پائالىيەتلەر

ئۈرۈمچى قەتلىئامىنىڭ 4-يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئۈرۈمچى قەتلىئامىنىڭ 4-يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

7-ئاينىڭ 6-كۈنى ئۈرۈمچى قەتلىئامىنىڭ 4-يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى بىرلىكتە، «شەرقىي تۈركىستانغا ئازادلىق مۇنبىرى» نامى ئاستىدا نامايىش ئۆتكۈزدى.

نامايىشقا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە تۈرك ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن 600 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. نامايىشچىلار قوللىرىدا شەرقىي تۈركىستان بايرىقى ۋە تۈرك بايراقلىرى كۆتۈرگەن ھالدا خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى ئالدىغا كەلدى.

نامايىشچىلارنىڭ قوللىرىدا، «شەرقىي تۈركىستان ئۈرۈمچى قەتلىئامىنى ئەيىبلەيمىز»، «غەيرەت قىل شەرقىي تۈركىستان، قېرىنداشلىرىڭ سېنىڭ يېنىڭدا»، «شەرقىي تۈركىستانغا ئازادلىق»، «خىتاي مېلى ئالما بۇ ۋەھشىيلىككە سۈكۈت قىلما»، «ئۇيغۇرلار يوق بولۇش تەھدىت ئاستىدا» دېگەنگە ئوخشاش خەتلەر يېزىلغان ۋىۋىسكا-تاختىلارنى كۆتۈرگەن ھالدا شوئار توۋلىدى.

نامايىشچىلار بىردەك، «ئىشغالچى قىزىل خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەت»، «ھەق-ھوقۇق ئادالەت، ئۇيغۇرلارغا ھۆرىيەت»، «ياشىسۇن مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان»، «قېرىنداشلىرىڭ سېنىڭ بىلەن شەرقىي تۈركىستان» دېگەنگە ئوخشاش شوئارلار توۋلىدى.

نامايىشقا كۆپ ساندا مۇخبىرلار كەلگەن بولۇپ، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. دوكتور ئۆمەر قۇل، «شەرقىي تۈركىستانغا ئازادلىق مۇنبىرى» نامىدا 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قەتلىئامىغا ئالاقىدار تەييارلانغان باياناتنى ئوقۇپ ئۆتتى.

ئۆمەر قۇل سۆزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئازادلىق كۈرىشىنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 4-يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ يەرگە جەم بولغان شۇ پەيتتە، خىتاينىڭ چېكىدىن ئېشىپ ئەسكەر كۈچى بىلەن باستۇرۇش ھەرىكىتى يۈرگۈزۈۋاتقان جىنايى قىلمىشلىرىنى قاتتىق نەپرەت بىلەن ئەيىبلەيمىز. قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دۇنيا جامائىتىنىڭ كۆز ئالدىدا يەنە بىر قېتىم قىرغىنچىلىققا ئۇچرىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز. بىز شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەركىنلىكى، مۇستەقىللىقى ۋە ھەق-ھوقۇقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرىشىدە ھەر زامان ئۇلارنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىمىزنى ئېلان قىلىمىز.

دوكتور ئۆمەر قۇل سۆزىدە يەنە، ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنىڭ خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسەتلىرى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققانلىقى ۋە بۇنىڭدىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: ئۇ يەردە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ۋە دىنىي ۋە مىللىي قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى پۈتۈنلەي ئىشغالچى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق قول باستۇرۇش سىياسەتلىرى سەۋەبىدىن، خەلقىمىزنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشى، جان ۋە ماللىرىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشى ۋە خىتاينىڭ ھەقسىز كۆچمەن يۆتكەش سىياسىتى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىۋاتىدۇ. بۇلارنى باھانە قىلىپ شەرقىي تۈركىستانغا ئەسكەر يۆتكىگەن ۋە پۈتۈن رايوننى ئەسكەر بىلەن لىق تولدۇرغان خىتايغا قارشى يەنە بىر قېتىم ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىغا ئوخشاش بىر قىرغىنچىلىقنىڭ يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق دۇنيا جامائىتىنى چاقىرىق قىلىمىز.

ئۇيغۇرلارنى قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن گالاتاساراي پۇتبول كوماندىسى ئۇلترا ئاسلان گۇرۇپپىسىنىڭ يۈزلىگەن قوللىغۇچىلىرى نامايىشقا قاتناشتى ۋە يۇقىرى ئاۋازدا نامايىش توۋلاپ ئەتراپنى زىلزىلىگە سالدى.

ئاخىرىدا خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ دەرۋازىغا «شەرقىي تۈركىستانغا ئازادلىق مۇنبىرى» دەپ چوڭ خەت يېزىلغان قارا چەمبىرەك قويۇلدى.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ بۇ ھەقتە تارقاتقان ئاۋازلىق پروگراممىسىنى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ. 

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close