پائالىيەتلەر

جەمئىيىتىمىز مەسئۇللىرى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلات مەسئۇللىرى بىلەن ھەمكارلىق توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى

 

تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلار ھەمكارلىشىش توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ باردى

تۈركىيىدىكى ئاممىۋىي تەشكىلاتلەردىن، مەركىزى قەيسىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى بىلەن ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرى خىزمەت – پائالىيەتلەردە ھەمكارلىشىش توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.

2013 – يىلى 15 – ئاۋغۇست پەيشەنبە كۈنى، مەركىزى قەيسىرىگە جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى سىيىت تۇمتۈرك، ئۇيغۇر دىنى ئالىم تۇرغۇنجان ئالاۋۇددىن، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبە باشلىقى خەيرۇللاھ ئەپەندىگىل قاتارلىق كىشىلەردىن تەركىپ تاپقان  4 كىشىلىك بىر ھەيئەت، جەمئىيىتىمىزنى زىيارەت قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم قاتارلىق ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچراشتى ۋە خىزمەت – پائالىيەتلەردە تېخىمۇ قۇيۇق ھەمكارلىشىش توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.

 

ئۇلار بىردەك، بۇ ئۇچرۇشىشتا ئاساسلىقى بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەت پائالىيەتلەردە پىكىر ئالماشتۇرۇش، مەسلىھەتلىشىش ۋە ئۆز – ئارا ھەمكارلىشش توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ باردى. 

 

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close