خىتاي قەتلىئامىغا قارشى ئىستانبۇلدا بايانات ئېلان قىلىندى

شەرقى تۈركىستاندىكى خىتاي قەتلىئامىغا قارشى تۈركىيە ئىستانبۇلدا بايانات ئېلان قىلىندى

شەرقى تۈركىستان يەنە يېڭى بىر قەتلىئامغا دۇچار بولۇش ئالدىدا تۇرۋاتىدۇ، ھازىر شەرقى تۈركىستاننىڭ ھەر يېرىدە ھەربى ھالەت يۈرگۈزىلىۋاتىدۇ، ئۆي – ئۆيلەردە نالە – پەرياتلار ئاڭلىنىۋاتىدۇ. ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا خىتاي ئەسكەرلىرى ۋە تانكىلىرى خەلىققە قورقۇنچ سېلىۋاتىدۇ.  ھەقىقەتنى خەلقارا ئاڭلىسۇن، نەپىسىڭىزنىڭ ھەر بىر تېنىقى ئۈرۈمچى ، تۇرپان، قەشقەر ، خوتەن دەپ چىقسۇن!

مۇشۇ نوقتىدىن 3- ئىيۇل چارشەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەت 11 دە تۈركىيە ئىستانبۇل ئى ھا ھا ئىنسانى  ياردەم ۋەقپى مەركىزى يېغىن زالىدا ، شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ۋە ئى ھا ھا ئىنسانى ياردەم ۋەقپىنىڭ بىرلىكتە ئۇرۇنلاشتۇرۇشى بىلەن شەرقى تۈركىستاندا تاجاۋۇزچى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن  يۈز بېرىش ئىھتىمالى بولغان ئۇمۇمى قەتلىئامغا قارشى بايانات ئېلان قىلىش يېغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

 

يېغىندا تۈركىيەدە ئاكتىپ پائالىيەتلەردە بولۇۋاتقان تەشكىلاتلاردىن ئى ھا ھا ئىنسانى ياردەم ۋەقپى رەئىسى بۇلەنت يىلدىرىم، شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان، شەرقى تۈركىستان ۋەقپى باش كاتىپى ئۆمەر قۇل، شەرقى تۈركىستان سۆيگۈ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى يۇسۇف يۇسۇف ئوغلۇ، شەرقى تۈركىستان ياشلار جەمئىيىتى رەئىسى تىبەت يۈجە تۈرك، ئىسلام دۇنياسى ئىجتىمائى تەشكىلاتلىرى باش كاتىپى ئەلى كۇرت، خەلقارا قانۇنشۇناسچىلار بىرلىگى رەئىسى نىجاتى جەيلان، ئىجتىمائى ھەمكارلىق ئۇيۇشمىسى رەئىسى ئايخان ئۆگان، شەرقى تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتى رەئىسى  ياقۇپجان، ئىنسان ۋە مەدەنىيەت ھەرىكىتى ۋەكىلى ۋە مەزلۇمدارلار جەمئىتى ۋەكىلى رامىزان بەيلەر ئايرىم – ئايرىم سۆز قىلدى.

خىتاي ئىشغالچىلىرىنىڭ 64 يىلدىن بىرى شەرقى تۈركىستاندا بېسىم ۋە زۇلۇم سىياسىتىنى ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان، تاجاۋۇزچى خىتاي دائىرىلىرى ئاخىرقى كۈنلەردە شەرقى تۈركىستان خەلقىگە بولغان بېسىم ۋە زۇلۇم سىياسىتىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇردى، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى نورمال نەپەس ئالالمىغۇدەك ھالغا كەلتۈردى. يەنە بىر تەرەپتىن ئىچكىرىدىن يۆتكەپ كەلگەن خىتاي كۆچمەنلىرىگە ياشاش شارائىتى ھازىرلاش مەقسىتىدە يەرلىك خەلقنىڭ ئۆيى، خىزمىتى ۋە زىرائەت يەرلىرىنى مەجبۇرى تارتىۋالدى ۋە شەھەرلەشكەن مەركىزى رايۇنلاردىن سەھرا – يېزىلارغا كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇرلىۋاتىدۇ دېدى.

يەرلىك خەلقنىڭ بۇ ئادالەتسىز بېسىم سىياسىتىگە قولىدىن كىلىشىچە قارشى تۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئوغوزخان، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھەقسىز ۋە ئادالەتسىز سىياسەتلىرىگە قارشى سۆزلەنگەن بىر ئېغىز گەپمۇ تېرور دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈپ پېرسوناژلاندۇرۇلۇۋاتىدۇ، بىر قانچە ئۇيغۇرنىڭ بىر يەرگە جەم بولىشىدىن ساراسىمىلەنگەن خىتاي ئامانلىق ساقلاش قىسىملىرى، قوللىرىدا ھېچقانداق بىر نەرسە بولمىغان جامائەتكە ئوت ئاچقان . بىرىنجى كۈنى خىتاي ئاخباراتى ۋەقە يېرىدە 27 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقنى ئۇقتۇردى. لېكىن كىيىنچە بۇ ساننىڭ 46 ئىكەنلىگى مەلۇم بولدى. ۋەقەلەر قانلىق بىر شەكىلدە باستۇرۇلغاندىن كىيىن تۇرپان شەھىرى مىقياسىدا تىك ئۇچار ۋە ئايرۇپىلانلار ياردىمىدە باستۇرۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بىرىلدى ۋە نۇرغۇن گۇناھسىز ئۇيغۇر ياشلىرى قولغا ئېلىندى. شۇنى جاكارلايمىزكى بىز ئاخىرقى نەپىسىمىزغىچە ھەق – ھۇقۇقىمىزنى قوغدايمىز. ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە 2009- يىلى 5- ئىيۇل ۋەقەلىرىنىڭ يىللىق خاتىرلەش كۈنى بار. خىتاي باش مىنىستىرى قاتتىق بىر پۇزىتسىيەدە بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. بۇ ئۇقتۇرۇش بىلەن بىرگە ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ئۇيغۇرلارغا قارشى سىستىمىلىق چوڭ بىر قەتلىئام ۋەقەسى يۈز بىرىش ئىھتىمالى باردۇر. تۈركىيە ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ ياردەم قىلىشىنى ئۈمىت قىلىمىز دېدى.   

 

5- ئىيۇل ۋەقەلىرىنىڭ يىللىق خاتىرلەش كۈنى يېقىنلىشىۋاتىدۇ، شەرقى تۈركىستاندا مىليۇنلارچە خىتاي ئەسكەرلىرى ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان تۇرۇقلۇق،  ھازىرنىڭ ئۆزىدە يەنە يۇز مىڭلارچە ئەسكەر تانكىلار بىلەن پۈتۈن شەرقى تۈركىستان مىقياسىغا ئۇرۇنلاشتۇرۇلدى دېگەن ئى ھا ھا ئىنسانى ياردەم ۋەقپى رەئىسى بۇلەنت يىلدىرىم،  بىز بۇ يەردە چوڭ بىر قەتلىئامنىڭ پىلانلانغانلىقىنى ھىس قىلىۋاتىمىز، تارىختىن بۇيان شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ يېنىدىن ئۇرۇن ئالغان تۈركىيەگە شۇنى خىتاپ قىلىمەنكى،  دەرھال پۈتۈن دىپلۇماتىيە مۇناسىۋەتلەرنى ئۆزگەرتىپ ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە يۈز بىرىش ئىھتىمالى بولغان قەتلىئامنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا قەدەم بېسىشىمىز كېرەك دېدى.

ئىسلام دۇنياسى رەھبەرلىرىگە خىتاپ قىلغان يىلدىرىم، خىتاي دائىرىلىرى بۇ مەسىلىدە قاتتىق پۇزىتسىيەدە ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى سۆزلەۋاتىدۇ، ئىسلام دۇنياسى لىدەرلىرى دەرھال بىر يەرگە جەم بولىشى كېرەك. ھازىر ئىسلام دۇنياسى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى تىجارەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۆلچىمى 300 مىليارت دوللاردۇر. ئەگەر بۇ مۇناسىۋەتلەر قوللىنىلسا خىتاي بۇ قەتلىئاملار نىيىتىدىن يانىدۇ. بۇ يەردىن خىتاي دائىرىلىرىگە شۇنى خىتاپ قىلىمەنكى، 2009- يىلى 5- ئىيۇلدا ئېلىپ بارغان ئۈرۈمچى قەتلىئامىغا ئوخشاش ھەرىكەتتە بولسىڭىز، پۈتۈن كوچىلار خىتايغا قارشى نامايىشقا تولىدۇ، ماللىرىڭىز بايقۇت قىلىنىدۇ ۋە خىتاي ماللىرىغا قارشى بايقۇتقا خەلقارالىق چاقىرىق قىلىنىدۇ. خىتاي دائىرىلىرىغا بۇ يەردىن تېخىمۇ سالماق بولىشى كېرەكلىكىنى ئەسلىتىمىز دېدى.

ئەڭ ئاخىرقى قېتىم خەلقارا لىدەرلىرىگىمۇ چاقىرىق قىلغان بۇلەنت يىلدىرىم، ھەممە نەرسىنى سىياسى ئۆلچەم ۋە ئىقتىسادى مەنپەئەتكە باغلايسىلەر. ئەگەر خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندا ئېلىپ بارىدىغان قەتلىئامىغا ئاۋازسىز سۈكۈتتە تۇرساڭلار، دۇنيا خەلقلىرى بۈگۈن كوچىلارغا قانداق چىققان بولسا ، تېخىمۇ كۆپ ساندا كوچىلارغا چىقىپ نارازىلىق بىلدۈرىدۇ. بۇ پۈتۈن دۇنيانى كابۇسقا ئايلاندۇرىدىغان ئىشلاردىن بىرى بولىدۇ دېدى.

شەرقى تۈركىستان خەلقى ھەرگىز يالغۇز ئەمەس دېگەن يىلدىرىم ، پەقەت شەرقى تۈركىستان ئەمەس ، پۈتۈن دۇنيادىكى ئىزىلىۋاتقان خەلق يالغۇز ئەمەس، ئارقىسىدا بىز بار دېدى.

About admin

Leave a Reply