تۈركىيىنىڭ ئۆلكە تېلېۋىزىيىسىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى

تۈركىيىنىڭ ئۆلكە تېلېۋىزىيىسىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى

-28 ئىيۇل يەكشەنبە كۈنى كەچ سائەت 7:30 دىن 8:30 گىچە، تۈركىيە ئۈلكە تېلىۋىزىيىسىنىڭ ئىستانبۇلدا ئىپتار ۋاقتى پروگراممىسىدا شەرقى تۈركىستان مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى.

پروگراممىدا شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان، شەرقى تۈركىستاننىڭ تارىخى، مەدىنىيىتىنى ئاڭلاتتى ھەمدە شەرقى تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىشغالدىن ئىلگىرى رامىزان ئېيىدىكى پائالىيەتلىرى ۋە خىتاي ئىشغالىغا دۇچار بولغاندىن كىيىنكى زۇلۇم ئاستىدىكى رامىزان پائالىيەتلىرى ئوتتۇرۇسىدىكى پەرقلەر ھەققىدە توختالدى.

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان كىيىن تۈركىيەنىڭ غەززە، مىسىر ۋە باشقا مۇسۇلمان دۆلەتلىرىگە كۆڭۈل بۆلگىنىگە ئوخشاش شەرقى تۈركىستانغىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەكلىگىنى ئوتتۇرىغا قويدى

About admin

Leave a Reply