پائالىيەتلەر

جەمئىيىتىمىزنىڭ ياز تەتىل كۇرسى ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن دالا تامىقى پائىلىيىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى

جەمئىيىتىمىزنىڭ ياز تەتىل كۇرسى ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن دالا تامىقى پائىلىيىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى


 

5- ئىيون جۈمە كۈنى مائارىپ جەمىئىيىتىمىزنىڭ يازلىق تەتىل قۇرئان ۋە ئانا تىلدا تەربىيلەش كۇرسىمىزنىڭ زەيتىنبۇرنۇ شۆبىسىدىكى ئوقۇغۇچىلىرىغا رامىزاندىن بۇرۇن دالا تامىقى پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، دالا تامىقى پائالىيىتىگە  كۇرسىمىزغا  ئوقۇشقا تىزىملاتقان 50 كە يېقىن قىز – ئوغۇل ئوقۇغىچىلىرىمىزدىن ۋە ئوقۇتقۇچىلىرىمىزدىن بولۇپ خېلى كۆپ ساندىكى كىشى قاتناشتى. يېشى كىچىك بالىلىرىدىن ئەنسىرەيدىغان بىرقانچە ئانىلارمۇ دالا پائالىيىتىگە ياردەملىشىش ئۈچۈن قاتناشتى.

 

دالا پائلىيىتى زەيتىنبۇرنۇ رايۇنىنىڭ ساھىل تەرەپتىكى كازىلىچەشمە بالىلار باغچىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئوقۇتقۇچى ۋە ئانىلار  تەرىپىدىن تەييارلانغان مول دالا تامىقى بىلەن ئوزۇقلانغان بالىلار باغچىدا بالىلارنىڭ ساغلاملىقى ۋە يېشىغا ئۇيغۇن بولغان تۈرلۈك ئويۇنلارنى ئويناپ، كەچ سائەت 6 ئەتراپىدا يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەمراھلىقىدا خوشال خورام قايتىشتى.

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close