خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى دىنى قىياپەتكە قارشى بېسىمى تولىمۇ چېكىدىن ئاشتى

خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى دىنى قىياپەتكە قارشى بېسىمى تولىمۇ چېكىدىن ئاشتى

شەرقى تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنى قىياپەتتە كىيىنىشىگە قارشى تۇرۇشنى كۈچەيتىۋاتقان خىتاي دائىرىلىرى، دىنى قىياپەتكە قارشى ھەر خىل تەشۋىقاتلارنى ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە يول – يوللاردا ساقچى – ئەسكەرلەرنى قويۇپ، روپاچ ئاياللارنىڭ ئالدىنى توسماقتا ۋە خالىغانچە تۇتقۇن قىلماقتا.

ئۇيغۇر بىز تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شەرقى تۈركىستاندىكى روپاچ ئاياللارنىڭ خالىغانچە قولغا ئېلىنىشىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن بىر قىز، كۆرگەنلىرىنى يازما قىلىپ ئىجتىمائى ئۇچۇر ئالاقە ۋاسىتى فىسبۇكتا ئېلان قىلغان.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 9- ئاينىڭ 13- كۈنى خوتەننىڭ ئەڭ ئاۋات جايلىرىدىن بىرى بولغان خوتەن سامپۇل بىكەت ئەتراپىدا يۈز بەرگەن ھىجاپلىق ئاياللارنى قانۇنسىز تۇتۇپ كىتىش ۋەقەسىگە شاھىت بولغان بىر ئۇيغۇر قىز ، نەخ مەيداندا كۆرگەنلىرىنى ئاڭلىتىپ يازغان بولۇپ، ئۇ قىزنىڭ يازمىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە،  يېڭى توي قىلغان بىر جۈپ ئەر – ئايال ئانىسى بىلەن بىرگە بىكەتتە تاماققا توختىغان، ئانىسى بىلە قىزى روپاچ بولغاچقا ، مەخسۇس روپاچلارنى تۇتۇدىغان ماشىنا (خوتەندە  مەخسۇس ھىجاپلانغان ئاياللارنى تۇتۇش ئۈچۈن ئاجىرتىلغان، كوچىلاردا چارلاپ يۈرىدىغان ماشىنا ) تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ، ماشىنىدىن چۈشكەن ئىككى خىتاي ۋاقىرغان پېتى كېلىپ بۇ ئانا – قىز ئىككىسىنى تۇتۇپ ماشىنىغا چىقىشقا مەجبۇرلىغان.

يازمىدا يەنە ، شۇ ۋاقىتتا ئانىنىڭ قىزى بىلەن مەجبۇرى ماشىنىغا چىقىرىلغانلىقى، شۇ ئارىلىقتا 80 گە يېقىن ئادەمنىڭ نەخ مەيدانغا توپلانغانلىقى، ئانا- قىزدىن ئىبارەت روپاچ ئاياللار سۇلانغان ماشىنىنىڭ قوزغىلاي دەپ تۇرۇشىغا  20 ياشلار چامىسىدىكى كاۋاپ ئېلىۋاتقان بىر ياشنىڭ ئېتىلىپ كېلىپ، ماشىنا ئىشىكىنى غەزەپ بىلەن ئاچقانلىقى،  ماشىنا ئىچىدىكى ئانا – قىز ئىككىسىنى يەرگە چۈشۈڭلار دېگەندە، ماشىنا ئىچىدە ئانا – قىز ئىككىسىنى مەجبۇرى تۇتۇپ تۇرغان ئىككى ئايالنىڭ قورقۇنچتىن ئىشتانغا چىقىرىۋەتكۈدەك بولۇپ، تۇتۇۋالغان ئانا- قىزنى قويۇپ بەرگەنلىكى، ئانا – قىز ئىككىسىنىڭ ماشىنىدىن چۈشەي دەپ تۇرۇشىغا ھېلىقى خىتاينىڭ ئۇلارنىڭ ئالدىغا دۈۋەيلەپ كەلگەنلىكى، شۇ ۋاقىتتا ھېلىقى يىگىتنىڭمۇ خىتايغا نىمە بولدى؟ ئۇلارنى نىمىشقا تۇتاتتىڭ ؟ دەپ خىتاينىڭ ئالدىغا يۈگۈرگەنلىكى، شۇنىڭ بىلەن ئانا- قىز روپاچلارنى تۇتۇپ ماڭغانلارنىڭ پەسكويغا چۇشۇپ قالغانلىقى ۋە روپاچ ئاياللارنىڭمۇ قۇتۇلۇپ قالغانلىقى يېزىلغان.

مەزكۇر قىزنىڭ يازمىسىنىڭ داۋامىدىن مەلۇم بولۇشچە، مەزكۇر روپاچ ئاياللار قۇتۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي شۇ يەرگە ئۈچ چوڭ ماشىنا، بەش كىچىك ماشىنىدا قوراللىق ئەسكەرلەر ۋە ساقچىلار كەلگەن ۋە ئەتراپتىكىلەردىن ھېلىقى يېگىتنىڭ قايسى تەرەپكە كەتكەنلىكىنى سۈرۈشتە قىلغان. لېكىن ھېچكىم ئۇ يىگىتنىڭ قايسى تەرەپكە كەتكەنلىكى توغرىلىق ھېچنىمە دېمىگەن. دەل شۇ ۋاقىتتا ياغلىق بىلەن يۈزىنى ئورىۋالغان باشقا بىر قىز شۇ جايغا كېلىپ قالغان بولۇپ، ھېلىقى يېگىتنى سۈرۈشتە قىلغان ساقچىلار بىر تال سۆڭەككە ئېتىلغان ئىتلاردەك ئۇ قىزغا ئېتىلغان ۋە ئۇ قىزنى دۈشكەللەپ تۇتۇپ ماڭغان ھەمدە ئەتراپتىكىلەرگە “ قېنى يەنە قايسىڭ باتۇر ؟ يۈرەكلىك بولغانلار بولسا ئوتتۇرىغا چىقىشە“ دەپ ۋاقىرىغان.

مەزكۇر ۋەقەگە شاھىت بولغان قىز يازمىسىدا يەنە، پەقەت ھىجاپلانغانلىقى ئۈچۈنلا ساقچىلار تەرىپىدىن قانۇنسىزلارچە تۇتۇپ كېتىلىۋاتقان قېرىندىشى ئۈچۈن، كۆكرەك كىرىپ مەيدانغا چىقالمىغان ئەرلەرنى قاتتىق ئەيىپلەنگەن.

ھەممىگە مەلۇم شەرقى تۈركىستاننىڭ ھەر قايسى شەھەر، يېزا- بازارلىرى، كەنت – مەھەللىلىرىدىكى ساقال قويغان ئەرلەر، ھىجاپلانغان ئاياللار، دىنى ئەقىدىسى كۈچلۈك دەپ قارالغان ئائىلىلەرنى رويخەتكە تۇرغۇلۇزۇپ، قاتتىق باشقۇرۇش ۋە قاتتىق كونترول قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن.

بارلىق كوچا- كويلار ۋە يول بويلىرىغا “ ھىجاپلانماسلىق، ئۇزۇن كىيىم كېيمەسلىك، يۈزىنى ئورىماسلىق، جىلباپ كېيمەسلىك، ساقال قويماسلىق دېگەنگە ئوخشاش دىنى تۈس ئالغان بارلىق ئىشلارنى چەكلەيدىغان تەشۋىقات لوزىنكىلىرى ۋە شۇئارلىرى چاپلىۋېتىلگەن ياكى ئېسىپ قويۇلغان ھەمدە يېزىلاردا شۇنىڭغا ئالاقىدار تەشۋىقات پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش ئادەتتىكى ئىشقا ئايلىنىپ قالغان. ھەتتا ھىجانلانغان ئاياللارنىڭ ھىجابىنى تەرك قىلىشى ھەققىدە كېشى بېشىغا ئادەم تەشكىللەپ ، “ ئۆي زىيارىتى“ نامىدا ئائىلىمۇ – ئائىلە بېرىپ ، ئېدىيە تەربىيىسى ئىشلەش قاتارلىق ئىشلارمۇ نورمال كۈندىلىك ئىشقا ئايلىنىپ قالغان.

خوتەندىكى ھىجابلىق ئاياللارنى مەخسۇس ماشىنا بىلەن كېلىپ تۇتۇش ۋەقەسى ھەققىدە ئىگىلەنگەن مەلۇماتقا قارىغاندا، بۇنىڭغا ئوخشاش قالايمىقان ئادەم تۇتۇش ۋەقەلىرى خوتەندە كۈندە دېگۈدەك يۈز بېرىپ تۇرىدىكەن، خېلىدىن بىرى خوتەن شەھىرى ئىچىدە بۇ ئىش ئۈچۈن مەخسۇس ئاجىرتىلغان ماشىنا ۋە خىزمەتچى غالچىلار  كوچىدا چارلاش ئېلىپ بارماقتا ئىكەن.  تۇتۇپ كېتىلگەن ھىجاپلىق ئاياللار ئاۋال ساقچىلار ۋە مۇناسىۋەتلىك غالچىلار تەرىپىدىن قاتتىق سۇئال – سۇراققا تارتىلىپ، بىۋاستە سىياسى دەپ قارالغان بىرەر مەسىلە بايقالماي قالسا، يۈزىنى ئورىماسلىق ھەققىدە ئىدىيۋى تەربىيە بىرىلگەندىن كيىن  ، بۇندىن كىيىن يۈزىنى ئورىماسلىق ھەققىدە مەجبۇرى ۋەدىنامە ئېلىپ ، ئېغىر جەرىمانە قويىدىكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، خىتاي دائىرىلىرى ئۆزىنىڭ خوتەندىكى ھىجاپلانغان ئاياللارغا قاراتقان تەشۋىقات ۋە ئىدىيىۋى تەربىيىسىدىن سىرت، ئۇلارنى ئىجتىمائى كاپالەت ياردىمى، تۇرمۇش تولۇقلىمىسى بىلەن تەمىنلىمەسلىك، تېرىلغۇ يەر ۋە ئولتۇراق ئۆي يېرى بەرمەسلىك دېگەندەك ۋاستىلار بىلەن ھىجاپلانغانلار ۋە ھىجابلانغانلار بار ئائىلىنى چەتكە قاتماقتا. بۇنىڭدىنمۇ ھالقىپ ھىجاپلانغان ئاياللارنى كۆرگەن يەردە قالايمىقان تۇتۇپ كېتىش، جەرىمانە قويۇش، قاماپ قويۇش قاتارلىق رەزىل سىياسەتلىرى بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئىمانى ، ۋىجدانى ۋە غۇرۇرىنى يەرگە ئۇرماقتا.

مۇسلىم خەۋىرى

About admin

Leave a Reply