خەۋەرلەر

ئاقسۇ ئايكۆلدىكى ئامما بىلەن ساقچىلار ئارىسىدىكى توقۇنۇشتا 3 كىشى ئۆلگەن، 20 نەچچە كىشى يارىلانغان

 

ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئايكۆل بازىرىدا، ھېيتنىڭ ھارپا كۈنى ئامما بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ئاممىدىن 3 كىشى ئۆلگەن، 12 كىشى يارىلانغان، ساقچى تەرەپتىن 10 كىشى يارىلانغان. ۋەقەگە ساقچىلارنىڭ ھارپا كۇنى ئادەم تۇتۇشى ۋە ئۇنىڭغا ئاممىنىڭ يول قويماسلىقى سەۋەب بولغان.

ئايكۆل ساقچىخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئابدۇغېنى ئوسماننىڭ مۇخبىرىمىزغا بايان قىلىشىچە، ھارپا كۈنى كەچ سائەت 8 مەزگىلدە ئايكۆل ساقچىخانىنىڭ 22 نەپەر خادىمى ئايكۆلنىڭ پەيشەنبە بازار دېگەن مەھەللىسدىكى 4 گۇماندارنى تۇتۇپ ئېلىپ ماڭماقچى بولغان. ئەتراپتىكى كىشىلەر ساقچىلارنىڭ ھارپا كۈنى ئادەم تۇتقىنىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ ساقچى ئاپتوموبىلىنى قورشىۋالغان. قورشاۋ 4 سائەتچە داۋام قىلغاندىن كېيىن، نەق مەيدانغا تاراۋىدىن قايتقان كىشىلەرمۇ قېتىلىپ ئاممىنىڭ سانى 500دىن ئاشقان، ياردەمگە كەلگەن ژاندارما ساقچىلىرى قېتىلىپ خىتاي تەرەپنىڭ سانى 500 گە يېقىنلاشقان. نەتىجىدە ئىككى تەرەپ ئارىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىققان. كېچە سائەت 12:30 مەزگىلىدە خىتاي تەرەپ ئاممىغا ئوق چىقارغان.

تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇردىن بۇ ھەقتە مەلۇمات ئاڭلايسىلەر:

ئايكۈل ساقچىخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى غېنى ئوسماننى زىيارەت

مۇخبىر: ئايكۆلدىكى ۋەقە سائەت نەچچىدە باشلىنىپ، نەچچىدە ئاخىرلاشتى؟

خادىم: ھېيتتىن بىر كۈن بۇرۇن يەنى 7 – چىسلا كەچ سائەت 8 لەردە باشلىنىپ كېچە سائەت 1لەردە ئاخىرلاشتى.

مۇخبىر: ۋەقەدە قانچە كىشى ئۆلۈپ، قانچە كىشى يارىلاندى؟

خادىم: بىز تەرەپتىن 10 كىشى يارىلاندى، قارشى تەرەپتىن 3 كىشى ئۆلدى، 12 كىشى يارىلاندى.

مۇخبىر: ۋەقەگە قاتناشقان قارشى تەرەپنىڭ سانى قانچە؟

خادىم: بەش – ئالتە يۈز ئارىسىدا.

مۇخبىر: ۋەقە قانداق كېلىپ چىقتى؟

خادىم: شۇ كۈنى بىزنىڭ ساقچىلار 4 كىشىنى تۇتۇپ كېلىپ سوراق قىلماقچى بولغان. گۇماندارلار «ھېيتنى ئۆتكۈزىۋېتىپ ساقچىغا ئۆزىمىز بارىمىز» دەپ ساقچى ئاپتوموبىلىغا چىققىلى ئۇنىمىغان. ئاڭغىچە ئەتراپتىكى كىشىلەرمۇ «بۇگۇن ھارپا تۇرسا، بۇ ئادەملەرنى نېمىشقا تۇتۇتىسلەر» دەپ ساقچى ئاپتوموبىلىنى قورشىۋالغان. بىزنىڭ دەسلەپتە بارغان ساقچىلار 8 ئىدى، ساقچىخانا باشلىقىمىز يەنە ئادەم باشلاپ كىلىپ ساقچى سانى 22 بولدى، ئەتراپدىكى كىشىلەرمۇ كۆپىيىپ، تاراۋىدىن قايتقانلار قېتىلىپ 500 – 600 كىشىنىڭ قورشاۋىدا قالدۇق. بىز شەھەردىن ياردەم سورىدۇق، شەھەردىن ئالاھىدە ساقچى ۋە ژاندارما ساقچى ياردەمگە كېلىپ، بىزنىڭمۇ سانىمىز 500 گە بېرىپ قالدى. بىز ئاممىنى ئاگاھلاندۇرۇپ تارقىلىپ كېتىشكە بۇيرۇدۇق، ئۇلار تارقالماي تاش ۋە كېسەكلەر بىلەن ھۇجۇم قىلدى. سائەت 12:30 دا يۇقىرىدىن بۇيرۇق كېلىپ ئوق چىقىرىلدى. ئوقتا نەق مەيداندا بىرسى ئايال 3 ى ئۆلدى، 12 كىشى يارىلاندى، بىز تەرەپتىن 10 كىشى يارىلىنىپ دوختۇرخانىغا ئاپىرىلدى.

مۇخبىر: ۋەقەگە قېتىلغان 500 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ھەممىسى تۇتۇلدىمۇ؟

خادىم: ياق، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەتراپنى قورشاپ تاماشا كۆرۈپ تۇرغانلارمۇ بار، بىز ھەددىدىن ئاشقان، قولىغا تاش – كېسەك ئېلىپ ھۇجۇم قىلغانلارنى تۇتتۇق.

مۇخبىر: تۇتۇلغان قانچە كىشى شۇنىڭدا؟

خادىم: ساقچى ئاپتوموبىلىمىزنىڭ كامىراسىغا چۈشكەنلەردىن 90 نەچچە كىشىنى تۇتتۇق، ئۇلار نۆۋەتتە قاماقخانىدا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتىدۇ.

مۇخبىر: ئۆلگەن ئايال كىم؟

خادىم: ئىسمىنى بىلمەيمەن، بېشىدا لېچەك بار ئايال.

مۇخبىر: ۋەقەدە يارىلانغان ئاياللارنىڭ سانى قانچە؟

خادىم: ئۆلگىنىدىن باشقا 3، ئۇلار ۋەقەدە بەك ئاكتىپ بولغان، قولىغا تاش – كېسەك ئالغانلار، ھەممىسى بېشى ئورالغان ئاياللار.

مۇخبىر: ۋەقەگە قاتناشقان 500 – 600 كىشىنىڭ ئىچىدە ئاياللارمۇ بارمۇ؟

خادىم: ئاياللار، بالىلارمۇ بار.

مۇخبىر: بالىلاردىن ئۆلگەن، يارىلانغانلار بارمۇ؟

خادىم: بۇنى ئۇقمايمەن، ۋەقە ھەققىدە مەخسۇس دوكلات تېخى ھازىرلانمىدى. مېنىڭ سىزگە دەپ بەرگەنلىرىم، شۇ كۈنى ساقچىخانا باشلىقىمىزنىڭ ۋەقەدىن كېيىنكى دوكلادى، جىددىي ھالەت دوكلاتىدىكى مەلۇماتلار.

مۇخبىر: ساقچى تەرەپتىن يارىلانغانلار كىملەر؟

خادىم: ساقچىخانىمىزدىن Husenjan Abdurehim, Tianqi, Li yang, Yanglei, Ehmet, Nurulla, Memetjan, يارىلانغان، ياردەمچى ساقچىلارنىڭ ئىسمىنى بىلمەيمەن. يۇقارقىلاردىن ھۇسەنجان ئابدۇرېھىم بىزنىڭ دۆلەت ئامانلىقىغا مەسئۇل مۇئاۋىن ساقچىخانا باشلىقىمىز.

مۇخبىر: يارىلانغان ساقچىلار نېمىدىن يارىلاندى، پىچاقتىن يارىلانغانلار بارمۇ؟

خادىم: پىچاقتىن يارىلانغالانلار يوق، ھەممىسى تاش – كېسەكتىن يارىلانغان، بەزەنلىرىنىڭ سۆڭەكلىرى سۇنغان ئەھۋال بار.

مۇخبىر: ئاممىدىن ئۆلگەنلەر نېمىدىن ئۆلگەن؟

خادىم: ئوقتىن.

مۇخبىر: ئىشلىتىلگەن قورال قانداق قورال؟

خادىم: تاپانچا، قولىغا تاش ئالغانلارنى نىشانلاپ تۇرۇپ ئاتقان، ئوق چىققاندىن كېيىن كىشىلەر ھەر تەرەپكە قاچتى، بىز ئەتراپقا چازا قۇرۇپ قورشاپ تۇتتۇق.

مۇخبىر: ئوقنى ج خ ساقچىلىرى چىقاردىڭلارمۇ؟ ژاندارمىنىڭمۇ؟

خادىم: بۇيرۇققا ئاساسەن، ژاندارمىنىڭ چىقاردى.

مۇخبىر: ۋەقەدە ۋەزىپە ئۆتىگەن ساقچىنىڭ ئومۇمى سانى قانچە؟

خادىم: بىزنىڭ ساقچىخانىدىن باشقا توپلۇق قاتارلىق ساقچىخانىلاردىن بولۇپ ج خ ساقچىلىرىنىڭ سانى 90 نەچچە، ژاندارما ساقچى ۋە ئالاھىدە ساقچىلارنىڭ سانى 400 گە يېقىن، جەمئى بىز تەرەپتىنمۇ 500 گە يېقىن ئادەم.

مۇخبىر: سىز دېگەن ئۆلگەن ئادەم سانى ئېنىق مەلۇماتمۇ؟

خادىم: مېنىڭ دېگىنىم شۇ كۈنى نەق مەيداندا مەلۇم بولغىنى، شۇ چاغدا بايقالماي ياكى مەلۇم قىلىنماي قالغانلارمۇ بولۇشى مۇمكىن؛ بۇ ھەقتە ئايرىم يەنە دوكلات ھازىرلىنىپ ئۇقتۇرۇلۇشى مۇمكىن.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىدا ئاقسۇ ئايكۆلدە، ھارپا كۈنى 500 – 600 كىشىلىك ئامما بىلەن خىتاي ساقچىلىرى ئارىسىدا يۈز بەرگەن قانلىق توقۇنۇش ۋەقەسى ھەققىدە تەپسىلىي خەۋەر بەردۇق.

 مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى – شۆھرەت ھوشۇر

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close