شەرقى تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ تۇرپان قەتلىئامىغا قارشى ئېلان قىلغان بايانات

شەرقى تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ تۇرپان قەتلىئامىغا قارشى ئېلان قىلغان بايانات

 26- ئىيۇن چارشەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەت 6:00 دە شەرقى تۈركىستاننىڭ تارىخى قەدىمى شەھىرى تۇرپاندا ئۇيغۇر ئەزىمەتلىرى بىلەن ئىشغالچى خىتاي ساقچىلىرى ئوتتۇرىسىدا شىددەتلىك بىر توقۇنۇش يۈز بەردى. خىتاينىڭ رەسمى ئاخباراتى بولغان شىنخۇا ئاگېنتلىقى ھەر قېتىمقىغا ئوخشاش بۇ قېتىمقى توقۇنۇشنىمۇ بورمىلاپ مۈجمەل بىر شەكىلدە خەلقاراغا ئېلان قىلغان ئىدى. خىتاينىڭ ئېلان قىلغان باياناتىدا، قوللىرىدا پىچاق ۋە كەسكۈچى سايمانلار بىلەن قوراللانغا بىر گۇرۇپ ئۇيغۇرنىڭ خىتاي ساقچىخانىسىغا بېسىپ كىرگەنلىكى ۋە يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 27 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

بىز شەرقى تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ مەسىلىدە ۋەقەنىڭ كىلىپ چىقىشى ۋە جەريانىنىڭ خىتاينىڭ ئېلان قىلغىنىغا ئوخشاش ئەمەسلىكىگە ئىشىنىمىز.

ھەممىگە مەلۇم، خىتاي ئاخىرقى ئايلاردا قەشقەر مارالبېشى ۋەقەسى ، كورلا ۋەقەسى، ئاقسۇ ۋەقەسى، قارغىلىق ۋەقەسى قاتارلىق خەلقارا باياناتلىرىدا كەڭ ئۇرۇن ئالغان قانلىق ۋەقەلەرنىمۇ ، ۋەقەنىڭ ئەسلى جەريانىنى بورمىلاپ، خەلقاراغا ساختا بايانات ئېلان قىلدى ۋە بۇ زۇلۇمغا قارشى پارتلىغان ۋەقەلەرنى تېرورچىلار ھۇجۇمى دەپ داۋا قىلدى.

ئۇ ۋەقەلەردە خىتاي ئاڭلاتقان ھىكايە بىلەن تۇرپاندىكى قانلىق توقۇنۇش باياناتى ئوتتۇرىسىدىكى ئوخشاشلىق ۋە مۈجمەللىك ئۇسلۇبى، مەسىلىنىڭ تېخىمۇ قورقۇنچلۇق بولغانلىقىنغا ئىشارەت قىلماقتا.

ھازىر شەرقى تۈركىستاننىڭ ھەممە يېرىدە خىتاينىڭ رايۇندا يۈرگۈزىۋاتقان قەتئى ئىجرائاتلىرى ۋە خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ شەرقى تۈركىستاندا ھىساپسىز ۋە قانۇنسىز يەرلەشتۈرۈلۈشى، ئاخىرقى كۈنلەردە ئەۋج ئېلىۋاتقان دىنى بېسىملار ۋە كۈندىلىك ھاياتقا قاتتىق چات كېرېۋىلىشى ئۇيغۇر خەلقى ئىچىدە جىددى بىر داۋالغۇش ھاسىل قىلماقتا ۋە ئۆتكەن كۈنلەردىمۇ خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى يولسىز ھەرىكەتلىرىگە ۋە ئادىل بولمىغان سىياسەتلىرىگە خەلقىمىز قولىدىن كىلىشىچە قارشىلىق كۆرسىتىپ كەلمەكتە.

ئىگىلىگە مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ ۋەقەلەردىكى خىتاينىڭ يېپىق ۋە ياكى بىر تەرەپلىمە باياناتى ۋە بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلاردىن ئىشنىڭ ھەقىقى يۈزىنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاڭلاتقىنىدەك ئەمەسلىكى مەلۇم بولماقتا.

تۇرپان لۈكچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ كۆپ ئۇلتۇراقلاشقان بىر رايۇندۇر. خىتاي شەرقى تۈركىستاننىڭ ھەممە يېرىدە كەڭ قانات يايدۇرۇۋاتقان كۆچمەن يەرلەشتۈرۈش سىياسىتى ئاساسىدا كەنت خەلقىنىڭ يەر ۋە شەخسى مۈلۈكلىرىگە قول ئۇزارتقان ۋە يەرلىك ئۇيغۇر خەلقنى كۆچۈپ كىتىشكە مەجبۇرلىغان. بۇ ھەقسىزلىككە نارازى بولغان ئاجىز خەلق بۇ مەسىلىنىڭ ئادىل بىر شەكىلدە ھەل قىلىنىشى ۋە دەرتلىرىنىڭ ئاڭلىنىشى ئۈمىدى بىلەن ئاتالمىش خىتاي دائىرىلىرىغا بېرپ ، ئۇ يەردە بىنا ئالدىغا جەم بولغان. خەلقنىڭ بۇنچىلىك بىر ھەرىكىتىدىن ساراسىمىگە چۈشكەن ئىشغالچى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ دەرھال قۇراللىق ئارىلىشىشى نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن بۇ توقۇنۇشتا ، ئۆي ۋە شەخسى مۈلۈكلىرى تارتىۋىلىنغان بۇ 10 نەپەر گۇناھىسىز ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز شېھىت بولغان.

خىتاي دائىرىلىرى ھەز زامان خەلقىمىزنىڭ شىكايەت ۋە تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولىشىنى ۋە ھۆكۈمەت بىنالىرى ئالدىغا يېغىلىشىنى ئىسيان كۆتۈردى دەپ قارىغانلىقىدىن، ئۆتكەندە خىتاي ساقچىلىرى سىكىنۇت تەخىر قىلماستىن بۇنىڭغا ئوخشاش ۋەقەلەردە خەلققە قارشى  قەتلىئام يۈرگۈزگەن. بۇنىڭ تىپىك مىسالى 2009- يىلى 26 – ئىيۇن شاۋگۈەندە قەتلى قىلىنغان ئۇيغۇر ئىشچىلىرىنىڭ قاتىللىرىنىڭ جازالاندۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلىپ ، ئۈرۈمچىدە ئاتالمىش ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىغا يېغىلغان ئۇيغۇر ياشلىرىغا قارشى ساقچى ۋە ئەسكەرلەرنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئوت ئېچىشى نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن ۋە ئۈرۈمچى قەتلىئامى دەپ تۇنۇلغان چوڭ بىر قەتلىئام كۆز ئالدىمىزغا كىلىدۇ.

خىتاينىڭ زالىملارچە ۋە ئىنسانسىزلىقچە ئېلىپ بارغان بۇ يولسۇزلىقلىرىنىڭ قاتتىق ئەيىپلەيمىز ۋە لەنەت ئوقۇيمىز. خەلقارا جامائىتى، ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى ۋە خۇسۇسەن تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى خىزمەتكە دەۋەت قىلىمىز . بۇندىن كىيىن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى قىيىنچىلىقلارغا ئۇچۇق بىر تەرەپ دۆلەت بولۇپ، تېگىشلىك سىياسەتلەرنى ئىجرا قىلىشىنى ۋە ئىسلام بىرلىكى جامائىتى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ئەرەپ ئىتتىپاقى، ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ۋە تۈرك دائىرىلىرىدىن تەشكىل تاپقان تەرەپسىز بىر كۆزەتكۈچى ھەيئىتىنىڭ شەرقى تۈركىستانغا ئەۋەتىلىشىنى ئىلتىماس قىلىمىز.

شەرقى تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى

 

About admin

Leave a Reply