باياناتلار

بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى ھۆكۈمەتنى شەرقىي تۈركسىتان ئۈچۈن ھەرىكەتكە چاقىردى

بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى رەئىسى مۇستافا دەستىجى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان قەتلىئامىغا قارشى ياپونىيە چېغىدا بايراقلىرىنى يېرىم چۈشۈرگەنلىكىنى، ئەمما ھۆكۈمەتنىڭ ئاۋاز چىقارمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇستاڧا دەستىجى ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا: دۇنيانىڭ ھەر تەرىپىدە مۇسۇلمان ۋە تۈرك قەتلىئامىنىڭ، مۇسۇلمانلارغا ۋە تۈركلەرگە قارشى قىلىنىۋاتقان زۇلۇمنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

دەستىجى: مۇسۇلمان تۈرك قېرىنداشلىرىمىز ئۆلتۈرۈلۈپ، يۇرتلىرىدىن، ئۆيلىرىدىن ھەيدىلىپ، ئۆز تۇپراقلىرى سۆمۈرۈلۈشكە، ئىشغال قىلىنىشقا داۋام قىلماقتا. بۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئۆرنىكىنى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركستانغا قىلىۋاتقان زۇلۇمىدىن كۆرۈۋالالايمىز. شەرقي تۈركستانلىق قېرىنداشلىرىمىز يىللاردىن بۇيان خىتاي زۇلۇمى ئاستىدا ئىڭرىماقتا. قاتىل خىتاي بولسا، زۇلۇم قىلىشنى، قەتلىئاملارنى، ئاسمىلاتسىيە قىلىشنى، ئىرقى قىرغىنچىلىقلىرىنى داۋام قىلماقتا. ياپونىيە چېغىدا بۇ ۋەقەلەرگە چىدىيالماي دۆلەت بايراقلىرىنى يېرىم چۈشۈرۈپ بۇ ئىشقا ئۈن تىنسسىز قالمىغان بىر ئەھۋالدا، تولىمۇ ئەپسۇسكى، ھۆكۈمىتىمىزنىڭ ئاۋازىمۇ چىقمايۋاتىدۇ. بىر بايانات چاغلىق نەرسە ئاڭلىمىدۇق“ دېگەن ئىپادىلەرنى ئىشلەتتى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ خىتاي ئەلچىسىنى دەرھال مىنىستىرلىككە چاقىرىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن دەستىجى: ”قىلىنىشى كېرەك بولغان نېمە؟ دۆلىتىمىزدە خەلق رايى توپلىنىشى كېرەك. خىتاي ئەلچىسى دەرھال چاقىرىلىپ، ۋەقەلەر ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇلىشى كېرەك. خىتاي ئەلچىسىگە ئوچۇق شەكىلدە شۇنداق دېيىلىشى كېرەك: ”دەرھال بۇ قەتلىئاملار، تۇتقۇن قىلىشلار توختىتىلمىسا، قولغا ئېلىنغان ۋە تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز قويۇپ بېرىلمىسە، ئۇ يەردە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئالاقىدار قانۇنى سۈرۈشتە باشلىتىلمىسا، بىز خىتاي بىلەن بولغان ئالاقىمىزنى بۇ ئىشلار تۈزەلگىچە توڭلىتىمىز“. بۇنى دېيىش ئۇنچىلىك قىيىن ئىش ئەمەس“ دەپ سۆز قىلدى.

Show More

Related Articles

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close