغان بۇ يىغىنغا ئىنسان مەدەنىيەت ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ئىدارە ھەيئەت مەسئۇلى يۈسۈپ ئۆجالان ئەپەندى رىياسەتچلىك قىلدى. 

يىغىن قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىش بىلەن باشلاندى، يىغىندا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئېچىلىش نۇتىقى سۆزلىدى. كېيىن يىغىنغا ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان مىسىر سۈننى ئالىملار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى سەففات ھىجازى ۋە مۇئاۋىن رەئىسى مۇسا شەرىف، ئىستانبۇل زەيتىنبۇرنۇ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ئىلياز ساكا، خەلقئارا قانۇنشۇناسلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى پروفېسسۇر نىجاتى جەيلان، ياۋروئاسىيا تۈرك جەمئىيەت بىرلىكىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل چىنگىز، سوففا ۋەخپى رەئىسى مۇستافا كەمالئۆزتۈرك ئەپەندى، ئامېرىكىدىن كەلگەن ئۇيغۇر زىيالى ئىلشاد ھەسەن ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى خەيرۇللاھ ئەپەندى،  ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىىيىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئەيسا قارى ساۋۇت، شۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى نىجات تۇرغۇن، سەئۇدىي ئەرەبىستاندىن كەلگەن ئۇيغۇر زىيالى ئابدۇلئەھەد ئۇچقۇن، قازاقىستان ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى باشلىقى ئەلشىر ئەپەندى، فىنلاندىيە ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى مۇھەممەد ئېلى قارىم، نۇرۋىگىيە ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ مەسئۇللىرىدىن تۇرغۇنجان، قاتارلىق ۋەكىللەر بىر بىرلەپ سەھنىگە چىقىپ سۆز قىلدى. 

يىغىن جەرىيانىدا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلغان ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى. كېيىن ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر گۇرۇپپىسى شېئىر دېكىلىماتسىيە قىلدى ۋە كۆك بايراق بىلەن نومۇر كۆرسىتىپ قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى. 

يىغىندا سۆز قىلغان ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بۇ قېتىمقى قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يېغىنىغا قاتناشقان بارلىق تەشكىلات رەھبەرلىرى ۋە مىھمانلارغا رەھمىتىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 64  يىلدىن بىرى خىتاي ئىشغالىيىتى ئاستىدا كىشىلىك ھەق ھۇقۇقلىرىدىن ، ئىتىقادى ئەركىنلىكىدىن ۋە مىللىي مەدەنىيەت ھۇقۇقلىرىدىن  مەھرۇم ھالدا ياشاپ كەلگەنلىكى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۆز كىملىكىنى، مەدىنىيىتىنى، ئىتىقادى ئەركىنلىكىنى ۋە كىشىلىك ھەق ھۇقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن  64 يىلدىن بىرى ئۆزلۈكسىز قارشىلىق قىلىپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلدى. 

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزىدە، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دۇچ كىلىۋاتقان قىيىنچىلارغا چىقىش يولى تېپىش ئۈچۈن چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇپ، پىكىر، ئاڭ ۋە چۈشەنچە بىرلىكى ھاسىل قىلىش مەقستىدە دۇنيا شەرقى تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى پائالىيىتى ئۇرۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ، 5 يىلدىن بىرى شۇ شەكىلدە دۇنيا شەرقى تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ۋە كۆرۈنەرلىك نەتىجىنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى بىلدۈردى. 

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزىدە يەنە  بۇ قېتىمقى 5- نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقى تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى يىغىنىنىڭ ئىسلامىي جەھەتتىكى ئىسلاھات، مىللىي سىياسەت جەھەتتە ئىسلاھات ،تەشكىللىنىش ۋە باشقۇرۇش جەھەتتە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش دېگەنگە ئوخشاش ئۈچ ئاساسىي تېمىلار بويىچە 18 تارماق تېمىلاردا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى. 

يىغىندا. تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردۇغان قاتارلىق 20 دىن ئارتۇق مىنىستىرلارنىڭ، 5 ‏- نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنى تەبرىكلەپ يوللىغان تېلېگىرافلىرى ئوقۇپ ئۆتۈلدى. 

يىغىن زالىنىڭ ئالىدىدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەرىپىدىن تەييارلانغان رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى، يېڭىدىن نەشىر قىلىنغان كىتابلار تارقىتىلدى. تەشۋىقات بۆلۈمى ۋە تەتقىقات بۆلۈملەرنىڭ خىزمەت پائالىيەتلىرى تونۇشتۇرۇلغان كۆرگەزمىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ئۆرۈپ ئادەتلىرى ۋە ئۈرۈمچى قەتلىئامى ئەكىس ئەتتۇرۇلگەن رەسىملەر كۆرگەزمىگە قويۇلدى. شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ تەشۋىقات بۆلۈمى بولغان ئىستىقلال رادىئو – تېلېۋىزىيە بۆلۈمى تەرىپىدىن تەييارلانغان ۋى سى دى پىلاستىنكىلار تارقىتىلدى. 

ئېچلىش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن مېھمانلار 5 ‏- نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنىنىڭ 5 كۈنلۈك دالا پائالىيىتى ئۈچۈن  ئىككى چوڭ ئاپتۇبۇسقا ئولتۇرۇپ دۈزجە شەھىرىگە يۈرۈپ كەتتى. 

ئېچىلىش مۇراسىمى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىن 5 كۈن داۋام قىلىدىغان بولۇپ، يىغىننىڭ كېيىنكى بۆلۈمى تۈركىيىنىڭ دۈزجە شەھىرىگە يېقىن ساياھەت رايونىدىكى فەنەرباغچە پوتبول كولۇبىغا قاراشلىق مېھمانخانىدا داۋام قىلماقتا. 

 
تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close