5. نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلار ئۇچرىشىشى خۇلاسە دوكلاتى

 

5 – نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنىنىڭ خۇلاسە دوكىلاتى

بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم

ھۆرمەتلىك ئۇستازلار، قېرىنداشلار، ھەرقايسى دۆلەتتىن ۋە تۈركىيەنىڭ ھەر يېرىدىن كەلگەن مېھمانلار، كەلگۈسى ئۈمىدلىرىمىز بولغان ياشلار ھەممىڭلارغا اللە تائالانىڭ سالامى بولسۇن: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ!

ئالدى بىلەن، بىزنى مۇشۇ ئورۇندا جەم قىلغان ۋە بىر نەچچە كۈندىن بېرى ئۆزئارا تونۇشۇش، قېرىنداشلىق مېھرىمىزنى ئاشۇرۇش، دوستلۇق رىشتىلىرىمىزنى چىڭىتىش، يېڭى دوستلۇق ۋە قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتلىرى ئورنىتىش، ئىمانىي، روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ئازراق بولسىمۇ ئۆزىمىزنى ئىسلاھ قىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەن جانابى اللەقا چەكسىز ھەمدۇ سانا ئېيتىمىز.

ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، بىز بۇ يولغا بۇندىن تۆت يىل بۇرۇن (يەنى 2009 – يىلى) قەدەم تاشلىغان ئىدۇق. شۇ يىللىرى خىزمەت ۋە پائالىيەت تەجرىبىلىرىمىزنىڭ كەملىكى، ئارىمىزدا ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭ بولماسلىقى، ياردەم بېرىدىغان ئورۇن ۋە ئورگانلارنىڭ ئازلىقى تۈپەيلىدىن ناھايىتى ئىككىلەنگەن ھالدا باشلىغان بۇ قۇتلۇق يولدا، جانابى اللەنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن بۈگۈنكى كۈندە قىلچە تەمتىرىمەي، ئارىسالدى بولماي، دادىل قەدەملەر بىلەن يول ئېلىپ، خىزمەت ۋە پائالىيەتلىرىمىزنى تېخىمۇ جانلىق ۋە كۆپ تەرەپلىمىلىك ئېلىپ بارالىغۇدەك ھالغا يەتتۇق. مانا سىلەرمۇ گۇۋاھ بولۇپ تۇرۇپسىلەركى، بۇ بەش قېتىملىق قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى جەريانىدا، مەيلى پائالىيىتىمىزنىڭ مەزمۇنى، سۈپىتى، تەشكىلىي جەھەتتىن بولسۇن ياكى شەرت – شارائىت جەھەتتىن بولسۇن، قەدەممۇ قەدەم يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، مانا بۇ يىلقىدەك يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىلاردا پائالىيەت ئېلىپ بارالىغۇدەك سەۋىيەگە يېتەلىدۇق. بۇنىڭدا ئالدى بىلەن اللە تائالانىڭ چەكسىز رەھمىتى، ئاندىن بىزنىڭ نىيىتىمىزنىڭ سەمىمىي ۋە خالىس بولۇشى، ئەتراپىمىزدا بىز بىلەن ھەمكارلىشىدىغان، شەرقىي تۈركىستان داۋاسى ۋە مۇجادىلىسى ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسە قوشىدىغان ئورگان ۋە شەخسلەرنىڭ كۆپىيىشى، بۇ پائالىيەتلەرنىڭ راۋان ۋە سىستېمىلىق ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن كۈندۈزىنى كېچىسىگە ئۇلاپ، جاپالىق خىزمەت قىلغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تىرىشچانلىقى قاتارلىقلارنى ئەڭ ئاساسلىق ئامىللار دەپ قاراشقا بولىدۇ.

بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشىمىزنى مانا مۇشۇنداق ئالىي دەرىجىلىك، ساپ ھاۋالىق، كۆڭۈلگە ئارامبەخش ھوزۇر بېرىدىغان گۈزەل مەنزىرىلىك بىر يەردە ئۆتكۈزۈپ ئاخىرلاشتۇردۇق. بۇلار بىزنىڭ ماددىي جەھەتتىن ھېس قىلغانلىرىمىز. ئەمما بۇ ئۇچرىشىشىمىزنىڭ مەنىۋىي جەھەتتىن بىزگە بەرگەن مەنپەئەتى، ھۇزۇر – ھالاۋىتى ماددىي ھالاۋەتتىن نەچچە ھەسسە ئۈستۈن بولدى دەپ ئويلايمىز. چۈنكى بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشىمىزنىڭ تېمىسى بىزنىڭ ئەڭ ئەجەللىك مەسىلىلىرىمىزدىن بىرى بولۇپ، مۇشۇ تېمىنى چۆرىدىگەن ھالدا سۆزلەنگەن نۇتۇقلار، ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىر – تەكلىپلەر، اللە تائالانىڭ نامى بىلەن تىلەنگەن ئارزۇ – ئۈمىدلەر قەلبىمىزنى ئويغىتىپ، زېھنىمىزنى تېخىمۇ ئۆتكۈرلەشتۈردى، سەگەكلىكىمىزنى ئاشۇرۇپ، كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىد ۋە ئىشەنچىمىزنى مۇستەھكەملىدى. ئەگەر خالىس نىيەت بىلەن يولغا چىقىپ، توغرا پىلانغا تايىنىپ تۇرۇپ، مۇۋاپىق زامان ۋە ماكاندا بار كۈچىمىز بىلەن تىرىشچانلىقىمىزنى ئوتتۇرىغا قويساق، نۇرغۇن ئىشلارنى بىز پىلانلىغاندىنمۇ ئاسان ۋە تېز ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۇق، كۆرۈپ يېتەلىدۇق. مۇشۇ نۇقتىلاردىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشىمىز ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن ئالدىنقى ئۇچرىشىشلىرىمىزغا قارىغاندا تېخىمۇ بەرىكەتلىك، تېخىمۇ مەنىلىك، تېخىمۇ پايدىلىق بولدى دەپ قارايمىز. بىزگە سۆز قىلىپ بەرگەن ئۇستازلارنىڭ سەرخىللىقى، بىز تاللىغان تېمىلاردا ئىختىساس ئىگىلىرى بولۇشى، ھەربىرى پەرقلىق نۇقتىلاردىن چىقىش قىلىپ سۆزلىسىمۇ، ئاساسىي نىشاننىڭ يەنىلا بىزنىڭ تېمىلىرىمىزغا باغلىنىشى قاتارلىقلار بىزنى ۋەتىنىمىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى چۈشىنىش، خەلقىمىز دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى تولۇق كۆرۈپ يېتىش ۋە ئەتراپلىق مۇلاھىزە يۈرگۈزۈش، ئۆزىمىزنىڭمۇ ئەمەلىي كۈچىمىزنى دەڭسەپ كۆرۈش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى. شۇڭا ئۇچرىشىشىمىزغا ئىشتىراك قىلىپ، قىممەتلىك بىلىم خەزىنىلىرىنى بىز ئۈچۈن ئېچىپ بەرگەن بۇ ئۇستازلىرىمىزغا ھوزۇرۇڭلاردا يەنە بىر قېتىم ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز ۋە اللە تائالادىن بۇ ئەمگىكىگە كاتتا ئەجىر تىلەيمىز.

 

ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار! بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشىمىزنىڭ ئاساسلىق تېمىسى ”ئىسلاھات“ ئىدى. يەنى ئىمان، ئەمەل، ئىدىيە، سىياسىي كۆز قاراش، سىياسىي ئاڭ، دۇنيا ۋەزىيىتى، ۋەتەن ۋە خەلقىمىزنىڭ تارىخى، بۈگۈنى ۋە كېلەچىكى، تەشكىلاتلىرىمىز ۋە تەشكىلاتچىلىقىمىزدا كۆرۈلۈۋاتقان مەسىلىلەر، ئۇلارنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرىنى ئۆگىنىشتىن باشلاپ، ئۆگەنگەنلىرىمىزنى ئەمەلىيەتكە تەتبىقلاش ۋە شۇ ئارقىلىق ئاۋۋال ئۆزىمىز، ئاندىن ئەتراپىمىز، خەلقىمىز ۋە ۋەتىنىمىزگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتەلىگۈدەك دەرىجىدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش مەقسەت قىلىندى. بۇ ئىسلاھات پروگراممىسىنىڭ پىلان – لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىش ئۈچۈن، ئىسلامىي ئىسلاھات، سىياسىي ئىسلاھات ۋە تەشكىلىي ئىسلاھاتتىن ئىبارەت ئۈچ تارماق تېما بەلگىلەنگەنىدى. بۇ بىر نەچچە كۈنلۈك پائالىيىتىمىز جەريانىدا سۆز قىلغان ئۇستازلىرىمىز ئاساسەن مانا مۇشۇ ئۈچ ھالقىنى تۇتقا قىلىپ تۇرۇپ، بىزنى نۇرغۇن بىلىم بىلەن تەمىنلىدى، نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك تەكلىپ – پىكىرلىرىنى سۇندى، بەزىبىر جەھەتلەردە قەتئىي ۋە جىددىي ئىسلاھات، ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارمىساق بولمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى.

بىز ئالدىنقى يىللىرىدىكى ئۇچرىشىشلارنىڭ ئاخىرىدا بارلىق قېرىنداشلارنىڭ ئورتاق پىكىر قاتناشتۇرۇشى بىلەن يىغىن خۇلاسىسى ۋە قارارنامىسى تەييارلاپ، دوكلات قىلىپ كېلىۋاتاتتۇق. بۇ يىلقى تېمىمىز بەكمۇ كەڭ دائىرىلىك، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپىنچە مەزمۇن بىۋاسىتە قول تىقىپ ئىشلەشكە مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، بۇ ھەقتە قارار ئېلىپ، ئىجرا قىلىش مەسىلىسىنىڭ ھازىرچە مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى ئويلاپ، بۇ يىللىق ئۇچرىشىشىمىزنى پەقەت خۇلاسە دوكلاتى بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇشنى مۇۋاپىق كۆردۇق. بۇ قېتىملىق پائالىيەت ۋاقىتلىرىمىزنىڭ بەكمۇ زىچ بولۇپ قېلىشى سەۋەبىدىن، قارار خاراكتېرىنى ئالىدىغان مەسىلىلەرنى مۇزاكىرىگە سېلىشقا ۋاقىت يار بەرمىدى. ئەمما ئۆزىمىزگە، قىلغىلى بولىدىغان ئىشلارغا، شۇنداقلا تەشكىلاتچىلىقىمىزغا مۇناسىۋەتلىك ئېلىپ بېرىشقا تېگىشلىك ئىسلاھات پىكىرلىرى ئايرىم مۇزاكىرىگە سېلىنىپ، ئېلىنغان قارارلار ئەينەن ئىجرا قىلىنىدۇ.

تۆۋەندە بۇ بىر نەچچە كۈنلۈك لېكسىيەلەرنىڭ مەزمۇنلىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا چىقىرىلغان خۇلاسىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز:

1. ئىسلامىي ئىسلاھات:

خەلقىمىز 1000 يىللاردىن بېرى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىپ، ئۆزىنىڭ پاك ۋە ساپ ئەقىدىسى بىلەن دىنىي ئىبادەتلىرىنى ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە ئەقىدىسى ۋە ھەنەفى مەزھىبىدە تاكى ھازىرغىچە تەۋرەنمەي تۇرۇپ كېلىۋاتقان خەلقىمىز يېقىنقى يىللاردىن بېرى ھەم دىن دۈشمەنلىرى ھەم بەزىبىر تەنتەكلەرنىڭ ماسلىشىشى بىلەن دۇنيادا بازار تاپالمىغان بەزىبىر پۈچەك ۋە ئازغۇن ئېقىملارنىڭ خىرىسىغا دۇچ كەلدى ۋە كېلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى، زالىم خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ خەلقىمىزنى نەچچە ئون يىلدىن بېرى ئىلىمسىز قويۇش، دىنسىزلاشتۇرۇش ۋە مۇسۇلمان ئەللىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى ئۈزۈپ تاشلاش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسەتلىرى ۋە بېسىملىرىدۇر. شۇنچە يىللىق بېسىم سەۋەبىدىن نۇرغۇن كىشىلىرىمىز دىنىي ئىلىمدىن مەھرۇم قالدى، نۇرغۇنلىرى ئىسلام دىنىنى خاتا ياكى چالا – پۇچۇق ئۆگىنىپ، تۇيۇق يوللارغا كىرىپ قالدى. بولۇپمۇ، بەزىبىر گاڭگىراپ قالغان، ئۈمىدىنى يوقاتقان ياشلىرىمىز بۇنداق ئازغۇن مەزھەب ياكى تەرىقەتلەرگە ئەزا بولۇپ، ھەم دىنىي ئەقىدىدە خاتالاشتى، ھەم خىتاي تەرىپىدىن سىياسىي قىسماققا ئېلىندى. ھازىر قارايدىغان بولساق، ۋەتىنىمىزدە شىئە مەزھىبى، ھىزبۇتتەھرىر، ھىجرەتچىلەر، ئەھلى تەكفىر، خرىستىئان، ھەتتا بۇددا دىنى تەلىماتلىرىغىچە بارلىق ئازغۇن پىكىر ئېقىملىرى كەڭ كۆلەملىك ۋە سىستېمىلىق، پىلانلىق ھالدا تەرغىب قىلىنىۋاتىدۇ. بۇ ئەھۋاللارغا قارىتا خەلقىمىز بىزدىن جىددىي چارە – تەدبىر تېپىشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. ئۇنداقتا، قايسى خىل يول ۋە قانداق تەدبىرلەر ئارقىلىق دىن دۈشمەنلىرىنىڭ بۇ رەزىل سۇيىقەستلىرىنى بىتچىت قىلغىلى بولىدۇ؟ تۆۋەندە بۇنىڭ بىر نەچچە تۈرلۈك نۇقتىسى ھەققىدە توختىلىمىز:

1)        اللە تائالاغا ۋە ئىسلام دىنىغا بولغان ساپ ئېتىقادىمىزدىن قەتئىي تەۋرەنمەي، ئەسىرلەردىن بېرى ئەجدادلىرىمىز تۇتۇپ كېلىۋاتقان ۋە مۇتلەق كۆپىنچىسى ئېتىقاد قىلىدىغان ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە ئېتىقادى ۋە ھەنەفى مەزھىبىدە چىڭ تۇرىمىز.

2)        اللە تائالانىڭ چەكسىز قۇدرىتىگە بولغان ئىشەنچ ۋە ئۈمىدىمىزنى يوقاتماي، ئەكسىچە بۇ ئەقىدىمىزنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ، اللەنىڭ ھەر نەرسىگە قادىر ئىكەنلىكىگە چىن دىلىمىزدىن ئىشىنىشىمىز ۋە قۇرئاندا كۆرسىتىلگەن يولدا چىڭ تۇرۇشىمىز لازىم.

3)        ياخشىلىق بىلەن تولغان شانلىق تارىخىمىزنى ئەسلەش ۋە ھازىرقى ۋەزىيىتىمىزنى ياخشى مۇلاھىزە قىلىپ چۈشىنىش، غايىمىزگە يېتىش ئۈچۈن پايدىلىق تەرەپلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، پايدىسىز تەرەپلىرىنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشىشىمىز كېرەك.

4)        مۇسۇلمان كىملىكىمىزنى قوغدىشىمىز ۋە ھەرۋاقىت ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇتۇشىمىز لازىم. ئۇنى ھەرقانداق كىملىك بىلەن ئارىلاشتۇرۇۋېتىشكە ياكى ئالماشتۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ. بىزنىڭ كىملىكىمىز مۇسۇلمان كىملىكىمىزدىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستاندا ئۆتكەن قەھرىمانلار ۋە ئالىملارنىڭ كىملىكى ئارقىلىق تونۇلۇشى لازىم. ئىلگىرى ۋەتەن ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ ئۆتكەن كىشىلىرىمىزنى ھەرۋاقىت ھۆرمەت – ئېھتىرام بىلەن ياد ئېتىپ، ئۇلارنىڭ بەزىبىر سەۋەنلىكلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلغان ۋە تىل تەگكۈزمىگەن ئاساستا تونۇشىمىز ۋە تونۇتىشىمىز لازىم. مىللىي ۋە دىنىي قىممەت قاراشلىرىمىزغا ئىگە چىقالىساق، ئاندىن غەلىبىگە قاراپ يول ئالغان بولىمىز. ئەگەر بىزگە يات بىر جامائەتنىڭ كىملىكى بىلەن تونۇلماقچى بولساق، ئۇ چاغدا ناھايىتى چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزگەن بولىمىز. شۇڭا ئۆزىمىزنى ئۆزىمىزنىڭ تارىخىمىز ۋە مىللىي قىممەت قاراشلىرىمىز بىلەن تونۇتۇشىمىز لازىم.

5)        ھازىرقى ئاساسلىق خىزمىتىمىز تەلىم – تەربىيە ۋە ياشلارغا ئەھمىيەت بېرىش بولۇشى لازىم. ئۆزىمىزگە بىر غايە توختاتقاندىن كېيىن، خىتاي ئۇنىڭغا قانداق توسالغۇ چىقىرىشقا تىرىشسا تىرىشسۇن، ئۇنىڭدىن ھەرگىز ۋاز كەچمەسلىكىمىز لازىم. ئەگەر نىيىتىمىز خالىس بولسا، اللە تائالا بىزگە چوقۇم ياردەم قىلىدۇ.

6)        بىلىم ئىگەللىشىمىز، بولۇپمۇ ئىسلامىي ئىلىمنى توغرا مېتود بىلەن سىستېمىلىق ۋە تولۇق ئۆگىنىشىمىز كېرەك. دەۋەت ئېلىپ بېرىش ئۈچۈنمۇ توغرا ئۇسلۇبىنى بىلىش، دەۋەت قىلماقچى بولغان خەلقنى تونۇش ۋە چۈشىنىش، شۇنىڭغا قارىتا خىزمەت ئېلىپ بېرىش كېرەك.

7)        پەرزەنتلىرىمىزنى ياخشى تەربىيىلىشىمىز ۋە ئۇلارغا توغرا دىنىي ئىلىمنى مىراس قالدۇرۇشىمىز لازىم. كۆپلەپ ئادەم تەربىيىلەش، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئەڭ ھىممەتلىك  ۋە سەرخىللىرىنى تاللاش ۋە ئۇلارنى تېخىمۇ يۇقىرى بىلىمگە ئىگە قىلىش كېرەك.

8)        ئىسلام دىنى بىلىملىرىنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى ئىككى بولىدۇ، بۇنىڭ بىرى ۋەھىي، يەنە بىرى دىنىي ئالىملارنىڭ ۋەھىيگە بولغان ئىزاھاتى، تەپسىرى بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ ۋەھيىنى چۈشىنىش، تەلىماتى ۋە كۆرسەتمىلىرىنى ئىزاھلاش ئۇسلۇبى ھەرخىل بولغانلىقتىن، ھەرخىل مەزھەب، ئېقىملار، تەرىقەت ۋە جامائەتلەر پەيدا بولغان. بىز سىناق ئۈچۈن يارىتىلغاچقا، ھەقىقىي سىناق ئارىدىكى ئىختىلاپنى تەقەززا قىلىدۇ. پەيغەمبىرىمىز بىزگە مۇنازىرىنىڭ يولى ۋە ئەدەب – قائىدىلىرىنى ئۆگەتكەن. ئىختىلاپ دېگەن، دىنىي ئەھكاملاردىكى ۋە ئەمەلدىكى پەرقلىق چۈشەنچە بولۇپ، ئۇ دىنىمىزنىڭ بايلىقى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا ئىختىلاپنىڭ تەپرىقىچىلىككە ئايلىنىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولماسلىق لازىم. چۈنكى تەپرىقىچىلىك دىننىڭ ئاساسىدا، يەنى ئېتىقاد قىسمىدا بولىدۇ.

9)        20 – ئەسىر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ ئاجىزلىقى شۇكى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا دىئالوگ ئاجىزلاپ قېلىشى، دىئالوگ ئۈچۈن قوللىنالىغۇدەك ئورتاق تىلىمۇ بولماسلىقى ھەم دىئالوگ تەجرىبىسى بەرپا قىلالمىغان. بىزنىڭ ئارىمىزدىمۇ بەزىبىر پىكىر ئايرىمچىلىقى مەۋجۇت، ئارىمىزدىكى بۇ خىل ئوخشىمىغان پىكىر، كۆز قاراشتىكى كىشىلەر بىلەن دىئالوگ ئۆتكۈزۈشىمىز، بۇنىڭ ئۈچۈن بىر – بىرىمىزنى ھۆرمەت – ئېھتىرام بىلەن خىتاب قىلىدىغان ۋە چۈشەنچىلىرىمىزنى تولۇق ئىپادىلىيەلەيدىغان مۇھىت بەرپا قىلىشىمىز لازىم.

10)      ئىسلامغا زىت كەلمەيدىغان مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ – ئادەتلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرۇشىمىز ۋە راۋاجلاندۇرۇشىمىز، باشقىلارنىڭ ئۆرپ – ئادەت ۋە مەدەنىيىتىنى خەلقىمىزگە زورلاپ تاڭماسلىقىمىز لازىم. ئۇنداق قىلمىغاندا، خەلقنىڭ ھىمايىسىدىن، قوللاپ – قۇۋۋەتلىشىدىن بىراقلا ئايرىلىپ، يېتىم ھالەتكە چۈشۈپ قالىدىغان ئەھۋال يۈز بېرىدۇ.

 

2. سىياسىي ئىسلاھات:

خىتاينىڭ ۋەتىنىمىزدە مىللىي، دىنىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىي، مائارىپ، قىسقىسى ھەممە تەرەپتىن يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇم – سىتەملىك سىياسىتى كۈندىن كۈنگە ئېشىپ كېتىۋاتىدۇ. خىتاي ئۇيغۇرلارنى پۈتۈنلەي ئاسىمىلاتسىيە قىلىۋېتىش ئۈچۈن، بىر تەرەپتىن تۇغۇتنى چەكلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن كۈنىگە مىڭلارچە خىتاي كۆچمەننى ۋەتىنىمىزگە كۆچۈرۈپ چىقىرىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى پۈتۈنلەي ئاستىن – ئۈستۈن قىلىۋەتتى. بۇ مەسىلە شۇ دەرىجىگە بېرىپ يەتتىكى، خىتايلار تەپ تارتماستىن ۋەتىنىمىزنى ئۆزىنىڭ ئانا يۇرتى دەپ قارايدىغان ئەھۋال بارلىققا كەلدى. خەلقىمىزگە خىزمەت يوق، ئەركىن تىجارەت يوق، يەنى ئىقتىسادىي جەھەتتىنمۇ قىسماققا ئېلىندى. پىكرىي ئەركىنلىك يوق، مەتبۇئات ئەركىنلىكى تېخىمۇ يوق. شۇڭا ۋەتەندىكىلەرمۇ ۋەتەننىڭ ئەھۋالىدىن ۋاقتىدا ۋە تولۇق خەۋەردار بولالمايۋاتىدۇ. يەر ئۈستى ۋە يەر ئاستى بايلىقلىرى بۇلاڭ – تالاڭ قىلىنىۋاتىدۇ، كۆچمەن مەسىلىسى، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىنورماللىقى، ئىكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقنىڭ بۇزۇلۇشى ۋە مۇھىت بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ۋەتىنىمىز ياشىغۇسىز ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويۇلۇۋاتىدۇ. خىتايلار ۋەتىنىمىزگە ئازغىنە مەبلەغ سېلىپ، تەرەققىي قىلدۇرغان قىلىپ كۆرسىتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىگە بولغان نەپرىتىنى بېسىشقا تىرىشسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان بېسىم ۋە زۇلۇمىنى تارىختىن بېرى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە كۈچەيتمەكتە.

يەنە بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا، خىتاينىڭ دىپلوماتىيە مەسىلىلىرىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تىلغا ئېلىنىشى بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ، نۇرغۇن دۆلەت خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە ”شەرقىي تۈركىستان“ ياكى ”ئۇيغۇر“ مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپىگە ئەكىلىۋاتىدۇ. 11 – سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى خەلقئارالىق مەسىلىلەردىن بىرىگە ئايلاندى. ئەرەب باھارى بىلەن تەڭ شەرقىي تۈركىستان داۋاسى ئەرەب دۆلەتلىرىدىمۇ پات – پات تىلغا ئېلىنىدىغان بولۇپ قالدى. مانا بۇلار بىز ئۈچۈن پايدىلىق ۋەزىيەت، پايدىلىق مۇھىت ھېسابلىنىدۇ.

بۇ بىر نەچچە كۈنلۈك دەرسلەردىن سىياسىي ئىسلاھات ھەققىدە مۇنداق بىر نەچچە تۈرلۈك خۇلاسە چىقارغىلى بولىدۇ:

1) بىرلىك – باراۋەرلىكنى كۈچەيتىشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشتىن بۇرۇن ئىدىئولوگىيەنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە ئېنىق يول خەرىتىسىنىڭ سىزىلىپ بولۇشى شەرت. مانا بۇ، ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ جىددىي ئېلىپ بېرىشقا تېگىشلىك سىياسىي خىزمەتلەردىن بىرى.

2) بۇ مۇجادىلە ھەرىكىتىمىزنىڭ ئىدىئولوگىيىلىك ئاساسى 1933 – يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ۋە 1944 – يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئىدىئولوگىيلىك ئاساسلىرىدىن كەلگەن بولغاچقا، بىز بارلىققا كەلتۈرمەكچى بولغىنىمىزمۇ مۇشۇلارنى ئاساس قىلغان ئۇنىۋېرسال ئىدىئولوگىيە بولۇشى لازىم.

3) باشقىلار يېزىپ بەرگەن سىنارىيىلەر بىزنىڭ سەھنىلەردە ئوينالماسلىقى ۋە بىز ئۇ سىنارىيەنىڭ ئارتىستلىرى بولۇپ قالماسلىقىمىز لازىم.

4) ۋەتەن ئىچىدىكىلەر بىلەن بولغان بىۋاسىتە مۇناسىۋىتىمىز ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىشى كېرەك،

5) ئېنىقلىۋېلىشقا تېگىشلىك مۇھىم بىر مەسىلە شۇكى، ”شەرقىي تۈركىستان داۋاسى“ بىلەن ”ئۇيغۇر مەسىلىسى“ دېگەن ئۇقۇملار ئارىسىدىكى پەرقنى مۇئەييەنلەشتۈرۈۋېلىش كېرەك. ”شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى“ مۇستەقىللىق داۋاسىنى كۆرسىتىدۇ. ”ئۇيغۇر مەسىلىسى“ بولسا، ئېتنىك بىر مىللەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، بۇ ئىككى ئۇقۇمنى بىر – بىرىدىن ئايرىپ چۈشىنىش لازىم. دۇنيادا بۇ ئىككى ئۇقۇمنى بىر دەپ قارايدىغان ئىككىلا مىللەت بار، بۇلاردىن بىرى ئۇيغۇر، يەنە بىر خىتاي. ئەمما باشقا دۆلەتلەر ”ئۇيغۇر مەسىلىسى“گە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى دەپ قاراپ، ياردەم بەرگىنى بىلەن، ”شەرقىي تۈركىستان داۋاسى“دىن يىراق تۇرۇشقا تىرىشىدۇ.

5) ئارىمىزدىكى پىكىر ياكى چۈشەنچە ئايرىمچىلىقىنى بىر تەرەپكە قايرىپ قويۇپ، دىئالوگ ئارقىلىق بىرلىك ۋە باراۋەرلىككە چاقىرىق قىلىشىمىز ۋە دېموكراتچى، مىللەتچى، ئىسلامچى ۋە باشقا كۆز قاراشنى ياقلىغۇچىلار ئارىسىدا ئاساسلىق غايە ئۈچۈن يېقىندىن ھەمكارلىق تۇرغۇزۇشىمىز لازىم. مەيلى قانداقلا كۆز قاراشقا ئىگە بولسا بولسۇن، مىللىي داۋامىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان، جان پىدالىق بىلەن بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى قوشۇشقا تىرىشىۋاتقان ھەرقانداق قېرىندىشىمىزغا تىل تەگكۈزمەسلىك، كەمسىتمەسلىك، ھاقارەتلىمەسلىك، چەتكە قاقماسلىق بىلەن بىر ۋاقىتتا، قۇرئانى كەرىمنىڭ: ”پەرۋەردىگارىڭنىڭ يولىغا باشقىلارنى ھېكمەت ۋە چىرايلىق سۆزلەر بىلەن چاقىرىڭلار“ دېگەن ئايەتنىڭ روھىغا ئەمەل قىلىشىمىز لازىم.

6) ھازىرقى ۋەزىيەتتە، بىر تەرەپتىن ئىسلام دۇنياسىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشسەك، يەنە بىر تەرەپتىن غەرب ئەللىرىنىڭ ھېسداشلىقىنى، ھەمكارلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىزمۇ مۇھىم.

7) شەرقىي تۈركىستان تارىختىن بۇيان ئىسلام دۇنياسىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشۇپ كەلگەن مۇھىم جۇغراپىيە بولغانلىقى ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھۆرلۈككە چىقىشىنىڭ ئىسلام دۇنياسىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم شەرت ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يېتىشىمىز ۋە چۈشەندۈرۈشىمىز لازىم.

8) ھەرخىل ساھەدە ئوقۇ – ئوقۇتۇش، مائارىپ، تەلىم – تەربىيە ئىشلىرىغا تېخىمۇ كۆپ كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك. چۈنكى ۋەتەن ۋە خەلقىمىز ھەر ساھەدە يېتىشكەن ئىختىساس ئىگىلىرىگە بەكمۇ ئېھتىياجلىق. بولۇپمۇ، سىياسەت، خەلقئارا مۇناسىۋەت، قانۇن، خەلقئارا سىياسەت، تارىخ قاتارلىق پەنلەردە كۆپلەپ ئالىم يېتىشىپ چىقىشى لازىم.

 

3. تەشكىلىي ئىسلاھات:

يۇقىرىدا ۋەتەن ۋە خەلقىمىز دۇچ كېلىۋاتقان ھەرخىل مەسىلىلەر، زۇلۇم ۋە بېسىملار توغرۇلۇق توختىلىپ ئۆتتۇق. مانا مۇشۇ يەردە ئولتۇرغان ھەممىمىز ۋە دۇنيانىڭ ھەر يېرىدە مۇساپىر، مۇھاجىر، سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچى، سەرسان ۋە سەرگەردان بولۇۋاتقان كىشى ئەنە شۇ ۋەتەندە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان زۇلۇملارنىڭ نەتىجىسى ھېسابلىنىدۇ. ۋەتەن ئۈچۈن ۋەتەننى تاشلاپ چىقىشقا مەجبۇر بولغان بۇ كىشىلىرىمىز دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تەشكىلات قۇرۇپ، ۋەتەن مۇجادىلىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقىلى نەچچە ئون يىل بولدى. ۋەتەن ئىچىدىكى خەلقىمىز ۋەتەن سىرتىدىكى تەشكىلاتلاردىن ناھايىتى چوڭ ئۈمىد كۈتۈۋاتماقتا. ھالبۇكى، يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، نۇرغۇن تەرەپتىكى ئاجىزلىق ۋە كەمچىلىكلىرىمىز، نوقۇل بىر سىياسىي پروگراممىمىزنىڭ يوقلۇقى، ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭ بولماسلىقى، مۇجادىلىلىرىمىزگە كۆڭۈل بېرىدىغان، يېقىندىن ھەمكارلىشىدىغانلارنىڭ سانىنىڭ ئازلىقى، شەرت – شارائىتلىرىمىزنىڭ ناچارلىقى، ماددىي جەھەتتىن نۇرغۇن ياخشى شارائىتى بار بەزى كىشىلىرىمىزنىڭ پائالىيەتلىرىمىزگە يېقىن يولىماسلىقى، بەزىبىر ئالىملىرىمىزنىڭ چەتكە چىقىۋېلىشى، قىلىشقا تېگىلىشلىك خىزمەتنىڭ كۆپلۈكى ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مۇھاجىرەتتىكى داۋا ھەرىكەتلىرىمىز كۈتكەندەك نەتىجە بەرمەي كېلىۋاتىدۇ. ھازىرقى ۋەزىيەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، چەتئەلدىكى تەشكىلاتلىرىمىز نوقۇل ھالدا ۋەتەن ئۈچۈنلا مۇجادىلە قىلسا، ۋەتەن سىرتىدىكى مەۋجۇدلۇقىنى يوقىتىپ قويىدىغان، ئەگەر ۋەتەن سىرتىدىكى مەۋجۇدلۇقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈنلا مۇجادىلە قىلسا، ۋەتەن ئىچىدىكى مۇجادىلىسى تۈگىشىپ كېتىدىغان ئەھۋالغا دۇچ كەلمەكتە. مانا بۇ ئەھۋالنى كۆزدە تۇتقان ھالدا، سىياسىي ۋە ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىمىز قانداق قىلغاندا، ھەم ئۆز مەۋجۇدلۇقىنى ساقلاپ قېلىش بىلەن بىرگە تېخىمۇ كۈچلۈك ھالەتكە كېلەلەيدىغانلىقى، ھەم ۋەتەن داۋاسى يولىدىكى خىزمەت – پائالىيەتلىرىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ھالەتكە كەلتۈرەلەيدىغانلىقى ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ، تېزدىن چوڭ بىر ئىسلاھ ۋە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش پەيتىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكى چۈشىنىپ يېتىش ۋە بۇنىڭ كونكېرت پىلانىنى تۈزۈپ چىقىشقا توغرا كەلمەكتە. مۇشۇ مەقسەت بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ”تەشكىلىي ئىسلاھات“ دەرسلىرى ئارقىلىق تۆۋەندىكىدەك خۇلاسە چىقىرىش مۇمكىن:

1) ئۇلۇغۋار غايىمىزگە يېتىش ئۈچۈن، بارلىق كۈچىمىزنى شۇ غايىمىزگە مەركەزلەشتۈرۈشىمىز ۋە باشقا پۈچەك ئىشلارنى نەزەردىن ساقىت قىلىشىمىز كېرەك.

2) تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ قۇرۇلمىسىنى ساغلاملاشتۇرۇش، ساپلاشتۇرۇش، غوللۇق خادىملارنى خىزمەتكە سەپلەش، خادىملارنى كەسپىيلەشتۈرۈش، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى يوشۇرۇن كۈچنى كەشىپ قىلىش، شۇنىڭغا قارىتا تەربىيىلەش ۋە خىزمەت تەقسىم قىلىش لازىم.

3) كېلىپ چىقىشى ياكى ئىدارە قىلغۇچىلىرىنىڭ كىملىكى نامەلۇم جەمئىيەتلەرنىڭ ئارىمىزغا سوقۇنۇپ كىرىشىگە يول قويماسلىق لازىم.

4) تەشكىلاتلىرىمىزنى خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئارقىسىدىن سوكۇلدىماي، ئۇنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان ۋە خەلقئارادا ۋەزىيەت شەكىللەندۈرەلەيدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.

5) ھەرقايسى دۆلەتتىكى پارتىيەلەر بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت قۇرۇپ، شۇ دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرىدا داۋامىز ئۈچۈن مۇجادىلە قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز لازىم.

6) ئۆزىمىز تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردە جامائەت پىكرى توپلاش ئارقىلىق ھۆكۈمەتكە بېسىم ئىشلىتىش ۋە بۇ ھۆكۈمەت ئارقىلىق خىتاي ھاكىمىيىتىگە بېسىم ئىشلىتەلەيدىغان بولۇشىمىز كېرەك.

7) ئىنگىلىزچە، ئەرەبچە ۋە باشقا تىللاردا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ۋە داۋاسىنى تونۇشتۇرىدىغان كۆپلەپ كىتاب – ژۇرنال، گېزىت – ماتېرىياللارنى نەشر قىلىشىمىز لازىم.

 

خۇلاسە كالام، يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئەھۋالىمىز بەك جىددىي، بەك خەتەرلىك پەيتتە تۇرماقتا. خەلقىمىز بىزدىن بەكمۇ چوڭ ئۈمىد كۈتمەكتە، قىلىدىغان خىزمەتلەر تاغدەك دۆۋىلىنىپ، بىزنى ساقلاۋاتماقتا. داۋانىڭ كۈنسېرى ئۇلغىيىشىنىڭ ئەكسىچە، داۋاغا ھەمكارلىشىدىغان، داۋانى ئۈستىگە ئالىدىغانلارنىڭ سانى كۈنسېرى ئاجىزلاپ، سەپلىرىمىز شالاڭلاپ قېلىۋاتماقتا. شۇنىڭ ئۈچۈن، مۇشۇ يەردە ئولتۇرغان قېرىنداشلاردىن باشلاپ شۇنى ئىلتىماس قىلىمىزكى، بىر نەچچە كۈندىن بېرى ئاڭلىغان دەرسلىرىمىز، قىلغان مۇزاكىرىلىرىمىزدىن ساۋاق ئېلىپ، ئۆزىمىزنى سىلكىۋېتىپ، مۇشۇ دەرسلەرنىڭ روھىغا ئاساسەن ئۆزىمىزنى ئىسلاھ قىلىپ، ئۆز ئىچىمىزدىكى يوشۇرۇن كۈچنى قېزىشىمىز، شۇنىڭغا ئاساسەن ئۆزىمىزنى تەربىيىلىشىمىز، ۋەتەن ۋە خەلقىمىزنىڭ مىللىي مۇجادىلىسى ئۈچۈن ھەسسىلەپ تۆھپە قوشۇشقا ئاتلىنىشىمىز، سەپنىڭ ئالدىدا مەشئەل كۆتۈرۈپ ماڭىدىغان، خەلقنى توغرا يولغا يېتەكلەيدىغان زىيالىي، ئالىم – ئۆلىمالاردىن بولۇشىمىز كېرەك.

ئاخىرىدا، ھەممەيلەننىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ، بۇ ئۇچرىشىشىمىزغا قاتنىشىپ بەرگەنلىكى، بىزگە يېقىندىن ماسلىشىپ، ئىشلىرىمىزنىڭ راۋان، سىستېمىلىق ئېلىپ بېرىشىغا ھەمكارلاشقان، بۇ ئۇچرىشىشتا مۇئەييەن ۋەزىپە ئالغان ياكى ئالمىغان بارلىق قېرىنداشلىرىمىزغا ئىدارە ھەيئەت نامىدىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن. اللە ھەممەيلەندىن رازى بولسۇن!

   شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى

  

 

About admin

Leave a Reply