خەۋەرلەر

ئەي زىيۇ: ميۇنخېن ۋە مەككىدىكى جاسۇسلۇق ھەرىكىتىمىزنىڭ ئاساسلىق نىشانى – ئىككى شەخس

ئەي زىيۇ: ميۇنخېن ۋە مەككىدىكى جاسۇسلۇق ھەرىكىتىمىزنىڭ ئاساسلىق نىشانى – ئىككى شەخس

 

سابىق خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ شىنجاڭ ئىشخانىسىدا خىزمەت قىلغان خىتاي جاسۇسى ئەي زىيۇ توكيودا «ميۇنخېن ۋە مەككىدىكى جاسۇسلۇق ھەرىكىتىمىزنىڭ ئاساسلىق نىشانى – ئىككى شەخس» سەرلەۋھىلىك دوكلات بەردى. دوكلاتىدا ئاساسلىقى گېرمانىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى جاسۇسلىق ھەرىكىتىدىكى نىشان قىلىنغان مۇھىم شەخسلەر ھەققىدە توختالدى.

ئەي زىيۇ دوكلاتىدا ميۇنخېندا ئېلىپ بېرىلغان ئولىمپىكتىن ئىلگىرىكى جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى:

– ميۇنخېندا ئېلىپ بېرىلغان جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىمىز ناھايىتى كۆڭۈللۈك، ئازادە ئېلىپ بېرىلغان ئىدى. ئۇ چاغدىكى جاسۇسلۇق ھەرىكىتىمىزدە بىز ميۇنخېندىكى ئېسىل مېھمانسارايلاردىن ياتاق ئېلىپ قوياتتۇق. مېھمانخانىنى كۈندە دېگۈدەك ئالماشتۇرۇپ تۇراتتۇق. سەۋەبى ھەر كۈنلۈكى ئۇچرىشىدىغان ميۇنخېندىكى قۇلاقلىرىمىزغا ميۇنخېندىكى ئادېرىسىمىزنى بىلدۈرمەسلىك ئىدى. ئوخشاشلا بېرلىن ۋە باشقا شەھەرلەردىمۇ بۇ ئۇسۇلنى قوللىناتتۇق.

ميۇنخېندىكى ئاساسلىق ۋەزىپىمىز د ئۇ ق نىڭ يېڭى ئۇچۇرلىرىنى توپلاش بىلەن بىرگە، گېرمانىيىدىكى نۇقتىلىق بىر قانچە كىشى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى يىغىش ئىدى. چۈنكى گېرمانىيىدە بىزگە ئەڭ مۇھىم بولغان شەخس شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ ئوغلى ئەركىن ئالىپتېكىن ئىدى. چۈنكى ئۇ پىشقان سىياسەتچى بولغانلىقتىن ئۆزىنىڭ سۆز، ھەرىكىتىنى داۋراڭ قىلمايتتى. ئۇنىڭ تىبەت ۋە باشقا خەلقئارا تەشكىلاتلار بىلەن بولغان قويۇق مۇناسىۋىتى، ئۆزىنىڭ ۋە ئەيسا ئالىپتېكىننىڭ تۈركىيە ۋە ئىسلام ئەللىرىدىكى نوپۇزىدىن پايدىلىپ، ئۇيغۇر داۋاسىغا كۆپلىگەن ھەسسىلەرنى قوشقانلىقى ئۈچۈن،خىتاي دۆلىتى ئۇنى خەتەرلىك شەخس دەپ قارايتتى.

ئەركىن ئالىپتېكىن يۈرەك كېسىلى بىلەن ئوپېراتسىيە قىلىنىدىغان كۈنى خىتايدىكى بارلىق بىخەتەرلىك تارماقلىرىمىز ياۋروپادىكى بولۇپمۇ،گېرمانىيىدىكى قۇلاقلىرىمىزنى 24 سائەت ئۇنىڭ ئوپېراتسىيە ئەھۋالىنى ئىگىلەشكە بۇيرۇغان ئىدى. شۇ ئارىلىقتا بەزىلەر ئۇنى ئوپېراتسىيىدە ئۆلۈپتۇ دېيىشتى، بەزىلەر ھايات دېيىشتى، شۇ كۈنى نۇرغۇن تالاش – تارتىشلار بولدى. ئەمما ئۇ ھايات ئىكەن.

ميۇنخېندىكى ھەرىكەتلىرىمىز شۇنچىلىك ئازادە ئىدى. بىز ھەتتا شۇ يەردە ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە بىمالال بېرىپ كېلەلەيتتۇق. ھەتتا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونغا تۇغقان يوقلاشقا بېرىپ، بىزنىڭ قوللىمىزغا چۈشۈپ قالغان ئەمما،تەلەپلىرىمىزگە كۆنمەي، ئۈرۈمچىدە بىزنىڭ ئادەملىرىمىز بىلەن جىدەللەشكەن، ميۇنخېندىكى بىر ئۇيغۇر يىگىتنىڭ تېلېفون نۇمىرىنى تېپىپ، مېنىڭ خىزمەتدىشىم غوجا ئەھمەت ئۇ جىدەلخورغا تېلېفون قىلىپ: «مانا مەن مىيۇنخېنغا كەلدىم. نوچى بولساڭ، بىزنى د ۇ ق غا دەپ ئۆلتۈرگۈزۈۋەتمەمسەن؟» دەپ ۋاقىرىدى. ئەمما ئۇ جىدەلخورمۇ بوش كەلمەي تېلېفوندا «خۇدا بۇيرىسا سەنلەرنى بىر كۈنى ئۆزەم ئۆلتۈرۈمەن» دەپ جاۋاب بەرگەنلىكىنى غوجا ئەھمەتتىن بىلدىم.

ميۇنخېندا 2007 – يىلى ياز كۈنلىرىنىڭ بىرىدە توساتتىن بىزنىڭ ئادەملىرىمىزنىڭ ھەرىكىتى گېرمانىيە بىخەتەتەرلىك تارماقلىرى تەرىپىدىن سېزىلىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن مەن غوجا ئەھمەت ۋە ۋاڭ لى ئۈچىمىز ئايرىم – ئايرىم ھەرىكەت قىلىپ، ئاخىرى ئامان – ئىسەن پارىژغا يېتىپ بېرىۋالدۇق.

ئەي زىيۇ دوكلاتىدا 2011 – يىلى 11 – سېنتەبىر گېرمانىيىدە سوتلانغان ئۆزىنى ئۇيغۇرچە شۆھرەت دەپ ئاتىۋالغان لەنسىڭ ئىسىملىك خىتاي جاسۇسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

– لەنسىڭنىڭ خىتاي ۋە ئۇيغۇر تىللىرىنى ياخشى بىلىدىغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ ئارتۇقچىلىقىدىن پايدىلىنىپ، بىز ئۇنى ئوتتۇرا شەرقتىكى نېفىت ماكانى سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئەۋەتىشكە پىلانلىغان ئىدۇق. ئەمما ئويلىمىغان يەردىن ئۇ گېرمانىيە تەرەپنىڭ تورىغا چۈشۈپ قالدى.

بىزنىڭ مەككىدە ئېرىدىن تۇل قالغان، كۆپلىگەن بايلىقى بار xx ئىسىملىق سەتەڭ بىر قۇلىقىمىز بار ئىدى. ئۇ سەتەڭ كۆپىنچە مەككىدىكى بايلارنىڭ سورۇنلىرىغا قاتنىشاتتى. ئۇ، بۇ ئارقىلىق سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇيغۇر بايلىرى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلار ۋە باشقا جەھەتتىكى ئۇچۇرلارنى بىزگە يوللاپ تۇرسىمۇ، ئەمما ئۇ خانىمنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسى يۇقىرى بولمىغانلىقتىن، يوللىغان ئۇچۇرلىرىدا كەمچىلىكلەر كۆپ ئىدى. شۇڭا بىز xx قۇلاق خانىم بىلەن سۆزلىشىپ گېرمانىيدىكى لەنسىڭ بىلەن توي قىلىشقا تەكلىپ بەردۇق. سەۋەبى جاسۇس گۇماندارى لەنسىڭ ئۆزى ئوقۇتقۇچى بولغاچقا، شۇنداقلا شىۋە مىللىتىدىن بولغانلىقتىن ئۇنىڭ يوللىغان ئاخباراتىنى ئىشەنچىلىك ۋە ئەتراپلىق دەپ بىلىشكە بولاتتى. ئەمما كېيىن بىلسەم، بىزنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى xx قۇلاق خانىم ئۇنى ياراتماي قويۇپتۇ. xx سەتەڭ قۇلاق خانىم ئەپسۇس كېيىن كېسەل سەۋەبى بىلەن ۋاپات بولدى.

ئەي زىيۇ دوكلاتىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:

– سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئۇيغۇرلارنى خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي مەنبەسىنىڭ بۇلىقى دەپ قارايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى سەئۇدى ئەرەبىستانغا يېقىنلىشىش ئارقىلىق، سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇر بايلىرىنىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا ئىقتىسادى ياردەم قىلماسلىقىنى كۆپ قېتىم ئۆتۈنگەن بولسىمۇ، ئەمما سەئۇدى ھۆكۈمىتى بۇ ئىشقا پەقەتلا كۆڭۈل بولمىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئۇيغۇرلارنىڭ بايلىرىنىڭ كۆپ بولۇشى بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ھۆكۈمەتنىڭ مۇھىم خىزمەت ئورۇنلىرىغا ۋەزىپىلەرگە قويۇلغان. شۇڭا ئۇلار ئۆزىنىڭ ئورنىدىن پايدىلىنىپ،چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا كۆپرەك ياردەمدە بولىدۇ ۋە ياردەمدە بولۇۋاتىدۇ. خىتاي دۆلىتى ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبسىتاندا ھەممىدىن خەتەرلىك دەپ قارالغان ئىنسان xxxx. ئۇ، ھۆكۈمەتتە يۇقىرى مەنسەپ ۋە ئەمەلگە ئىگە. ئۇ ئىزچىل يوشۇرۇن ھالدا چەتئەلدىكى شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى قوللاپ كەلدى.

ئاخىرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا لەنسىڭ (شۆھرەت) ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close