خەۋەرلەر

”كىملىكتىنمۇ قاتتىق ياغلىق تەكشۈرۈش سىياسىتى“ بىلەن “ خىتايچە ئىمتىھانغا مەجبۇرلانغان ئۇيغۇر تىبابىتى“

”كىملىكتىنمۇ قاتتىق ياغلىق تەكشۈرۈش سىياسىتى“ بىلەن “ خىتايچە ئىمتىھانغا مەجبۇرلانغان ئۇيغۇر تىبابىتى“

شەرقى تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنى- ئېتىقادىغا ھەر خىل چەكلىمىلەرنى قۇيۇۋاتقان خىتاي دائىرىلىرى،  ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىدا دەرس ئوقۇشىغا  قاتتىق چەكلىمە قويغانغا ئوخشاش،  ئۇيغۇر قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياغلىق ئارتىشقا چەكلىمە قويۇپ، بېشىدىكى ياغلىقنى ئېلىۋىتىشكە مەجبۇرلىغان.

ئىجتىمائى ئۇچۇر ئالاقە ۋاستىسى فىسبۇكتا ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەردە دېيىلىشچە، 14- ۋە 15- سىنتەبىر كۈنلىرى خوتەن پىداگوگىكا ئالى تېخنىكومىدا ئاتالمىش دۆلەتلىك سەھىيە ئىمتىھانى نوقتىسى تەسىس قىلىنغان ۋە خوتەندىكى بارلىق دۇختۇر ۋە سىستىرالاردىن نەزەرىيە ئىمتىھانى ئېلىنغان.

خەۋەردىن مەلۇم بولىشىچە، بۇ قېتىمقى سەھىيە ئىمتىھانى جەريانىدىكى ئامانلىققا مەسئۇل چىرىكلەر،  ئىمتىھانغا قاتناشقانلارنىڭ كىملىكىنى تەكشۈرۈشتىنمۇ بەكرەك ياغلىق تەكشۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ياغلىق ئارتقان ئاياللارنىڭ ئىمتىھان مەيدانىغا كىرىشىنى قەتئى چەكلىگەن ھەمدە نارازىلىق بىلدۈرگەنلەرنى ئىمتىھان مەيدانىدىن كەتكۈزىۋەتكەن. ئىمتىھانغا قاتناشقانلارنىڭ كىملىك سالاھىيتىنى تەكشۈرۈپ دەلىللەشكە ئىتىبارسىز قاراپ باشقىلارنىڭ ئورنىغا باشقىلار ئىمتىھان بەرگەن ئىشلارمۇ يۈز بەرگەن.

خەۋەردە يەنە، بەزى خانىم- قىزلارنىڭ يالاڭباش ئىمتىھان مەيدانىغا كىرىشكە قوشۇلماي ئىمتىھان بىرىش ھۇقۇقىدىن ۋاز كەچكەنلىكى ۋە ئىمتىھانغا كىرمەي قايتىپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

خەۋەردە ئۇنىڭدىن باشقا مۇنۇلار بايان قىلىنغان: خوتەندىكى داڭلىق تىۋىپ- دوختۇرلارنىڭ ئۆزگىچە داۋالاش ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلغان، دۆلەت ئىتىراپ قىلغان 8 نەپەر ئاتا مىراس تېۋىپ بۇ قېتىمقى ئىمتاھانغا قاتناشقان بولۇپ،  ئۇلار ئىمتىھاننى ئانا تىلى بولغان ئۇيغۇر تىلىدىن باشقا خىتاي تىلدا بىرىشكە مەجبۇرلانغان.

 ئۇلار: بىز ئۇيغۇر تىبابىتىنى ئاتا-بوۋىلىرىمىزدىن، ئۇستازلىرىمىزدىن ئۈگەنگەن، ئالى مەكتەپتە ئوقۇمىغان، شۇنىڭ ئۈچۈن خەنزۇچە بىلمەيمىز، بۇنى ھەم دۆلەتمۇ ئىتىراپ قىلغان. ئۇيغۇر تىبابىتى تارىختىن بۇيان ئۇيغۇر تىلنى ئاساس قىلىدۇ، ھەم شۇ ئاساستا تەرەققىي قىلىپ ساقلىنىپ كەلدى، شۇڭا ئۇنىڭ ئىسمىمۇ ئۇيغۇر تىبابىتى دەپ دۆلەت ۋە خەلقئارادا ئىتىراپ قىلىنغان، بىز شۇنىڭ ئەنئەنىسىگە، خاسلىقىغا ۋە ساپلىقىغا ۋارىسلىق قىلغۇچىلارمىز، بىز ئۇيغۇر تىبابىتىدە ئاتا بوۋىمىزدىن خەنزۇچە تەلىم ئالمىغاچقا خەنزۇچە جاۋاپ بىرەلمەيمىز دەپ قانۇنلۇق ۋە ئورۇنلۇق تەلەپ قويغاندا،  ئالاقىدار كىشىلەر: بۇنىڭغا ئامال يوق، خەنزۇچە يازمىساڭ ئىمتىھان مەيدانىدىن چىقىپ كەت دىگەن. ئۇلار ئۇنداق بولسا بىز چىقىپ كىتەيلى دىسە، ئۇلارنى ئىمتاھاندىن چىقىپ كىتىشكە يول قويمىغان.

شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئەتىسى ئاتالمىش ۋىلايەتلىك سەھىيە ئىدارسىغا ئەھۋال ئىنكاس قىلغاندا، ئاتالمىش ۋىلايەتلىك سەھىيە ئىدارىسىدىكىلەرمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئامالسىزلىقىنى بىلدۈرگەن.

كىيىن ئۇلار ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ۋە يوللۇق تەلىپىنى ئىلتىماس شەكىلدە ئاتالمىش سەھىيە نازارىتى جۇڭيى مىللي دورىگەرلىك باشقارمىسى، ئاتالمىش ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق جۇڭيى مىللي دورگەرلىكىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى، ۋە ئاتالمىش ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق تىل-يېزىق كومىتىتى قاتارلىق ئورۇنلارغا سۇنغان.

ئالاقىدار ئورۇنلار بۇ تەلەپنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئوزلىرىنىڭ كەسكىن بىر تەرەپ قىلالمايدىغانلىقىنى، يەنە يۇقۇرى دەرىجىلىك ئورۇنلارغا يوللايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

بۇنىڭغا قارىتا ھېلىقى 8 ئاتا مىراس تىۋىپ مەلۇم ۋاقىتقىچە جاۋاپ كۈتىدىغانلىقىنى، ئەگەر ھەل بولمىسا ئاتالمىش دۆلەت ۋە ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ مىللى ئاپتۇنومىيە قانۇنىدىكى ئالاقىدار قانۇن – نىزاملارغا ئاساسەن ئۆزلىرىنىڭ ھوقۇقىنى، مەدەنىيىتىنى ۋە تىلىنى قوغداش ئۇچۇن ئاتالمىش سەھىيە مىنىستىرلىكى، دۆلەت تىل يېزىق كومىتىتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمى كومىتىتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىغا داۋاملىق ئىلتىماس ئەرىزى قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا قەتئىي ئىپادە بىلدۇرگەن.

ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، ئىسمى، ئۆرپ – ئادىتى،  تىلىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ يارقىن نامايەندىسى بولغان ئۇيغۇر مىللىي تىبابىتى، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى يوقۇتۇش نىشانىغا ئايلىنىپ قالماقتا.

مۇسلىم

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button