خىتاي 300 ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلدى

خىتاي 300 ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلدى

ئىشغالچى خىتاي كومۇنىست ھاكىمىيىتى يېقىندىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى باھانە قىلىپ 300 ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلدى.

خىتاي ئىشغالى ئاستىدىكى شەرقى تۈركىستاننىڭ قاراقاش شەھىرىدە قۇرۇلۇش ئىنشائاتىدا ئىشلەيدىغان خىتاي ئىشچىلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى باھانە قىلىپ يۈزلەرچە ئۇيغۇرنى قولغا ئالغانلىقى ئاشكارىلاندى.

دۇنيا بۇلتەنى تور گېزىتىنىڭ ئاشكارلىشىچە، شەرقى تۈركىستاننىڭ قاراقاش خانئېرىق يېزىسىدا ئېلىپ بېرىلغان باستۇرۇشلاردا قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلار سانىنىڭ 300 دىن ئارتۇق ئىكەنلىكى ۋە يۇشۇرۇن ئاشكارا ئۆلتۈرۈلگەنلەر سانىنىڭ 250 دىن ئارتۇق ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

يەنە بىر تەرەپتىن، شەرقى تۈركىستاندا ئاخىرقى ئۈچ ئاي ئىچىدە مەيدانغا كەلگەن ۋەقەلەر جەريانىدا قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى تېخىچە خىتاي تۈرمىلىرىدە ياتماقتا.

شەرقى تۈركىستاندا ئاپرېل ، ماي ۋە ئىيۇن ئايلىرىدا شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتاي ئىشغالىغا قارشى ھەرىكەتلىرىدە 70 دىن ئارتۇق مۇسۇلمان ئۇيغۇر ئەزىمەتلىرى تاجاۋۇزچى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپدىن نەخ مەيداندا ئېتىپ شېھىت قىلىندى.

تۈرمىلەرگە قامالغانلارنىڭ كۆپىنىڭ ھازىرغىچە ئاقىۋىتى ئېىنىق ئەمەس، قاتىل خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئۇيغۇرلارنى يوقۇتۇش ئۈچۈن قەستەن ۋەقە سادىر قىلىپ، ئارقىدىن ئۇيغۇرلارنى ئاتالمىش چەتئەلدىكى ئۈچ خىل كۈچكە باغلاپ خالىغانچە تۇتقۇن قىلماقتا ۋە ئۆلتۈرمەكتە.

About admin

Leave a Reply