شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ بايراقدارى ئابدۇلمەجىد ئاۋشار ۋاپات بولدى.

شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ بايراقدارى ئابدۇلمەجىد ئاۋشار ۋاپات بولدى.

شەرقىي تۈركىستانلىق مۇھاجىرلاردىن ئاۋشار ئائىلىسىنىڭ ئوغلى يازغۇچى ئابدۇلمەجىد ئاۋشار ۋاپات بولدى.

قەيسەرىدىكى يەرلىك ساتىرا گېزىتىنىڭ قۇرغۇچىسى بولغان 43 ياشتىكى ئابدۇلمەجىد ئاۋشار ئەپەندى، يۈرەك كىسىلىنىڭ قوزغىلىشى سەۋەپلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان.

خەۋەرلەردىن قارىغاندا، ئۆيلۈك ۋە ئۈچ بالىنىڭ دادىسى ئابدۇلمەجىد ئاۋشار، سائەت  03:00 ئەتراپىدا تويۇقسىز بىئاراملىق ھىس قىلىپ، قەيسەرى شەھەرلىك تەتقىقات تەكشۈرۈش دۇختۇرخانىسغا ئېلىپ بېرىلغان ۋە قوزغالغان يۈرەك كىسىلى سەۋەپلىك دۇختۇرخانىدا ۋاپات بولغان.

ئابدۇلمەجىد ئاۋشار ئەپەندى ئەسلى شەرقى تۈركىستانلىق بولۇپ، ئۇ 1992-يىلى ئەرجىيەس ئۈنۋېرسىتىتىنىڭ ئىقتىساد ۋە ئىدارە بىلىملىرى فاكۇلتېتى خىزمەت قىسمىدا ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن، 1995 –يىلى زامان گېزىتى مۇخپىرلىقىنى قىلىشقا باشلىغان. ئۇ كىيىن ئانادولو خەۋەر، قۇياش قەيسەرى خەۋەر ۋە ئۈلكەر گېزىتلىرىدا خىزمەت قىلغان. 2007- يىلى ھەپتىلىك ساتىرا گېزىتىنى چىقىرىشقا باشلىغان ئاۋشار ئەپەندى، ئايلىق نەشىر قىلىنىدىغان ئىستقلال گېزىتى مەركىزى تارقىتىش ئورنىنىڭ مەسئۇللۇق ۋەزىپىسىنىمۇ ئېلىپ باراتتى.

ئىستىقلال گېزىتى شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى تۈرك خەلقىگە ئاڭلىتىش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولۇپ دۇنياغا نىدا قىلىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان ئايلىق گېزىتتۇر.

مەرھۇم ئابدۇلمەجىد ئاۋشارغا جانابى ئاللاھتىن رەھمەت ۋە مەغپىرەت تىلەيمىز، مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي. مەرھۇمنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا سەبىرچانلىق ۋە سالامەتلىك ئاتا قىلغاي.

 

About admin

Leave a Reply