تۈركىيە سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە ئالاقىدار ئېلان قىلغان باياناتلىرى (1)

تۈركىيە سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە ئالاقىدار ئېلان قىلغان باياناتلىرى (1)

ئۇيغۇر مەسىلسى تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى سىياسىي پارتىيىلەر ئوتتۇرىسىدا مۇھىم مەسىلە دەپ قارىلىدۇ. تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ پارتىيىلىرىدىن، ج ھ پ جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسى، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى، سائادەت پارتىيىسى ۋە بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى قاتارلىق سىياسىي پارتىيىلەر يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بەرگەن ھۇجۇم ۋەقەلەر ۋە بۇ ۋەقەلەرگە ئەگىشىپ خىتاينىڭ كۆپ ساندا ئەسكەر يۆتكەپ كەڭ – كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەت باشلىشى ۋە ئۇيغۇرلارنى كۆپلەپ تۇتقۇن قىلىشىدىن ئەندىشە قىلىپ بايانات ئېلان قىلدى ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە دۇنيا جامائىتىنى ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈشكە ۋە قەتلىئامنى توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىق  قىلدى.

تۈركىيە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى تەرىپىدىن تۈركىيە پارلامېنتىغا ، ئۇيغۇرلار ۋە كەركۆك تۈركمەنلىرى ئۇچراۋاتقان قەتلىئاملارنى تەكشۈرۈشكە ئالاقىدار تەكلىپ لاھىيە سۇنۇلدى. جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسى مەزكۇر تەكلىپ لايىھەنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ پارلامېنتتا بايانات بەردى.

بۈيۈك بىرلىك پارتىيسى ۋە سائادەت پارتىيىسى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىرىق قىلدى.

مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيە ھۆكۈمەتنى باشقۇرۇىۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە قارىتا سۈكۈتتە تۇرغانلىق بىلەن ئەيبلىدى.

تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى باشقۇرىۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى پارلامېنتتا بايانات بېرىپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتى ۋە ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان خىزمەت – پائالىيەتلىرى توغرىسىدا دوكىلات بەردى.

مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىش ۋە ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بەرگەن ۋەقە ۋە قەتلىئالار ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ۋە تەدبىر قوللىنىش تەكلىپ لاھىيەسى تۈركىيە پارلامېنتىغا سۇنۇلدى.

تۈركىيە پارلامېتنىغا سۇنۇلغان تەكلىپ لاھىيەدە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىنىڭ پۈتۈن پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئىمزاسى بولۇپ، تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ رەسمى تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ تەكلىپ لايىھەدە مۇنداق دېيىلگەن:

يېقىندىن بۇيان ئىراق تۈركلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان تۈركلىرىگە قارشى ھۇجۇملار ئاشتى ۋە قەتلىئاملار يۈز بېرىۋاتىدۇ، بۇ مەسىلىلەرنىڭ تەكشۈرۈلۈپ تۈركىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن كېرەكلىك تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنىشى مەقسەتتە، ئاساسىي قانۇننىڭ 98 –  ماددىسى ۋە تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ ئىچكى تۈزۈمىنىڭ 104- 105 ماددىلىرىغا ئاساسەن پارلامېنت تەكشۈرۈشى ئېچلىشىنى تەلەپ ۋە تەكلىپ قىلىمىز.

بۇ تەكلىپ لايىھەگە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىنىڭ پۈتۈن پارلامېنت ئەزالىرى ئىمزا قىلغان. بۇ تەكلىپ لايھەدە تەكشۈرۈش ۋە كېرەكلىك تەدبىر ئېلىشنىڭ سەۋەبلىرى توغرىسىدا توختىلىپ 21 – ئەسىردە دۇنيادىكى ئەڭ ئېغىر زۇلۇمنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ قەتلىئامغا ئۇچىراۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭغا پۈتۈن دۇنيا، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇ يەردىكى ۋەھشىيلىكنى كۆرۈشى كېرەكلىكىنى ۋە يېقىندىن كۈزىتىپ تۇرۇشىنى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

2013 – يىلى 7 – ئاينىڭ 3 – كۈنى مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىدىن پارلامېنت ئەزاسى نەۋزات قورقماس ئەپەندى تۈركىيە پارلامېتنىدا سۆز قىلىپ ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ۋە ئىراق تۈركمەنلىرى توغرىسىدا توختالدى.

پارلامېنت ئەزاسى نەۋزات قورقماس ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيىدىن ياردەم كۈتىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: تۈركىيىنى بىردىن بىر قۇتۇلۇش يولى دەپ قارىغان قېرىنداشلىرىمىز، دەرتلىرىنى بىزگە ئاڭلىتىشتا زورلۇق تارتىۋاتىدۇ. 26 – ئىيۇن شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۇرپان شەھىرىدە باشلىغان ۋە ئۈرۈمچى ۋە خوتەنگىچە تارقالغان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قانلىق قەتلىئام ۋە ۋەقەلەر توغرىسىدا توختىلىمەن، تۇرپان شەھىرىدە 7 ياشلىق بىر ئۇيغۇر پەرزەنتى خىتايلار تەرىپىدىن چاناپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان بۇ ۋەقەدە يۈزلىگەن ئۇيغۇر ئۆلتۈرۈلدى. بۇ ۋەھشىيلىك ئىنسانىيەت تارىخىغا چۈشكەن بىر قارا داغدۇر. نۇرغۇن ئاتا – ئانىلار ئەۋلادلىرىدىن ئايرىلدى، نۇرغۇن پەرزەنتلەر يېتىم قالدى. مۇبارەك رامىزان ئېيى كىرگەن بىر پەيتتە بۇ مۇسۇلمان تۈركلەر ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلگەن ۋەھشىيلىكنى كۆرمەسكە سېلىپ يۈرەلمەيمىز. ئۆزىنى چوڭ چاغلاۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىشى ئۇ دۆلەتلەرنىڭ چوڭ دۆلەت ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەيدۇ، شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرگە قارشى دۇنيانىڭ كۆز يومۇشنىڭ سەۋەبى بولسا خىتاينىڭ ئىقتىسادى ۋە سىياسىي ئىمتىيازىدىن كېلىپ چىقماقتا. بۇ دۆلەتلەردىن ئەلۋەتتە بىر كۈنى ھېساب سورىلىدۇ، ئەمما سۈكۈتتە قالغان ۋە ۋەقەلەردىن يۈز ئۆرىگەن تۈركىيەنىڭ سۈكۈتتە قېلىش ھەققى بارمۇ؟  تۈركىيىنىڭ ئۆز قېرىنداشلىرىغا نىسبەتەن بۇ ۋەقەلەرگە سۈكۈت قىلىشى، ئۆز ئېتىبارىنى يوقىتىپ قويىدۇ، كەلگۈسىدىكى غايىلىرىدىن ۋاز كەچكەن بولىدۇ ۋە بۇ بىر جىنايەتتۇر.

پارلامېنت ئەزاسى نەۋزات قورقماس ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: تۇرپان، ئۈرۈمچى ۋە خوتەندە ئوپ – ئوچۇق بىر ۋەھشىيلىك يۈز بېرىۋاتىدۇ، قۇرالىسىز ئىنسانلارغا قارشى خىتاي ئەسكەرلىرى ئېغىر تىپتىكى قۇرال ۋە تانكىلار بىلەن قارشىلىشىۋاتىدۇ ۋە مۇسۇلمان ئۇيغۇر تۈركلىرىنى خالىغانچە ئۆلتۈرىۋاتىدۇ، كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە ئەلۋەتتە ئەرەب دۇنياسىنى ھەرىكەت قىلدۇرۇپ، مىسىردىكى ۋە پەلەستىندىكى پۈتۈن مۇسۇلمانلارغا ئىگە چىقايلى، ئەمما ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ بىزدىن باشقا ھېچ كىمى يوق، تۈركىيە سۈكۈتتە قېلىۋاتىدۇ، جۇمھۇر رەئىسى، باش مىنىستىر، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى سۈكۈتتە قالدى، تۈركىيە تارىخى ۋەزىپىسىدىن ئۇزاقلاشماسلىقى كېرەك. بىز مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ھەم مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللارنى چاقىرىق قىلىمىز، ھەم مىللىتىمىزنى دېموكراتىيە ھەقلىرىنى قوللىنىپ قارشىلىق كۆرسىتىشكە چاقىرىق قىلىمىز. دۇنيانىڭ بىر چېتىدە بىز بىلەن دىن ۋە تىل بىرلىكى بولغان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا ئەڭ ئاز دېگەندە سومالىيە، بىرما، قاھىرە ۋە غەززىگە كۆرسەتكەن سەزگۈرلۈكنى كۆرسىتەيلى، بۇ زۇلۇمغا سۈكۈت قىلىشنىڭ بەدىلى ھەم بۇ دۇنيادا مىللىتىمىز تەرىپدىن ھەم ئاخىرەتتە قىيامەت كۈنى ئاللاھ تەرىپىدىن سوئال – سوراق قىلىنىدۇ. بۇنىڭ ۋابالى يەنى ئاقىۋەت گۇناھى دۇنيانىڭ ھەر تەرىپىدە زۇلۇم ئاستىدا ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنى قۇچاقلىمىغان ھۆكۈمەتنىڭ ئۈستىگە قالىدۇ دەپ قارايمەن.

6 – ئىيۇن كۈنى تۈركىيە جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسدىن پارلامېنت ئەزاسى ئوسمان كورۇتۈرك ئەپەندى پارلامېنتتا سۆز قىلىپ، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىنىڭ تۈركىيە پارلامېنتىغا سۇنغان، ئىراق تۈركمەنلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىش ۋە  ھۇجۇم ۋەقەلەرنىڭ سەۋەبلىرى ۋە تەدبىر ئېلىش توغرىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش تەلەپ لايىھەسىنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

پارلامېنت ئەزاسى ئوسمان كورۇتۈرك ئەپەندى ئالدى بىلەن تۈركىيىنىڭ ئىراق سىياسىتى ۋە ئىراق تۈركمەنلىرى توغرىسىدا توختالغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مۇنداق دېدى: ئۇيغۇر تۈركلىرى مەسىلىسىگە كەلسەك، خىتاي بىلەن ئېلىپ بارغان مۇزاكىرلەردە ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلىۋاتقانلىقىنى دەپ ئۆتىمىز، بۇلارنىڭ ھەممىسى بەك ياخشى ئىش، ئەمما يەنە بىر تەرەپتىن ھۆكۈمەت شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش توغرىسىدا سۆزلەيدۇ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دېگەن بۇ تەشكىلات ئاساسىي جەھەتتىن تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن قۇرۇلغان بىر بىخەتەرلىك تەشكىلات. بۇ بىخەتەرلىك تەشكىلاتنىڭ خىتايغا نىسبەتەن نىشانى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرى ئاساسى نىشانىدۇر. بىز شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولىمىز دېگەن ھۆكۈمەت، ناتو (شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى)نىڭ بىر – بىرى بىلەن زىت ئىكەنلىكىنى كۆرىۋاتامدۇ؟ بىرىگە ئەزا بولغان ھامان يەنە بىرىدە ئەزا بولۇپ قېلىش ئېھتىمالى يوق. يەنى تۈركىيە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولغان ھامان ناتو (شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىن چىقىپ كېتىدۇ.

تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى ئوسمان كورۇتۈرك ئەپەندى تۈركىيە پارلامېنتىدا ھازىرقى ھۆكۈمەتنى باشقۇرىۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىگە خىتاپ قىلىپ،  تۈركىيە ھۆكۈمىتى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئاساسى نىشانلىرىدىن بىرى بولغان ئۇيغۇرلار غا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى قوبۇل قىلامدۇ؟ بۇنى بىلىپ ۋە خالاپ قىلىۋاتامدۇ؟ ئەگەر بۇنى بىلىپ تۇرۇپ شۇنداق قىلىۋاتقان بولسا بۇ بىلمەي تۇرۇپ قىلغاندىن تېخىمۇ ۋەھىمىلىك بىر ئىش، ئۇ چاغدا تاشقى سىياسىتىمىزنىڭ ئاساسىي يۈنىلىشى توغرىسىدا ۋە  تۈركىيىنىڭ بىرىنجى قاتاردا ئەھمىيەت بېرىدىغان ئىشلىرى توغرىسىدا يېتەرلىك مەلۇماتىمىز يوق دىيەلەيمىزمۇ؟ دەپ سوئال سورىدى.

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى پارلامېنتتا بايانات بېرىپ، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى ۋە جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسىنىڭ تەلەپ ۋە تەكلىپلىرى شۇنداقلا ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار سورىغان تەنقىدى سوئاللىرىغا جاۋاپ بەردى ۋە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان خىزمەت پائالىيەتلىرى توغرىسىدا دوكىلات بەردى.

بۇ ھەقتىكى مەلۇماتنىڭ تەپسلاتىنى رادىئو ئاڭلىغۇچىلارغا كېيىنكى پروگراممىمىزدا تەقدىم قىلىمىز. 

مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى – ئارسلان

About admin

Leave a Reply