خەۋەرلەر

تۇرپاندىكى مۇسۇلمان ئاياللارمۇ ياغلىقىنى ئېلىۋىتىشكە مەجبۇرلاندى

تۇرپاندىكى مۇسۇلمان ئاياللارمۇ ياغلىقىنى ئېلىۋىتىشكە مەجبۇرلاندى

ۋەتىنىمىزنىڭ تۇرپان شەھىرىدىن ئىگەللىگەن ئىشەنچىلىك خەۋەرگە كۆرە، 2013 – يىل 9 – ئاينىڭ 22 – كۈنى  يەكشەنبە تۇرپاننىڭ خاندۇ كەنتىدىن تۇرپان شەھەر ئىچىگە ھەدىسىنىڭ توي مۇراسىمىغا كەلگەن ئىككى مۇسۇلمان ھەمشىرىمىز تۇرپان شەھەر ئىچىدىكى خىتاي غالچا ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن ۋە ساقچىخانىدا ئېغىر ھاقارەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ، ھەر بىرىگە 600 يۈەندىن جەرىمانە ئېلىنىپ قويۇپ بېرىلگەن.

بۇ ئېچىنىشلىق ۋەقەنى بىۋاستە بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ھەمشىرىمىز: پىچان لەمجىن يېزىسىدىكى يەنە بىر تۇققىنىنىڭ ئۆيىگە بىر ھەپتە ئىلگىرى خىتاي غالچىلىرى تەكشۈرۈشكە كىرىپ ئۆيدىكى قارا كىيىم ۋە ئۇزۇن ئىسلامىي كېيىملەرنى ئېلىپ چىقىپ كەتكەن ۋە ئىككى كۈن بۇرۇن ئۇلار كالتە يوپكا ۋە قىسقا يەڭلىك كېيىملەرنى ئېلىپ كىرىپ بۇ بىزدىن سىلەرگە ھەدىيە بولسۇن، زامانغا لايىق مودا كېيىملەرنى كېيىپ ئېچىپ يۈرۈڭلار دەپ ھەمشىرىلىمىزنىڭ غۇرۇرىغا تەككەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ھەمشىرىلىمىزنىڭ كەيگەن كېيىملىرى ناھايىتى نورمال كېيىملەر بولۇپ، خىتاي ھەدەپ ھۇجۇم قىلىۋاتقان ھىجاب دەرىجىسىگىمۇ بارمايدىغان كېيىملەر ئىكەن. ئۇلار پەقەت ياغلىقنى ئالدىدىن چەككەن ۋە ئىشتان ئۈستىگە تىزدىن بىر ئاز پەسكە چۈشۈپ تۇرىدىغان يوپكا كېيىۋالغان. ئەمما پەسكەش خىتايلار مۇشۇنىڭغىمۇ بەرداشلىق بېرەلمىگەن.

ئىگەللىنىشىچە، بۇ خىل چېكىدىن ئاشقان تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكەتلىرى تۇرپان شەھەر ئىچى ۋە يېزىلىرىدا ئومۇمىيۈزلۈك ئېلىپ بېرىلماقتا بولۇپ، خىتاي غالچىلارنىڭ ئۆيمۇئۆي كىرىپ مۇسۇلمانچە كېيىم – كېچەكلەرنى ئېلىپ چىقىپ كېتىشى مۇسۇلمان خەلقىمىزنىڭ قاتتىق غەزەب – نەپرىتىنى كۈچەيتمەكتە.

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى بۇ خىلدىكى پەسكەش ئىجرائاتلىرى بىلەن خەلقىمىزنىڭ قىززىپ تۇرغان قېنىنى ئۇرغۇتۇپ ئېغىر ۋەقەلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى ئۈچۈن پىلەككە ئوت تۇتاشتۇرماقتا.

ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن شۇنداق بىر ئوت مەيدانغا كىلىدۇكى، پۈتۈن خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ غالچىلىرى بۇ ئوتتىن ھەرگىزمۇ قۇتۇلالمايدۇ.

 ئە. مۇھەممەد.

Show More

Related Articles

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close