خىتاي گېزىتى ۋەتەندىكى ۋەقەلەرگە ئالاقىدار تۈركىيەنى ئەيىبلىدى

خىتاي گېزىتى ۋەتەندىكى ۋەقەلەرگە ئالاقىدار تۈركىيەنى ئەيىبلىدى

خىتاي كوممۇنىست پارتىيسىنىڭ سۆزچىسى دەپ قارىلىدىغان، ئىنگىلىزچە نەشىر قىلىنىدىغان گلوبال تايمىس گېزىتى ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركسىتاندىكى ۋەقەلەرنىڭ ئارقىسىدا تۈركىيەنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىنگىلىزچە نەشىر قىلىنىدىغان گېزىتتە يەر ئالغان ”شىنجاڭ تېرورچىلىرى سۈرىيە ۋە تۈركىيەدە تەربىيە ۋە ياردەم ئالىدۇ“ ناملىق خەۋەردە ۋەقەلەرنىڭ تاشقى كۈچلەرنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن تېرورچىلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ۋەقەلەردىن شەرقىي تۈركستان ئىسلامى ھەرىكىتىنى مەسئۇل تۇتقان گېزىت، تەشكىلات بىلەن ھەمكارلاشقان شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەركىزىنىڭ ئىستانبۇلدا ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلدى.

گېزىت تېررورغا قارشى تۇرۇش مەسئۇلىنىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىپ، 100 گە يېقىن ئۇيغۇرنىڭ سۈرىيىدىكى مۇخالىپلارنىڭ يېنىدا ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن ئۆتكەن يىل سۈرىيگە كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى خىتاينىڭ تۆھمەتلىرىگە قارشى ئۆتكەن يىل ئىنتىرنېت تورىدىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ھەرقانداق بىر تېرورلۇق تەشكىلاتى بىلەن ئالاقىسى يوقلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

About admin

Leave a Reply