خەۋەرلەر

تۈركىيە دىنى ئىشلار مىنىستىرى مەھمەت گۆرمەز شەرقىي تۈركىستانغا زىيارەتكە باردى

تۈركىيە دىنى ئىشلار مىنىستىرى مەھمەت گۆرمەز رەسمى زىيارەت مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاي ئىشغالى ئاستىدىكى شەرقى تۈركىستانغا باردى.

دىنى ئىشلار  مىنىستىرىنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرۇشىدا تۈنجى قېتىم ئۈرۈمچىگە بارماقچى بولغان مىنىستىر مەھمەت گۆرمەز، رايۇندىكى مەسئۇللار بىلەن بىر ئارىغا كىلىدىكەن.

قەشقەرنى زىيارەت قىلىپ تارىخى ئىدگاھ جامىسىدە قېرىنداشلارغا نۇتۇق سۆزلىمەكچى بولغان دىنى ئىشلار مىنىستىرى گۆرمەز، شۇ يەردىكى ئاتالمىش دىنى ئىشلار ئىدارە مەسئۇللىرى بىلەن ئېلىپ بارىدىغان ئىككى تەرەپلىك كۆرۈشمىلەردىن كىيىن بىيجىڭغا بېرىپ، ئاتالمىش خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لىيۇ يۇنشان بىلەن كۆرىشىدىكەن. زىيارەت ئەسناسىدا، ئۆتكەن يىلى خىتاي ئىسلام جەمىيىتى بىلەن تۈركىيە دىنى ئىشلار مىنىستىرلىگى ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان پروتوكول مەسىلىسىدە تۇنجى قېتىم خىتاي چىگرىسى ئىچىدە قۇرئان كېرىمنىڭ بېسىلىشى، دىنى تەلىم تەربىيە كىتاپلىرىنىڭ نەشىر قىلىنىشى ۋە دىنى خىزمەتلەر مەسىلىسى ھەققىدىكى تىرىشچانلىقلار ئەمىلىيەتكە ئاشۇرۇلغان بولىدىكەن.

13- سىنتەبىر جۇمە كۈنى تۇڭگان مۇسۇلمانلىرى كۆپ ساننى ئىگىلەيدىغان يىنچۇەن كەنتىگە بارىدىغان دىنى ئىشلار مىنىستىرى گۆرمەز، خىتاي دىنى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ زوۋائەن بىلەن بىرلىكتە تۈركىيە- خىتاي دىنى ئىسلام مەدىنىيەت سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىنىڭ ئىچىلىشىنى ئېلىپ بارىدىكەن.

دىنى ئىشلام مىنىستىرى گۆرمەزكە دىنى ئىشلار مۇئاۋىن مىنىستىرى پروپىسسور دوكتۇر مەھمەت ئەمىن ئۆزئاپشار، تاشقى مۇناسىۋەتلەر باش مۇدىرى پروپىسسور دوكتۇر مەھمەت پاچاجى، مۇسۇلمان دۆلەت ۋە ئاممىۋى يىغىن دائىرە مىنىستىرى ئەردال ئاتالاي، ئاخبارات ۋە خەلق ئىشلىرى مۇشاۋىرى ئابدۇلقادىر ئۆزكان ۋە باشقا كۆپ ساندىكى ئالاقىدار مەسئۇللار ھەمرا بولىدىكەن.

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close