پائالىيەتلەر

ئىستانبۇلدىكى ئانا تىل يەسلىلەردە دەرس باشلاندى

شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى زەيتىنبۇرنۇ شۆبىمىزنىڭ يەسلى سىنىپ غۇنچىلىرى 9- سەنتەبىر كۈنى ئەتىگەندە دەرس باشلىدى.

ئەتىگەندىن باشلاپ ئالدىنقى يىلىدىن باشلاپ ئوقۇۋاتقان ( مەكتەپ يېشىغا توشمىغان ) بالىلار بىلەن بۇ يىل يېڭىدىن تىزىملاتقان كىچىك ئوقۇغۇچىلار ئاتا- ئانىلارنىڭ ھەمراھلىقىدا پاكىز ۋە رەتلىك كىيىنگەن ھالدا زەيتىنبۇرنۇ ئانا سىنىپ بىناسىغا كەلدى. ئوقۇتقۇچىلار تەرىپىدىن قىزغىن قارشى ئېلىنغان بۇ كىچىك غۇنچىلار ئۇلار ئۈچۈن ئالدىن تەييارلانغان رەسىم كىتابى ۋە رەسىم سىزىش دەپتەرلىرىنى كۆرۈپ ئىنتايىن خوشال بولۇشۇپ كەتتى. ئۇقۇتقۇچىلار بۇ يىلدىن باشلاپ ئوقۇشقا ئېلىپ كېلىنگەن بالىلارنىڭ ئاتا- ئانىلىرىغا يەسلى سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىغا  ئۆتۈلۈدىغان دەرسلىرى، ئوقۇش نىزاملىرى ۋە كېلىپ كېتىش سائەتلىرى ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات بەردى.

يەسلى سىنىپىغا قوبۇل قىلىش يېشى  3 يېرىم ياشتىن تاكى6 ياشقىچە بولۇپ قوبۇل قىلىشتا  ، ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركۈستانلىق يۇرتداشلارنىڭ بالىلىرى بولۇشنى ئالدىنقى شەرت قىلدى. تىزىملاشلار داۋام قىلىنماقتا. 

 يەسلىمىزنىڭ مۇدىرى خۇرشىدە ئارتىش خانىمنىڭ مەلۇمات بېرىشىچە ۇ بىر ھەپتە كۈندۈرۈش ھەپتىسى بولۇپ، ئالدىمىزدىكى ھەپتىدىن باشلاپ بېرىلىدىغان دەرسلەر سەۋىيە ۋە سىنىپلارغا قارىتا سېستىمىلىق ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى. بۇ يىلدىن باشلاپ ئوقۇش سۈپىتىنى تېخىمۇ يۇقۇرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن بىر قاتار پىلانلارنى تۈزگەنلىكىنى بايان قىلدى.  بۇ پىلانلار ئىچىدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇيغۇر بولۇشى شۇنداقلا ھەر كۈنى بىر دەرس سائىتى مەخسۇس ئۇيغۇرچە دەرس بېرىلىشى، شۇنداقلا ئالدىمىزدىكى يىلدا مەكتەپكە بارىدىغان بالىلارغا مەكتەپتىن بۇرۇنقى دەرسلەردە تەربىيلەش سېستىمىسىنى تىخىمۇ چىڭ تۇتۇپ ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى، بالىلارنىڭ ئىجتىمائى مۇناسىۋەت ۋە ئەخلاقلىق تەربىيلىنىشى ئۈچۈن پەرزەنت تەربىيەسى پىسىخولوگلىرىدىن لېكسىيە تىڭشاش ،شۇنداقلا مەدىنيىەت- سەنئەت موزىيخانىلارغا  ئېلىپ بېرىلىشى بۇ پىلانلارنىڭ ئىچىدەدۇر. خۇرشىدە خانىم يەنە بۇ يىلدىن باشلاپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر تەرەپتىن ساغلام  بولۇشى ئۈچۈن مۇئەييەن بىر مەزگىل ئىچىدە چىش ۋە ساغلىق تەكشۈرۈشلىرىگە ئېلىپ بارىىدىغانلىقىنىمۇ قوشۇپ قويدى.   

مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر 

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close