خىتاي ئىشغالى ئاستىدىكى شەرقى تۈركىستاندا رامىزان ئېيى كىلىشى بىلەن ئىسكەنجە چەكلىمىلەر چېكىدىن ئاشماقتا

خىتاي ئىشغالى ئاستىدىكى شەرقى تۈركىستاندا رامىزان ئېيى كىلىشى بىلەن ئىسكەنجە چەكلىمىلەرچېكىدىن ئاشماقتا

ئىشغال ئاستىدىكى شەرقى تۈركىستاندا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ رامىزان ئېيىنىڭ كىلىشى بىلەن ئامانلىق ساقلاش تەدبىرلىرى نامى ئاستىدا، شەرقى تۈركستان مۇسۇلمانلىرىغا قارىتا ئىسكەنجە چەكلىمىلىرىنى چېىكىدىن ئاشۇرغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقماقتا.

شەرقى تۈركىستاندا ئۆتكەن ھەپتە 35 (بۇ خىتاي ئاخباراتى ئېلان قىلغان سان. ئىگىلىنىشچە، خوتەن خانئىېىرىق ۋەقەسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ سانى 250 دىن ئاشىدىكەن )كىشىنىڭ ھاياتىغا زامىن بولغان قانلىق ۋەقەنىڭ ئارقىسىدىن، مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار ھازىرمۇ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ بېسىمىغا ئۇچرىماقتا ۋە بېسىم ئىسكەنجىلەر ئاستىدا رامىزان ئېيىنى كۈتۈۋىلىشقا ھازىرلانماقتا.

رامىزان ئېيى كىرىشى بىلەن شەرقى تۈركىستاندا ئامانلىق تەدبىرلىرى نامىدا بېسىمىنى نەچچە ھەسسە كۈچەيتكەن خىتاي ئىشغالچىلىرى، شەرقى تۈركىستان خەلقىگە ھەيۋە كۆرسەتمەكتە. بۇ سەۋەپتىن مەركىزى ئۈرۈمچىدىكى چوڭ ئاۋات بازارلارنىڭمۇ ئاۋاتلىقىنى يۇقۇتۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى، ھۆكۈمەت مەمۇرلىرى، ئىشچى خىزمەتچىلەر ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ رامىزان ئېيىدا رۇزا تۇتۇشىنى چەكلەپ كەلمەكتە.

About admin

Leave a Reply