تۈركىيەنىڭ ئاي يۇلتۇز ناملىق ھاككىرلىرى شەرقى تۈركىستان ئۈچۈن خىتاي توربەتلىرىگە ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيەنىڭ ئاي يۇلتۇز ناملىق ھاككىرلىرى شەرقى تۈركىستان ئۈچۈن خىتاي توربەتلىرىگە ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ۋاقتى خەۋەر تورىنىڭ ئېلان قىلىشىچە،  خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقى تۈركىستاندا يۈزگۈزىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قارشى بېىسىمى ۋە زۇلۇمىغا قارشىلىق بىلدۈرگەن تۈركىيە ئاي يۇلتۇز ناملىق ھاككىرلار گۇرۇپى ، خىتاينىڭ ئىنتىرنىت بەتلىرىگە سىستىمىلىق ھۇجۇم قىلىشىنى باشلىۋەتكەن.   

ئاي يۇلتۇز ھاككىر گورۇپىسى خىتاينىڭ تور بەتلىرىگە قاراتقان ھۇجۇملىرىنى كۈچەيتىپ، تور بېتىنىڭ باش بېتىگە تۈركىيە بايرىقى، ئاتا تۈركنىڭ رەسىمى، يېرىمىغا تۈرك يارىسى تۈركىستان بايرىقىدىن تەركىپ تاپقان كۆرۈنۈشنىڭ يېنىغا، “ بىز كەلدۇق. ئاي يۇلتۇز ھاككىرلار گورۇپسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يېنىدا تۇرىمىز. شەرقى تۈركىستان يالغۇز ئەمەس“ دېگەن سۆزنى چىقىرىپ قويغان.

تارىخى نوغاي مۇزىكىسى دومبىرا بىلەن ئېچىلىدىغان تور بېتىدە، “ يېرىلسا يەر، چۆكسە ئاسمان، يېنىپ كۈل بولسا تۆت تەرەپ. يالاڭ ئاياق بولسىمۇ ئالى نىشانىمىزغا قاراپ يەنە ئىلگىرلەيمىز. چاقماقلاردىن، چوققىلاردىن، قارا قۇيۇنلاردىن قورقمايدىغان، ئۆلۈمنى تاماشا قىلىدىغان تۈچ يۈرەكلىك تۈركلىرى بىز “ دېگەن شىئىرى نامايان بولۇپ تۇرىدۇ.

 

مۇسلىم

About admin

Leave a Reply