پائالىيەتلەر

شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى مەركىزىدە ئايلىق ئۇچرىشىش سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلدى

شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى مەركىزىدە ئايلىق ئۇچرىشىش سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلدى

2013- يىلى 5 – ئىيۇل كەچ سائەت 7 دە شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ چاپىدىكى مەركىزىدە قېرىداشلارنىڭ ئايلىق ئۇچرىشىش سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلدى. سۆھبەتكە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان نۇرغۇن قېرىنداشلار قاتناشتى. 

بۇ قېتىمقى ئايلىق سۆھبەت يېغىنىغا جەمئىيەتنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەت ئابدۇراھمان رىياسەتچىلىك قىلدى. سۆھبەت باشلىنىشتىن ئىلگىرى 2009- يىلى 5- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىكى شېھىتلەرنىڭ ۋە جەمئىيەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇساجان ئەرنىڭ دادىسىنىڭ روھىغا ئاتاپ قۇرئان خەتمە قىلىندى.

قۇرئان خەتمە دۇئاسىنى جەمئىيەتنىڭ سافاكۆي شۆبىسى مەسئۇلى ئەنۋەر قارىم قىلدى. كىيىن قېرىنداشلار سابىر داموللام باشچىلىقىدا دۇئا قىلدى.

كىيىن جەمئىيەتنىڭ باش نازىرى ئابدۇلھەكىمخان تەكلىماكان قېرىنداشلارغا “ ئۆزىگە ياخشى كۆرگەننى قېرىندىشىغىمۇ ياخشى كۆرمىگۇچە مۇئمىن بولالمايدۇ“ دېگەن ھەدىسنىڭ مەزمۇنى، ئەھمىيىتى ۋە نۆۋەتتە قېرىنداشلارنىڭ بۇ ھەدىسنىڭ روھىدىن ئۇزاق ھالدا ياشاۋاتقانلىقى ھەققىدە چۈشەنجە بەردى.

ئۇ يەنە “ مۇسۇلمانلارنىڭ مەسىلىسىگە ئەھمىيەت بەرمىگەن ئادەم مۇسۇلمانلارنىڭ جۈملىسىدىن ئەمەس“ دېگەن ھەدىسنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە توختىلىپ، ھەقىقى مۇسۇلمان ، مۇئمىن بولۇش ئۈچۈن مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشلىرىغا ئەھمىيەت بىرىش كېرەك، ئاللا ئىنساننى تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشلارغا مۇكەللەف قىلمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بىز قولىمىزدىن كىلىشچە ، تاقىتىمىزنىڭ يېتىشىچە ئەمەلىياتچان بولىشىمىز كېرەك، ھەر بىر مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى تونۇپ يېتىشى ۋە باشقا قېرىنداشلار بىلەن مۇسۇلمانلار مەسلىسىدە ئورتاق پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىشى كېرەك. ھازىر شەرقى تۈركىستاندا نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز شېھىت بولدى، شەرقى تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن زۇلۇمغا ئۇچراۋاتىدۇ، ھەق ھۇقۇقلىرى دەپسەندە قىلىنىۋاتىدۇ، بۇ ھەقتە قېرىندا شلار ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ۋە مەجبۇرىيىتىنى تونۇپ يېتىپ ئەمەلىياتچان بولۇشى كېرەك دېگەن مەزمۇندا تەپسىلى چۈشەنجە بەردى.

كىيىن جامائەت پىشىۋاسى ئابدۇلقادىر ياپچان نۆۋەتتىكى شەرقى تۈركىستان ۋەزىيىتى ۋە نىمە قىلىش كېرەك دېگەن تىمىدا سۆز قىلدى.

2009 – يىلى 26 – ئىيۇن ۋە 5- ئىيۇل ئۈرۈمچى قەتلىئامىنى ئەسلەتكەن ئابدۇلقادىر ياپچان، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېقىندا 11 نەپەر ئىلغار قېرىنداشلىرىمىزغا تۇتۇش بۇيرۇقى ئېلان قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى نوپۇسىنى كۆپەيتىش ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىتىنى يوقىتىۋىتىمىز دېگەن رەزىل نىيەت بىلەن سىياسەت ئىجرا قىلىۋاتقان بىر مەزگىلدە، شەرقى تۈركىستان خەلقى بۇنىڭغا قارشى مەيدانىنى كۆرسەتتى، خىتاي كومۇنىستلىرى شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ بۇ ئىرادىسىنى سۇندۇرۇش ئۈچۈن ئۈرۈمچىنى مەركەز قىلغان ھالدا ئەسكىرى قورال ياراقلىرى بىلەن يۈرۈش قىلىۋاتىدۇ. بىز بۇنىڭغا قارشى چارە تەدبىرلەر ھەققىدە جىددى ئويلىنىشىمىز كېرەك.

يادرو دۆلىتى بولغان خىتاي، قولىدا كەكە ، پالتا ، ئورغاق ۋە پىچاقتىن باشقا ھېچقانداق قورالى بولمىغان شەرقى تۈركىستان خەلقىدىن قورقۇپ، بۇ يىل 5- ئىيۇل كېچە ئۇخلىيالمىدى، ئەمما بىز بۇ يەردە بەخىرامان ئۇخلىدۇق دېگەن ئابدۇلقادىر ياپچان، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقى تۈركىستان خەلقىگە قىلغان زۇلۇمى ۋە قەتلىئاملىرى سەۋەپلىك، ۋەقە چىقىشىدىن ئەنسىرەپ ئۇخلىيالماي شەرقى تۈركىستاندا ھەربى يۈرۈش قىلدى. مانا بۇ شەرقى تۈركىستاننىڭ خىتاي تۇپرىقى ئەمەس ، بەلكى بىزنىڭ تۇپرىقىمىز ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرىدۇ. بىزنىڭ مانا مۇشۇ سۆزىمىز ھەممىدىن كۈچلۈكتۈر، خىتاي شۇڭا شۇنچە قورال ياراقلىرى بىلەن تۇرۇپمۇ بىزدىن قورقۇۋاتىدۇ دېدى.

خىتاينىڭ قورال – تانكىلىرىنى كوچىغا چىقىرىپ ھەيۋە قىلغانلىقى خىتاينىڭ نەقەدەر ئاجىز ، قورقۇنچاق ۋە رەزىل ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ دېگەن ياپچان، خىتاي بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدىكى كۈرەشتىن مەقسەت، شەرقى تۈركىستاندا يا ئاللاھنىڭ ئادالىتىنى بەرپا قىلىدىغان ھەقىقى ئىسلام دۆلىتى بەرپا قىلىش ۋە ياكى بۇ يولدا شېھىتلىك مەرتىۋىسىگە ئىرىشىشتۇر، خىتايغا قارشى جىھاد قىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز بىزنىڭ پەخرىمىز ۋە قىيامەتكىچە بىزنىڭ ئۈلگىمىزدۇر دېدى.

خىتاي تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان 11 نەپەر قېرىندىشىمىز ھەققىدە توختالغان ئابدۇلقادىر ياپچان، مۇسۇلمانچىلىق نوقتىسىدىن بولسۇن ، ياكى ئۇيغۇر مىللىتى نوقتىسىدىن بولسۇن ۋە ياكى ئىنسانلىق نوقتىسىدىن بولسۇن بۇ قېرىنداشلىرىمىزنى خىتاي ئىشغالچىلىرىغا تۇتۇپ بىرىش قەتئى توغرا ئەمەس، بۇ قېرىنداشلىرىمىزنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قوغداپ قېلىشىمىز ئۈچۈن بۇلارغا ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ھەمكارلىشىشىمىز لازىم . كىمىكى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئېلان قىلغان مالغا ھەۋەس قىلىپ ، بۇ قېرىنداشلىرىمىزنى تۇتۇپ بىرىدىكەن ، بۇنداق مەلئۇندىن ئىلگىرى ياكى كىيىن چۇقۇم  ھىساپ ئىلىنىدۇ. تارىختا مىللى مۇناپىق ، ئەل خائىنى قاتارىدا قىيامەتكىچە رەسۋا قىلىنىدۇ دېدى.

ئاخىرىدا جەمئىيەتنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەت ھاجىم ھەر بىر ئۇيغۇر ئۆزىنىڭ ئېڭىغا “ دىنىم ئىسلام، مىللىتىم ئۇيغۇر، ۋەتىنىم شەرقى تۈركىستان، دۈشمىنىم خىتاي “ دېگەن شۇئارنى سىڭدۇرۇشى ۋە شۇنىڭغا لايىق ئەمەلىيەتچان بولىشى كېرەك دېدى.

مۇسلىم

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close