قاراقاش مەڭلاي يېزىسىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئايال ئوقۇتقۇچىلىرىنى ياغلىق ئارتماسلىققا مەجبۇرلىشى قاتتىق ئەيىپلەندى

قاراقاش مەڭلاي يېزىسىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئايال ئوقۇتقۇچىلىرىنى ياغلىق ئارتماسلىققا مەجبۇرلىشى قاتتىق ئەيىپلەندى

خوتەننىڭ قاراقاش ناھىيسى مەڭلاي يېزىسىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دۇان دېگەن خىتاي، 17- سىنتەبىر ئوقۇتقۇچىلارغا يىغىن ئېچىپ، يىغىن ئېچىلغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ ياغلىق ئارتقان ئايال ئوقۇتچىلارنىڭ ياغلىقسىز كىلىشىنى، بولمىسا خىزمەتتىن ھەيدىلىدىغانلىقىنى ئوقتۇرغان ئىدى.

مەڭلاي يېزىسىدىكى مەزكۇر ئوتتۇرا مەكتەپ، قاراقاش ناھىيىسى مەڭلاي يېزىسى بويىچە بىردىنبىر بولغان تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتۇر، بۇ مەكتەپنىڭ جەمى 162 نەپەر ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىن 60 تىن كۆپرەك ئۇيغۇر ئايال ئوقۇتقۇچى بار ئىكەن. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ياغلىق ئارتماي ئىشقا چىقىشقا قارشى ئىكەن.

ئەمما مەزكۇر دۇان دىگەن خىتاي مۇئاۋىن باشلىق يىغىندا ئۇلارنىڭ ياغلىق ئارتىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشىنى قاتتىق چەكلىگەن ۋە قارشىلىق قىلغۇچىلارنىڭ خىزمەتتىن ھەيدىلىدىغانلىقى بىلەن تەھدىت قىلىپ، “ يا ياغلىق ئارتىشقا تۇر، ياكى ياغلىقسىز ئوقۇتقۇچىلىققا تۇر “ سىياسىتىنى ئىشلەتكەن.

خىتاي دائىرىلىرى تەرىپدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان شەرقى تۈركستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنى – ئېتىقادىغا قارشى ھەر خىل چەكلىمە ۋە بېسىملار خەلقارا جامائىتىنىڭ قاتتىق ئەيىپلىشىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، ھىلىگەر خىتاي دائىرىلىرى خەلقاراغا ساختا ۋە يالغان ئاخبارات ئېلان قىلىش ئارقىلىق، شەرقى تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىغا قارشى رەزىللىكىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ داۋام قىلماقتا.

ئۇزۇندىن بىرى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھۇقۇق – مەنپەئەتىنى ئۇچۇق – ئاشكارا تەشەببۇس قىلىپ كىلىۋاتقان مىللەتپەرۋەر زىيالى، مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختى ئەپەندى، قاراقاش مەڭلاي تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئايال ئوقۇتقۇچىلارنى ياغلىق ئارتماسلىققا مەجبۇرلىشى ھەققىدە ئۆزىنىڭ پىكرىنى بايان قىلىپ، “ باشقىلارنىڭ ئۆرپ- ئادىتى ۋە دىنى- ئىتىقادىغا ھۆرمەت قىلىش مەدەنىيەتنىڭ ئەڭ ئەقەللى تەلىپىدۇر. ھەر قانداق كىشىنىڭ مىللى كىملىكى، ئىرقى، دىنى، رەڭگى ۋە ئۆرپ – ئادىتى ئۇنىڭ باراۋەر خىزمەتكە ئېرىشىش پۇرسىتىگە تەسىر كۆرسەتمەسلىكى كېرەك“ دېدى.

شەرقى تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارغا بولغان دىنى كەمسىتىش ئىزچىل كۈچەيتىلىۋاتقان بولۇپ، مۇسۇلمان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ياغلىق ئارتىشىدىن تارتىپ، ئەرلىرىنىڭ ساقال قويۇشىغىچە، ھەتتا ئۇلارنىڭ دۇختۇرخانا، سودا – تاللا بازارلىرى، ئىش بىجىرىش ئۇرۇنلىرىغا كىرىشدىن تارتىپ، ئاممىۋى قاتناش، ماي قاچىلاش پونكىتلىرى، ئاممىۋى كىتاپخانا ۋە ئاممىۋى ئاھالە ئولتۇراق رايۇنلىرىغا كىرىشىگىچە ، 18 ياشتىن تۈۋەن ياشلارنىڭ ناماز ئوقۇشىدىن تارتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ رۇزا تۇتۇشىغىچە بولغان بارلىق دىنى سىياقنىڭ ھەممىسى  ھەر خىل چەكلىمىلەرگە ئۇچراپ كەلمەكتە.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ، ئۇيغۇرلار مەيلى ئالى ساۋاتلىق بولسۇن ۋە ياكى نورمال سەۋىيەلەردە بولسۇن ھەر قانداق ئىش ئۇرۇنلىرىدا كەمسىتىلىشكە دۇچار بولماقتا. نۇرغۇن ئالى مەكتەپ پۈتۈرگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىشقا ئۇرۇنلىشالمايۋاتقان بىر ئەھۋالدا، ئۇيغۇر مەكتەپلىرىگە ئىچكىرىدىن خىتايلار ئوقۇتقۇچىلىققا كەلتۈرۈلۈپ، يەرلىكلەرگە ئۈچنى سۈرۈشتۈرمەسلىك يەنى: ئۇلارنىڭ سەۋىيسى، نەدىن كەلگەنلىكى ۋە ئىش ھەققىنىڭ قانچىلىكلىنى سۈرۈشتۈرمەسلىك ئۇقتۇرۇشى قىلىنماقتا.

مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختى ئەپەندى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان يۇقىرى بېسىملىق سىياسىتىنى ئۇچۇق تەنقىدلەپ مۇنداق دىدى:“ كىشىلەرنى خىزمەت ۋە ئۆرپ- ئادەت (مەسىلەن ياغلىق ئارتىش)، دىنى – ئېتىقات (مەسىلەن مەسچىتكە بېرىپ ناماز ئوقۇش) ئوتتۇرىسىدا تاللاش ئېلىپ بېرىشقا قىستاش، ئۇچۇق – ئاشكارا دىنى كەمسىتىش ۋە كىشىلىك ھۇقۇقنى دەپسەندە قىلىشتۇر. ئۇ خىل كاللىسى بىلەن ئەمەس، كۆتى بىلەن تەپەككۈر قىلىدىغان ئادەملەر ئەقىل- ئىدراكسىز بولۇپلا قالماي يەنە قارا نىيەتتۇر“.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى مەكتەپلەرنىڭ ئايال ئوقۇتقۇچىلىرىغا “ يا ياغلىق ئارتىشقا تۇر، ياكى ياغلىقسىز ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشقا تۇر“ سىياسىتىنى ئىشلىتىشى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نەقەدەر رەزىل ۋە قارا نىيەتلىكىنى ئۇچۇق ئاشكارىلايدۇ.

About admin

Leave a Reply