پائالىيەتلەر

ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار جەم بولۇپ روزا ھېيتنى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى

ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار جەم بولۇپ روزا ھېيتنى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى

 

روزا  ھېيىت بايرىمى مۇسۇلمانلارنىڭ يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزىدىغان ئەنئەنىۋىي بايرىمى. بۇ كۈندە دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارغا ئۇخشاش ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارمۇ  روزا ھېيتنى تەنتەنىلىك ئۆتكۈزىدۇ.  

تۈركىيىدە بۇ يىل روزا ھېيىت 8-‏ ئاينىڭ 8 ‏- كۈنى پەيشەنبە كۈنىگە توغرا كەلدى. ھېيتنىڭ ئىككىنجى كۈنى يەنى 2013- يىلى 9 _ ئاۋغۇست جۈمە كۈنى ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار جەم بولۇپ روزا ھېيت بايرىمىنى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى

شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلدىكى تۈرك دۇنياسى مەدەنىيەت باغچىسىغا جايلاشقان زىننەت رىستوراندا روزا ھېيت بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ پائالىيەتكە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئەر – ئايال بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

پائالىيەت قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىش بىلەن باشلاندى. كېيىن جەمئىيەتنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئېچىلىش نۇتىقى سۆزلىدى ۋە يىغىن ئەھلىنىڭ شۇنداقلا ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ روزا ھېيت بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

كېيىن پىشقەدەم ۋەتەنپەرۋەر زات ئابدۇلقادىر ياپچان ئەپەندى سۆز قىلىپ، ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ روزا – رامىزان ئىبادەتلەرنى قىيىن ئەھۋالدا ئۆتكۈزىۋاتقانلىقىنى دىنى ۋە مىللىي بايراملارنى خۇشال – خورام ئۆتكۈزۈش پۇرسىتىگە ئىگە ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى ۋە خىتاينىڭ بېسىم سىياسىتىنى تەنقىد قىلدى.

پائالىيەتتە يەنە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر ئۆزلىرى تەييارلاپ كەلگەن ھەر خىل مەزمۇندىكى شېئىرلارنى جاراڭلىق دېكلىماتىسىيە قىلدى. يىغىن ئەھلى ئۆسمۈر بالىلارنى قىزغىن ئالقىشلىدى.

پائالىيەتتە يەنە ئۇيغۇر پائالىيەتچى مۇھەممەد تورسۇن ئۇيغۇر ئەپەندى، «مەن ئاق بايراق ئەمەس» دېگەن شېئىرنى جاراڭلىق دېكلىماتىسىيە قىلدى.

يىغىن زالىنىڭ ئىچىدە ئاياللار، سىرتىدا ئەرلەر ئولتۇرغان بولۇپ، يىغىن ئەھلى ئۆز ‏- ئارا قۇچاقلىشپ كۇرۇشتى. ھال ‏ئەھۋال سوراشتى. روزا ھېيىت بارامنى قىزغىن تەبرىكلەشتى.

ئىش ۋە خىزمەت ئالدىراشچىلىقىدا ئۇزۇن زامان ئۇچرىشالمىغان تونۇش بىلىش، دوست ‏- يارانلەر بۇ كۈندە ئۇچرىشىپ ئۆز ‏- ئارا بىر ‏- بىرىنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەشتى.

روزا ھېيت بايرىمىنى ئۆز يۇرتىدا، ئاتا – ئانا ئورۇق – توققانلار بىلەن يۇرت مەھەلىدە ئۆتكۈزۈلسە كۆڭۈللۈك بولىدۇ، ئەمما، ئانا ۋەتەندىن ئايرىلىپ غېرىپ مۇساپىرلىقتا ئۆتىۋاتقان ھاياتتا روزا ھېيتنى كۈتىۋېلىش قىيىن بولىدۇ لېكىن يات ئەلدە بولسىمۇ ئۇيغۇرلار ئۆز – ئارا جەم بولۇپ ئۆتكۈزگەن بۇ خىل ھېيت بايراملار بىر دەملىك بولسىمۇ مۇساپىرلىقنى ئونۇتتۇرۇپ كۆڭلىنى خوشال قىلىدۇ، مۇساپىر ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار بۇ خىل پائالىيەتكە قاتنىشىپ ياخشى بىر ھېيت بايرام ھىس قىلىدۇ. 

 

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close