ئىشغالچى خىتاي، شەرقىي تۈركىستان مەسچىدلىرىگە كاپىر كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ بايرىقىنى ئاستى

ئىشغالچى خىتاي، شەرقىي تۈركىستان مەسچىدلىرىگە كاپىر كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ بايرىقىنى ئاستى

ئىجتىمائى ئۇچۇر ۋاستىسى فىسبۇكلاردا ئېلان قىلىنغا رەسىم ۋە خەۋەرلەدىن مەلۇم بولىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى شەرقى تۈركىستاننىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى مەسچىت – خانىقالىرىنىڭ مىھراپلىرىغا ، ئۆزىنىڭ قانخور تاجاۋۇزچىلىقىنىڭ ئىپادىسىنى بىلدۈرۈدىغان كومۇنىست بايرىقىنى ئاسقان، ۋە شۇ ئارقىلىق بۇ مەسچىت – خانىقالاردا ناماز ئوقۇيدىغان شەرقى تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنى كومۇنىست بايرىقىغا سەجدە قىلدۇرۇش سۈيقەستىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان.

بۇنىڭغا دىققەت قىلغان جامائەتلەر كومۇنىست بايرىقىغا قاراپ ناماز قىلىش ۋە سەجدە قىلىشنىڭ ئاللاغا شىرىك كەلتۈرۈش ۋە ئىماننىڭ چوڭ دەخلى – تەرۇزغا ئۇچرايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ نارازىلىق بىلدۈرمەكتە.

شەرقى تۈركىستاندىكى كۆپىنچە مەسچىت – خانىقالارغا خىتاي كومۇنىست بايرىقىنىڭ مەجبۇرى ئېسىلغانلىقى خەلقارا ئاخباراتلىرىدا تارقالغان بولىسمۇ، خىتاي دائىرىلىرى بۇ ئىشقا مۇناسىۋەتلىك ئىزاھات بىرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرماقتا.

ئىشغالچى خىتاي دائىرىلىرى شەرقى تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىغا قارشى سىستىمىلىق ھەر خىل چەكلىمىلەرنى چىقارماقتا.

مۇسۇلمانلارنىڭ مەسچىت- خانىقالارغا كىرىشى ئۈچۈن ياش چەكلىمىسى قويغان، مەمۇرى خىزمەتچىلەرنىڭ ناماز ئوقۇشى ۋە رۇزا تۇتۇشىنى، مۇسۇلمانلارنىڭ رامىزاندا جامائەت شەكىللىك ئىپتارلىشىشىنى قانۇنسىز دەپ چەكلىگەن خىتاي ئىشغالچىلىرى، ئەمدىلىكتە مەسچىت مۇنارلىرىغا كومۇنىست بايرىقىنى ئاسقاننى ئاز دەپ مەسچىتنىڭ مىھراپلىرىغا، ئىمام نامازغا باش بولۇپ سەجدە قىلىدىغان ئۇرۇننىڭ نەق ئۈستىگە، ”ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسىمى بىلەن باشلايمەن“ دىگەن مۇبارەك ئايەتنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنىڭ قانخور زالىملىقىغا دالالەت قىلىدىغان كومۇنىست  بايرىقىنى ئاسماقتا ۋە شۇ ئارقىلىق شەرقى تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنى ئاللاغا شىرىك كەلتۈرۈشكە مەجبۇرلىماقتا.

About admin

Leave a Reply