خەۋەرلەر

جىددى ئۇقتۇرۇش

ئىشغالچى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت، ناھىيە ۋە رايۇن – يېزىلىرىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى داۋام قىلماقتا. خىتاي ئىشغالچى كۈچلىرى بىر قانچە كۈن ئىچىدە تۇرپان ۋە خوتەن شەھىرلىرىدە قاتتىق باستۇرۇش، ئۆلتۈرۈش ۋە تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاي جاللاتلىرى جىددىي ھالەت ئېلان قىلىپ پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستان شەھەر يېزىلىرىنى مۇھاسىرگە ئالدى. يوللاردا تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ شەھەر ئىچى ۋە سىرتىغا كىرىپ چىقىشنى تۇساپ شەرقىي تۈركىستاننى ئۈستى ئۈچۇق تۈرمىگە ئايلاندۇردى. نۆۋەتتە بىز نېمە ئىش قىلالايىمىز؟ نېمە قىلىش ئىمكانىيىتىمىز بار؟ ھەر بىر مۆمىن مۇسۇلمان بۇ سوئالنى چوڭقۇر ئويلىنىشى كېرەك. ئۇ يەردە قېرىنداشلىرىمىز ئىمان ئېتىقادى ئۈچۈن، ھۆرلۈك ئازادلىقى ئۈچۈن جېندىن كېچىپ شەھىد بولىۋاتسا، ئىمان ئېتىقادىنى قوغداش ئۈچۈن ئوتنىڭ ئۈستىگە دەسسەپ تۇرىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بىز ھۆر دۇنيادا تۇرۇپ نېمە ئىش قىلىشىمىز كېرەك؟ نېمە ئىش قىلىش قولىمىزدىن كېلىدۇ؟ ھەر بىر مۇمىن مۇسۇلمان بۇ سوئالنى چوڭقۇر ئويلىنىشى كېرەك. ئىمانىنى بۇ سوئالغا جاۋاپ تېپىش بىلەن ئۆلچىشى كېرەك. نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 7 ‏- ئاينىڭ 3 ‏- كۈنى چارشەنبە ئەتتىگەن سائەت 10:00 دا İHH ئىنسانى ياردەم ۋەقپىدە خىتايغا قارشى بايانات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ۋاقتىدا كېلىپ قاتنىشىىشى قاتتىق تەكىتلىنىدۇ.

ۋاقتى: 2013‏- يىلى 7 ‏- ئاينىڭ 3 ‏- كۈنى سائەت 10:00 دە

ئورنى İHH ئىنسانى ياردەم ۋەقپىدە فاتىھ جامىئەسىنىڭ يېنى.

ھۆرمەت بىلەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى

ئالاقىلىشىش تېلېفۇن نومۇرى: 5232877-212

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close