خىتاي سوت مەھكىمىسى ئۈچ ئۇيغۇرنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلدى

خىتاي سوت مەھكىمىسى ئۈچ ئۇيغۇرنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلدى

خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ زۇۋانى بولغان شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولىشىچە،  خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ تۇرپاندىكى ئوتتۇرا دەرىجىلىك سوت مەھكىمىسى بۇ يىلى 26 – ئىيۇن پىچان لۇكچۈن ۋەقەسىدە ئەسىر ئالغان تۆت قېرىندىشىمىز ھەققىدە ھۆكۈم چىقىرىپ، ئۈچ قېرىندىشىمىزغا ئۆلۈم جازاسى، بىر قېرىندىشىمىزغا 25 يىل مۇددەتلىك قاماق جازاسى بەرگەن.

خەۋەردىن مەلۇم بولىشىچە، ئەھمەت نىياز سىدىق، ئۇرايىم ئېلى، ئابدۇللاھ شىرىپ قاتارلىق مۇجاھىدلارنى تېرور تەشكىلاتى قۇرۇش، قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش، ئوت قويۇش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەپ، ئۆمۈر بويى سىياسىي ھوقوقىدىن مەھرۇم قىلىنىپ ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن.

ئەكرەم ئوسمان تېرور تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش، قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش، ئوت قويۇش ھەرىكىتىگە قاتناشقانلىق جىنايىتى بىلەن ئەيىپلىنىپ، 25 يىل مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىپ، بەش يىل سىياسىي ھوقوقىدىن مەھرۇم قىلىنغان.

خىتاي ئۇيغۇرلارنى ئۆزى خالىغانچە سوت قىلىپ، دەلىل  – پاكىتلارغا تايانماستىنلا قارىلاپ ئېغىر جازا يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە. خىتاي سوت مەھكىمىلىرى ئادالەت ئۈچۈن ئەمەس خىتاي كوممۇنسىت ھاكىمىيىتىنىڭ ئىشغالىيىتىنى قوغداش ئۈچۈن، بۇ ئىشغالىيەتكە قارشى چىققان باش ئەگمىگەن ئۇيغۇر جەڭگىۋار ئوغلانلىرىنى مانا موشۇنداق ناھەق ئەيبلەپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلماقتا.

بۇ يىل 26 – ئىيۇندا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۇرپان ۋىلايىتى پىچان ناھىيىسى لۇكچۈن بازىرىدا، تاجاۋۇزچى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارىتا يۈرگۈزىۋاتقان دىنى بېسىم سىياسىتىگە، زۇلۇمىغا، تاجاۋۇزىغا قارشى مۇجاھىدلار خىتاي تاجاۋۇزچى ھۆكۈمىتىنىڭ سىمۋولى بولغان بازارلىق ساقچىخانا ۋە ھۆكۈمەت بىناسىغا ھۇجۇم قىلغان ۋە مۇجاھىدلار بىلەن خىتاي ھۆكۈمەت خادىملىرى ئارىسىدا چىققان توقۇنۇشتا 35 تىن ئارتۇق خىتاي خادىم ئۆلگەن، ئوندىن ئارتۇق مۇجاھىد شېىھت بولۇپ، 4 مۇجاھىد ئەسىرگە چۈشكەنىدى.

تۈركىيە دىنى ئىشلار ئىدارىسى باشلىقى مەھمەت گۆرمەزنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىسلام ئىنىستىتوتىدا سىنىپلارنى زىيارەت قىلىپ، “ ئىلىم نۇرى بولمىغان يەرلەر قاراڭغۇلۇق بولىدۇ، قاراڭغۇلۇق دېگەن سۆز ئەرەپچىدىكى ”زۇلمەت“ دېگەن سۆزدۇر. زۇلمەت بار يەردە زۇلۇم بولىدۇ، زالىم بولىدۇ، مەزلۇم  (ئىزىلگەن) بۇلىدۇ“ دېگەنىدى.

خىتايدىكى زىيارىتى داۋاملىشىۋاتقان مەزگىلدە، خىتاي ھۆكۈمىتى سوتىنىڭ دىنى بېسىمغا قارشىلىق بىلدۈرگەن مۇجاھىدلارغا ھۆكۈم ئېلان قىلىشى كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.

About admin

Leave a Reply