پائالىيەتلەر

سەھىھ ھەدىسلەر ناملىق 5 قىسىملىق كىتاب نەشىر قىلىندى

 

سەھىھ ھەدىسلەر ناملىق 5 قىسىملىق كىتاب نەشىر قىلىندى

ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار! «سەھىھ ھەدىسلەر» ناملىق قىممەتلىك ئەسەر تەرجىمە قىلىنىپ شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىگە قاراشلىق سۇتۇق بۇغراخان مائارىپ نەشىرىياتى تەرىپىدىن ئىستانبۇلدا نەشر قىلىندى. بۇ ئەسەر 5000 سەھىھ ھەدىسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، 90% پىرسەنتى «سەھىھ بۇخارى» ۋە «سەھىھ مۇسلىم»دىن، 5% پىرسەنتى سۈنەنلەردىن (يەنى سۈنەنى تىرمىزى، سۈنەنى ئەبۇ داۋۇد، سۈنەنى نەسائى ۋە سۈنەنى ئىبنى ماجە ناملىق كىتابلاردىن)، قالغان 5% پىرسەنتى باشقا سەھىھ ھەدىس مەنبەلىرىدىن تاللاپ ئېلىنغان. شۇڭا، بۇ ئەسەر پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتىدە بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىسلەرنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دېيىشكە بولىدۇ ۋە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا نىسبەتەن سەھىھ ھەدىسلەر بۇ قەدەر تەپسىلىي بايان قىلىنغان تۇنجى تەرجىمە ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. ئىسلام تارىخى مىڭ يىلنى ھالقىغان جاپاكەش، مىھنەتكەش ۋە تىرىشچان خەلقىمىز ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىسلام دىنىنىڭ ئىككىنچى دەستۇرى ھېسابلانغان ھەدىسلەر، بولۇپمۇ، سەھىھ ھەدىسلەرنىڭ ئۇلار بىلەن يۈز كۆرۈشۈشى نەقەدەر مۇھىم – ھە! مانا مۇشۇ ۋەجىدىن، بۇ ئەسەر كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ سەھىھ ھەدىسكە بولغان چەكسىز تەشنالىقىنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە قاندۇرغۇسى ئىنشائاللاھ!!!

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close