پائالىيەتلەر

يىغىندا ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلامى ئىسلاھات توغرىسىدا توختالدى

يىغىندا ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلامى ئىسلاھات توغرىسىدا توختالدى

5 – نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقى تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش كامپ پروگراممىنىڭ بىرىنجى كۈنىدىكى ئىككىنجى قېتىملىق يىغىندا شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدا ئىسلامىي ئىسلاھات ھەققىدە لىكسىيە بىرىلدى.

”ئىسلام دىنى ئىسلاھات قىلىشقا ئېھتىياجلىق ئەمەس، بەلكى ئىسلام دىنىنىڭ ئۆزى ئىنسانلارنى پۈتۈن ساھەدە ئىسلاھ قىلىدىغان ۋە ياكى ھەقىقى ئىسلاھات يولىغا باشلايدىغان ئىلاھى بىر قانۇنىيەتتۇر“ دېگەن  شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش نازىرى ئۇستاز ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم، ئىسلامى ئىسلاھات دېگەندىن مەقسەت ، ئىسلامىي قانۇن – پىرىنسىپلەر ئارقىلىق ئۆزىمىزنى ئىسلاھ قىلىش دېگەننى ئوقتۇرىدۇ، دېدى.


ئۇستاز ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم يەنە مۇنداق دېدى: ۋەتىنىمىزدىكى شەرقى تۈركىستان خەلقى مۇسۇلمان بىر مىللەتتۇر، لېكىن ھەر خىل بېسىم ۋە ياكى ھەر تۈرلۈك ئويۇنلار ئارقىلىق ھەر خىل شەكىلدىكى خاتا چۈشەنجىلەر مىللەتنىڭ ئېڭىغا مەجبۇرى سىڭدۈرۈلمەكتە. نۆۋەتتە كۆپ ساندىكى خەلقنىڭ ، خۇسۇسەن شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ ئاللاھنى ھەقىقى شەكىلدە تۇنۇماي ، خىتايلار ئۇنداق كۈچىيىپ كەتتى، مۇنداق تەرەققى قىلىپ كەتتى، خىتايغا تاقابىل تۇرغىلى بولمايدۇ دېگەندەك سەپسەتىلەرگە ئالدىنىپ ، ئىشغالدىن قۇتۇلۇشقا ھەرىكەت قىلماسلىقى ، ئەكسىچە ئۆزىنى ئىزىۋاتقان تاجاۋۇزچى دۈشمەنگە ھەمكارلىشىپ، ئۆز مىللىتىنىڭ خارلىنىشىغا سەۋەپ بولىشى ئىنتايىن بىر ئېچىنىشلىق ئەھۋالدۇر.

شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ يۇقىرىدىكى ئاڭغا كىلىپ قالغانلىقىنى قاتتىق تەنقىدلىگەن باش نازىر ئابدۇلھەكىمخان تەكلىماكان، بىز مۇسۇلمانلارنىڭ ئاللاھنىڭ قۇدرەت كۈچىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىزنى، ئاللاھنىڭ قۇدرەت كۈچى ئالدىدا خىتاينىڭ تەرەققىيات كۈچىنىڭ ھېچنەرسە ئەمەسلىكىنى، بىز ئاللاھ قۇرئاندا كۆرسەتكەن بويىچە ئىرادىمىزنى ھەقىقى ئىسلاھ قىلالىساق، ئاللاھنىڭ نۈسرەت ياردىمىگە ئىرىشەلەيدىغانلىقىمىزنى ۋە ئىسلامنىڭ ، جۈملىدىن شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەڭ ئەشەددى دۈشمىنى بولغان خىتايلارغا ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن تاقابىل تۇرالايدىغانلىقىمىزنى جاكارلىدى ۋە بۇ دۇنيادا شەرەپ بىلەن ياشاپ، شەرەپ بىلەن كېتىشىمىز كېرەك دېدى.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: مۇھەببەت ۋە نەپرەت مەيدانىمىز ئېنىق بولىشى ، دوست – دۈشمىنىمىزنى ئېنىق پەرقلەندۈرۈشىمىز كېرەك. ئاللاھنىڭ دۈشمىنى، شۇنداقلا شەرقى تۈركىستاننى تامامەن يوق قىلىۋېتىمەن دەۋاتقان تاجاۋۇزچى خىتاينى ئېنىق چۈشۈنىشىمىز ۋە بىزنىڭ ئەڭ ئەشەددى دۈشمىنىمىز دەپ بىلىشىمىز كېرەك. دوست – دۈشمەن ، مۇھەببەت – نەپرەت مەيدانىدا خىتاينىڭ بىزنىڭ ئەشەددى دۈشمىنىمىز ئىكەنلىكىنى ئۇقالماسلىقىمىز چوڭ بىر خاتالىقتۇر ھەمدە ئىسلام روھىغا تامامەن خىلاپتۇر.

شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ئۆزىمىزنىڭ مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئۇستاز ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم، ئۆز مەسئۇلىيىتىمىزنى تۇنۇماسلىقىمىز ئېغىر بىر خاتالىقتۇر. بىزنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇمىز ھەقىقى بولسا، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ئېچىنىشلىق پاجىئەلەر بىزنى ھەرگىز بىخۇد ھالدا يۈرۈشكە يول قويمايدۇ دېدى.

 


مۇسلىم

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close