خىتاي تاجاۋۇزچلىرى شەرقى تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنى ئىتىقادى ۋە تارىخى مەدىنىيىتىگە قارشى بېسىمىنى كۈچەيتىشنى داۋام قىلماقتا

خىتاي تاجاۋۇزچلىرى شەرقى تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنى ئىتىقادى ۋە تارىخى مەدىنىيىتىگە قارشى بېسىمىنى كۈچەيتىشنى داۋام قىلماقتا

شەرقى تۈركىستان ئىشغالچىسى بولغان كومۇنىست خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شەرقى تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنى ئىبادەتىگە ، ئەخلاقى ۋىجدانىغا ۋە تارىخى ئورپ – ئادەت مەدىنىيتىگە قاراتقان رەزىل سىياسەتلىرى چېكىدىن ئاشماقتا.

ھەر قانداق دىنغا ئىشىنىش ئەركىنچىلىك دەپ قانۇنغا كىرگۈزگەن خىتاي كومۇنىستلىرى، ئۇزۇن تارىختىن بىرى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ دىنى ئەركىنلىگە چەكلىمە قويۇپ، ناماز ئۇقوش، روزا تۇتۇش، ھەج قىلىش ۋە ئىسلامى كىيىم كىيىش، ساقال قويۇش قاتارلىق ئىبادەتلەرگە ھەر خىل ۋاستىلەر ئارقىلىق توسقۇنلۇق قىلماقتا.

تاجاۋۇزچىلارنىڭ تەھدىتلىرى ۋە ھىلە نەيرەڭلىرىگە ئالدانمىغان ھەقىقى مۇسۇلمان ئۇيغۇر يېگىت – قىزلىرىنى ھەر خىل بەتناملار بىلەن ئاتاپ، بىردەم رادىكال دىسە، يەنە بىر دەم تېرورچى ۋە ياكى جەمىيەتنىڭ كەينىدە قالغان قاتماللار دەپ ھاقارەت قىلماقتا.

 ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى دېنى ئەقىدىسىدىن ۋاز كەچتۈرۈش ۋە ياكى نامى مۇسۇلمان ، ئەمىلىيىتى ئۆزىدەك چوشقا خارەكتىرلىك ئىككى پۇتلۇق قىلىش ئۈچۈن تېلى ھەسەل ، دېلى زەھەر ئىبارىلەرنى قوللىنىپ ، ھەر خىل تەشۋىقات لۇزۇنكىلىرىنى شەرقى تۈركىستاننىڭ ھەر يېرىگە چاپلاپ تەھدىت ئارىلاش تەشۋىق قىلىۋاتقان خىتاي ئىشغالچىلىرى، ئاخىرقى كۈنلەردە بولۇپمۇ مۇبارەك رامىزان ئېيىنىڭ يېتىپ كىلىشى بىلەن شەرقى تۈركىستاندا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دېنى ئىتىقادى ۋە تارىخى مەدىنىيىتىگە قارشى بېسىمىنى كۈچەيتمەكتە.

About admin

Leave a Reply