شەرقى تۈركىستاندا ئىنتېرنېت تورى ، يانفون ئۇچۇرى ۋە شەھەر ئەتراپى قاتتىق قامال قىلىنماقتا

شەرقى تۈركىستاندا ئىنتېرنېت تورى ، يانفون ئۇچۇرى ۋە شەھەر ئەتراپى قاتتىق قامال قىلىنماقتا

پۈتۈن دۇنيادا ئىنتېرنىت ۋە ئۇچۇر ئالاقىسى ئەركىنلىكى داۋام سۈرۈۋاتقان بىر مەزگىلدە ، خىتاي ئىشغالى ئاستىدىكى شەرقى تۈركىستان پۈتۈن ھەق – ھۇقۇقلىرىنىڭ دەخلى – تەرۇزغا ئۇچرىشى بىلەن بىرگە ئىنتىرنىت ۋە ئۇچۇر ئالاقە ئەركىنلىكىدىنمۇ مەھرۇم قىلىنماقتا. 

ئىشغالچى خىتاي دائىرىلىرى ئۆزىنىڭ شەرقى تۈركىستانغا يۈرگۈزىۋاتقان زۇلۇم – ئىسكەنجىلىرىنىڭ خەلقاراغا تاراپ ، خەلقارا جامائەت ئالدىدا رەسۋا بولىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ئۈچۈن، شەرقى تۈركىستاندا پۈتۈن نەشرىيات ۋە تەشۋىقاتلارنى قاتتىق قامال قىلىپ كەلمەكتە.

نورمال ئۇچۇرلارنى ئاتالمىش تېرورغا چېتىشنى ئادەت قىلىۋالغان خىتاي دائىرىلىرى ، يېقىندا نۇرغۇن ئۇيغۇر ياشلىرىنى يانفۇن ۋە توردا ئىغۋا تارقاتتى دېگەن باھانە بىلەن قولغا ئالدى ۋە شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ تور ۋە ياكى يانفۇن ئۇچۇرلىرى ئارقىلىق ئالاقىلىشىش ھەق ھۇقۇقىغا ئېغىر دەرىجىدە تاجاۋۇز قىلىشقا باشلىدى. 

ئۇنىڭدىن باشقا،  ئۈرۈمچىنى مەركەز قىلغان ھالدا شەرقى تۈركىستان مىقياسىدا تەكشۈرۈشنى كۈچەيتكەن خىتاي دائىرىلىرى، مەخسۇس قىسىملىرىنى ئىشقا سېلىش ئارقىلىق ئۇزۇن يوللۇق يولۇچىلار ئاپتۇبۇسى ۋە يولۇچىلىرىنى قاتتىق تەكشۈرمەكتە.

 

About admin

Leave a Reply