پائالىيەتلەر

ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئىپتار زىياپىتىدە جەم بولدى


ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئىپتار زىياپىتىدە جەم بولدى
قېرىنداشلىق ۋە باراۋەرلىككە تەشەببۇس قىلىدىغان بەرىكەتلىك شۇ مۇبارەك رامىزان ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 25- ئىيۇل پەيشەنبە رامىزاننىڭ 17- كۈنى، زەيتىنبۇرنۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ ئىچىدىكى چوڭ مەيداندا شەرقى تۈركىستانلىق قېرىنداشلار ئۈچۈن ئىپتار زىياپىتى بېرىلدى.
ئىپتارغا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئەر – ئايال بولۇپ نۇرغۇن كىشى قاتناشتى. شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئيىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ ئىپتار زىياپىتىگە تۈركىيە پارلامىنتىنىڭ سابىق مىللەت ۋەكىلى پروفېسسۇر دوكتۇر جالال ئەرباي ، زەيتىنبۇرنۇ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ئىلياس ساقا ۋە ئىنسان ۋە مەدىنيەت ھەرىكىتى ۋەقپىدىن دوكتۇر ئىكرام سۇلتان قاتارلىقلارمۇ قاتناشتى.
ئىپتار دۇئاسىنى سابىق مىللەت ۋەكىلى دوكتۇر جالال ئەرباي قىلدى، دۇئادىن كىيىن زىياپەت ئەھلى ھەر خىل يىمەكلەر بىلەن بىلەن ئىپتار قىلدى.
كىيىن جەمئىيەتنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان قىسقىچە سۆز قىلىپ، ئىپتار زىياپىتىگە قەدەم تەشرىپ قىلغان ھەمشەھەرلەرنىڭ بۇ ئىپتارلىق زىياپىتىگە ئائىلىچە قەدەم تەشرىپ قىلغانلىقى ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئاخىردا يەنە سابىق مىللەت ۋەكىلى پروفېسسۇر دوكتۇر جالال ئەرباي دۇئا قىلدى. دۇئادىن كىيىن مەيداندىكى چىملىقتا شام نامىزىنى ئوقۇغان جامائەت خوشاللىق بىلەن ئۆيلىرىگە قايتىشتى.
تۈۋەندە ئىپتار زىياپىتىدىن بىر قانچە كۆرۈنۈشلەر

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close