جۇدالىق بىلەن ئۆتكەن 16 يىللىق ئۇيغۇر ئائىلە ھەسرىتى تۈركىيىدە ئاخىرلاشتى

جۇدالىق بىلەن ئۆتكەن 16 يىللىق ئۇيغۇر ئائىلە ھەسرىتى تۈركىيىدە ئاخىرلاشتى

 

ھىجرەت قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ بىر قىز بىر ئوغۇل ئىككى پەرزەنتى بىلەن ئايرىلىپ كەتكەن مىركامىل قەشقىرىي 16 يىلدىن كېيىن پەرزەنتلىرى بىلەن ئۇچراشتى، جۇدالىق ئۇتى ئاخىرلاشتى، ھەسرەتلىك ئائىلە خۇشاللىققا چۈمدى.

تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردۇغاننىڭ يول مېڭىشى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتىشى  بىلەن 16 يىل ئىككى پەرزەنتىدىن ئايرىلىپ كەتكەن مىركامىل قەشقىرىي ئائىلىسىنىڭ جۇدالىق ھەسرەتلىرى ئاخىرلاشتى.  7 كىشىلىك ئائىلە ئەزالىرى ئەنقەرەگە جەم بولۇپ خۇشاللىققا چۈمدى.

كىچىك مۇجاھىت قەشقەرىي، تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاندىن قەشقەردىكى ئاكىسى بىلەن ئاچىسىنى ئېكىلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى، تۈركىيە باش مىنىستىرى ئۇلارنى قەشقەردىن تۈركىيەگە ئەكەلدۈردى.

تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۇ يىل چاناققەلە ئۇرۇشىنىڭ 98 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتناشقاندا «چاناققەلە شېھىتلىرىگە» ناملىق شېئىرنى دېكلاماتسىيە قىلىپ داڭ چىقارغان 5 ياشلىق مۇجاھىت قەشقەرلى، سەھنىدىن چۈشۈشتىن بۇرۇن تۈركىيە باش مىنىستىرىغا بىر پارچە خەت بەرگەن ئىدى. بۇ كۆرۈنۈش تېلېۋىزىيىلەر ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا تارقىتىلغان ئىدى. بۇ خەتنىڭ ئىچىدىن تراگېدىيىلىك بىر ھېكايە ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۇ خەتتە مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندى 1997-يىلى خىتاينىڭ بېسىمىدىن تۈپەيلى چەتئەلگە قېچىپ چىقىدىغان ۋاقتىدا ئۈچ ياشتا تاشلاپ كەتكەن ئوغلى بىلەن بىر ئايلىق تاشلاپ كەتكەن قىزىنى قەشقەردىن تۈركىيەگە ئەكېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. خەتنى ئالغان باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان كىچىك مۇجاھىتتىن نەدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى سورىغان ئىدى. كىچىك مۇجاھىت «ئەنقەرەدە» دەپ جاۋاب بەرگىنىدە، ئەردوغان «ئەنقەرەدە كۆرۈشەيلى» دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدى.

ئىككى ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مۇجاھىتنىڭ دادىسى مىركامىل قەشقەرلى ئائىلىسىنى پارلامېنتتىكى ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلىپ دەردىنى ئاڭلىغان. مۇجاھىتنىڭ ئانىسى يىغلاپ تۇرۇپ، «خىتاي ھۆكۈمىتى 16 يىلدىن بېرى ئىككى بالىمىزنىڭ تۈركىيەگە كېلىشىگە رۇخسەت قىلمايۋاتىدۇ، ياردەم قىلىڭ» دېگەن ۋاقتىدا، باش مىنىستىر ئەردوغان ئازىزە خانىمغا ئۆزىنىڭ بىۋاسىتە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن ئىدى. تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ يوليورۇقى بىلەن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، تۈركىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن 16 يىللىق جۇدالىق ئاخىرلاشتى، كىچىك مۇجاھىتنىڭ ئاكىسى سەلاھىتتىن بىلەن ئاچىسى شەرافەتتىن 11-سېنتەبىر كۈنى تۈركىيەگە يېتىپ كەلدى. مىركامىل ئائىلىسى شاد-خۇراملىققا چۆمدى.

مىركامىل قەشقەرلىي ئائىلىسىنىڭ 16 يىللىق جۇدالىق ھەسرىتىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى توغرىسىدا تۈركىيىنىڭ ت ر ت خەۋەر تېلىۋېزىيە قانلىىدا 26 – سىنتەبېر كۈنى كەچلىك خەۋەر پروگراممىدا مەخسۇس پروگرامما تارقاتتى.

تاجاۋۇزچى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى زۇلۇمى سەۋەبلىك 16 يىل داۋام سۈرگەن پەرزەنت ھەسرىتىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى كۆرسىتىلدى.

ئاتا- ئانا يۈرەك پارىسى بولغان پەرزەنتلىرى ، پەرزەنتلىرى ھاياتتىكى ئەڭ ئۇلۇغ ۋە چوڭ يۆلەنچۈكى بولغان ئاتا – ئانىسى بىلەن 16 يىل كۆرۈشەلمەسلىكتىن ئىبارەت يىللاردىن بىرى ھەسرەت چىكىپ كىلىۋاتقان مىركامىلجان ئائىلىسى، ھەممىگە قادىر ئاللاھنىڭ ئىزنى ۋە تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغاننىڭ يول مېڭىشى بىلەن ئاخىرىدا 16 يىلدىن كىيىن ئەنقەرەدىكى ئۆيىدە جەم بولدى.

 

جانابى ئاللاھنىڭ بۇ ئىلتىپاتىغا چەكسىز شۇكۇرلەر قىلغان مىركامىلجان ئائىلىسى، شەرقىي تۈركىستاندا قالغان ئىككى پەرزەنتىنى تۈركىيەگە ئەكىلىشكە يول ماڭغان تۈركىيە باش مىنىستىر رەجەپ تايىپ ئەردوغانغا  پەقەت “ ئاللاھ رازى بولسۇن، باش مىنىستىرىمىزنىڭ قانداق مۇرادى بولسا جانابى ئاللاھ شۇنىڭغا يەتكۈزسۈن، بىز باش مىنىستىرىمىزغا بۇنىڭدىن باشقا مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرۈشكە ئاجىزمىز  “ دىدى.

قەشقەردە قالغان ئىككى بالىسى بىلەن 16 يىلدىن كيىن بىر يەرگە جەم بولغانلىقىدىن خوشال بولۇپ كۆز ياشلىرىنى تۇتالمىغان مىركامىلجان قەشقەرلى، ئۆزىنىڭ 1997- يىلى ئانا ۋەتىنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، شۇ ۋاقىتتان ئوغلى سالاھىددىننىڭ ئۈچ ياش، قىزى  شاراپەتنىڭ بىر ئايلىق ئىكەنلىكىنى، ئىشغالچى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى بېسىم سىياسىتى سەۋەپلىك ئۆزىنىڭ يۇرتتىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى ، ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن پاسپۇرت ئىشلىتىشنىڭ قىيىنلىقى سەۋەبىدىن ئۈچ ياشلىق ۋە بىر ئايلىق بالىسىنى قويۇپ چىقىشقا مەجبۇر قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەردوغاننىڭ مىركامىلجان قەشقەرلىنىڭ ئىككى پەرزەنتىنىڭ تۈركىيەگە كىلىشىگە يول مېڭىشىغا، مىركامىلجاننىڭ تۈركىيەدە توغۇلغان كىچىك ئوغلى مۇجاھىد قەشقەرلىنىڭ سەۋەپ بولغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان خەۋەردە ، ئىلگىرى تۈركىيەدە ئېلىپ بېرىلغان دۆلەتلىك چاناق قەلئە كۈنىنى خاتىرلەش مۇراسىمىدا شېئىر ئوقۇغاندىن كىيىن ئەردوغان بىلەن كۆرۈشكەن مۇجاھىد قەشقەرلىنىڭ ئەردوغانغا بىر پارچە مەكتۇب بەرگەنلىگى، كيىن باش مىنىستىر ئەردوغاننىڭ ئەنقەرەدە مۇجاھىد قەشقەرلى ئائىلىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، قەشقەردە قالغان ئىككى بالىسىنى تۈركىيەگە ئەكىلىشكە ئۆزىنىڭ بىۋاستە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

ئاتا- ئانىلىرى، پەرزەنتلىرى، ئۇرۇق – تۇققانلىرى ۋە دوست – بۇرادەرلىرى بىلەن يىللاردىن بىرى بىر يەرگە جەم بولالماي ھەسرەت چىكىۋاتقان مىڭلارچە شەرقى تۈركىستانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى بولغان مىركامىلجان ئائىلىسىنىڭ پەرزەنت ھەسرىتى ئاللاھنىڭ پەزىلىتى ۋە تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەردوغاننىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ يول مېڭىشى بىلەن ئاخىرىدا غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى

جانابى ئاللاھ تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردۇغاندىن رازى بولسۇن ، قان ۋە جان قېرىنداشلىرى بولغان شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ ھەسرىتىگە ۋە دەردىگە دەرمان بولغىلى نىسىپ قىلسۇن، دۈشمەنلىرىنى خار قىلىپ، دوستلىرىنى ئەزىز ئەيلىسۇن ، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە پەيغەمبەرلەر ، شېھىتلەر، سىددىقلار، سالىھ كىشىلەر بىلەن بەخىت- سائادەتكە ئېرىشكۈچىلەردىن قىلسۇن!!!

About admin

Leave a Reply