پائالىيەتلەر

‏5- نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنىنىڭ كامپ پروگراممى جەمئىيىتىمىز رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخاننىڭ ئېچلىش نۇتىقى بىلەن باشلاندى

 ‏5- نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنىنىڭ كامپ پروگراممى جەمئىيىتىمىز رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخاننىڭ ئېچلىش نۇتىقى بىلەن باشلاندى

 2013 ‏- يىلى 24- ئىيۇن دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەت 9 دە، دۈزجى ساياھەت رايۇنى يىغىن زالىدا ئەتىگەنلىك پروگرامما رەسمى باشلاندى.  پروگراممىغا شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان رىياسەتچىلىك قىلدى.

پروگرامما سەيپىدىن قارىنىڭ قۇرئان تىلاۋەت قىلىشى بىلەن باشلاندى. 

دەسلەپكى پروگرامما ئېچىلىش نۇتىقىنى جەمئىيەتنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆزلىدى.

ئۇ سۆزىدە ئاللاغا ھەمدۇ پەمغەمبەر ئەلەيھىسسالا م ۋە ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابە كىراملىرىغا دۇرۇت سالاملار يوللىغاندىن كىيىن، دالا پائالىيىتى ئۈچۈن بۇ يەرگە جەم بولغان قېرىنداشلارغا رەھمەت ئېيتتى ۋە ھەممەيلەنگە ئاللادىن مۇۋاپىقىيەت تىلەيدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى. 

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، بۇ قېتىمقى 5- قېتىملىق دۇنيا شەرقى تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش پائالىيىتىنىڭ ، «ھەر قانداق بىر مىللەت ئۆزىنى ئۆزى ئۆزگەرتمىگىچە ئاللا ئۇ مىللەتنىڭ ھالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ » دېگەن ئايەتنىڭ مەزمۇنىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى، بۇ قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشىنىڭ تەدرىجى ھالدا تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خەتەرلىك تەھلىكە ئۈستىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئىگىلىك ھۇقۇقىدىن مەھرۇم قېلىۋاتقانلىقىنى ، كىشىلىك ھۇقۇقىنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئىنتايىن تىز سۈرئەتتە شەرقى تۈركىستانغا ئېقىپ يەرلەشتۈرۈلۈۋاتقانلىقىغا ئوخشاش تاجاۋۇزچى خىتاي  دائىرىلىرىنىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى چېكىدىن ئاشقان زۇلۇملىرىنى زىكىرى قىلدى ۋە بىز ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز ئۆزگەرتمىسەك ئاللا ھالىمىزنى ئۆزگەرتمەيدۇ. ئاللاھ بىزنى زۇلۇم ۋە ئىشغالىيەت ئاستىدا ياشاشقا بۇيرۇمىدى. بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە ئىسلامى ئىسلاھات ، سىياسى ئىسلاھات ۋە ئىدارى ئىسلاھاتتىن ئىبارەت بۇ ئۈچ نوقتىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

كېيىن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن يىغىن ئەھلى بىر – بىرلەپ ئۆزلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى شۇنىڭ بىلەن قېرىنداشلىق يىغىنى رەسمى باشلىنىپ كەتتى. 

بۇ يىغىنغا كېلىشنى ئارزۇ قىلىپ كېلەلمىگەن قېرىنداشلارغا يىغىن توغرىسىدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ تور سەھىپىسى ئارقىلىق 

داۋاملىق ئۇچۇر ئېلان قىلىمىز. 

 
تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close