باش بەت

شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى خىتاي ئەلچىخانىسىغا رەددىيە بەردى

شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى خىتاي ئەلچىخانىسىغا رەددىيە بەردى

شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى خىتاي ئەلچىخانىسىغا رەددىيە قايتۇردى

 خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى 5 – ئاۋغۇست كۈنى تۈركىيىدىكى پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلارغا 5 ‏- ئىيۈل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىغا مۇناسىۋەتلىك بىر VCD سىنئالغۇ پىلاستىنكىسى ئەۋەتكەن بولۇپ، بۇ قاتاردا شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىمۇ خىتاي كونسۇلخانىسى تەرىپىدىن ئەۋەتكەن VCDسىنئالغۇ پىلاستىنكىسىنى تاپشۇرىۋالغان.

 شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتى ، 5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى قانلىق قىرغىنچىلىققا ئالاقىدار بۇ ئۇيدۇرۇلغان يالغان VCD سىنئالغۇ پىلاستىنكىسىغا قارىتا خىتاي كونسۇلخانسىغا رەددىيە بېرىپ بىر يېرىم بەتلىك بىر رەددىيە مەكتۈبى يېزىپ ئېلان قىلدى ۋە 5 ‏- ئىيۇل ئۇرۈمچى ۋەقەسىنىڭ ھەقىقىي كۆرنۇشىنى ۋە گۇۋاڭدۇڭ ۋەقەسىدىكى سىنئالغۇ كۆرۈنۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان  بىلەن بىرگە «ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ ھەقىقىي يۈزى» دېگەن نامدا  2 دانە VCDسىنئالغۇ پىلاستىنكىسى خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانسىغا ئەۋەتتى .

 شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئيىتى خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانسىغا بەرگەن رەددىيەسى

:خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلىغا

 2009-يىلى 8 ‏- ئاينىڭ -5 – كۈنى، جەمئىيىتىمىزگە ئەۋەتكەن ئاتالمىش: ”ئۈرۈمچى ۋەقەلىرىنىڭ ئىچ يۈزى“ دەپ يېزىلغان VCDسىنئالغۇ پىلاستىنكىسىنى تاپشۇرۇۋالدۇق. ئەمما بۇ VCDسىنئالغۇ پىلاستىنكىسىنى كۆرۈشكە ھېچ ھاجەت ھېس قىلمىدۇق. چۈنكى، بۇنىڭ خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ يالغانلىرى بىلەن تولغانلىقىنى ناھايىتى ياخشى بىلىمىز. بۇنى سەنمۇ ھېچ بولمىغاندا بىزگە ئوخشاش ناھايىتى ياخشى بىلىسەن. سەن بىزگە بۇلارنى ئەمەس، 60 يىلدىن بۇيان شەرقى تۈركىستاندا قىلىۋاتقان زۇلۇملىرىڭنى، قىيىن – قىستاقلىرىڭنى، زورلۇقلىرىڭنى، گواڭدۇڭدا ئۆلتۈرۈلگەن بىگۇناھ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ، ئۈرۈمچىدە ئوققا تۇتۇلغان بىگۇناھ ئىنسانلارنىڭ يەنچىۋېتىلگەن، بېشى كېسىلگەن، تىرىك ھالەتتە كۆمۈۋېتىلگەن، تانكىلارنىڭ ئاستىدا ئېزىلگەن، جىنسى ئەزالىرى كېسىۋېتىلگەن ياشلىرىمىزنىڭ، ئوقۇغۇچىلرىمىزنىڭ، ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ، زىيالىلىرىمىزنىڭ سېنىڭ ئەسكەرلىرىڭ تەرىپىدىن يارىلاندۇرۇلغاندىن كېيىن جان تالىشىۋاتقان ھالەتتە قورساقلىرىنى يېرىپ ئىچ ئەزالىرىنى ئوغرىلىغان دوختۇرلىرىڭنىڭ، باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغاندىن كېيىن باشلىرى كېسىلىپ دەرەخكە ئېسىپ قويۇلغان ياش قىزلىرىمىزنىڭ، تېخى بۆشۈكتە بولۇشىغا قارىماي ئوققا تۇتۇلۇپ ئۆلتۈرۈلگەن بوۋاقلىرىمىزنىڭ، تۇغۇلۇش ئالدىدا تۇرغان ئانا قورسىقىدىكى بوۋاقلارنى زورلۇق بىلەن ئېلىپ ئالى مېھمانخانىلاردا ئالاھىدە تاماق سۈپىتىدە يوقىرى باھا بىلەن سېتىلغان بوۋاقلارنىڭ ۋە قەتلىئاملارنى پىلانلىغان ئەمەلدارلارنىڭ، بۇيرۇق بەرگەن ئىپلاس، ۋەھشىي، ئىنسان قىلىپىدىن چىققان، جاللات قوماندانلارنىڭ ، تىنچلىق بىلەن ئۆز ھەقلىرىنى تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلغان بىگۇناھ ياشلارغا رەھىمسىزلەرچە ئوت ئاچقان ۋە مىڭلىغانلىرىنى ئۆلتۈرگەن ئۇ قانخور ئەسكەرلىرىڭنىڭ سىنئالغۇسىنى ئەۋەتكىن ئەگەر ئەۋەتەلىسەڭ!

بىز ناھايىتى ياخشى بىلىمىزكى، ئۇ سىنئالغۇ كۆرۈنۇشلەر سېنىڭ قولۇڭدا بار، ئەمما سەن بۇلارنىڭ ئاشكارا بولۇشىدىن ۋە پاسكىنا جىنايەتلىرىڭنىڭ ئاشكارلىنىپ قېلىشىدىن بەكمۇ ۋە بەكمۇ قورقىسەن!.

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان ئېلىپ بېرىۋاتقان جىنايى قىلمىشلىرىڭ بۇنىڭ ئىنتايىن ئوچۇق نامايەندىسىدۇر.

سەن ۋە ساڭا ئوخشاشلار تېخىچە يالغان – ياۋداقلار بىلەن تا بۇرۇندىن قىلىپ كېلىۋاتقان دۆلەت قىياپىتىگە ئورۇنىۋالغان بۇ جىنايەت گۇرۇھىنىڭ گۇۋاڭدۇڭ ۋە شەرقى تۈركىستاندا ئېلىپ بارغان قەتلىئامنى يوشۇرۇپ، دۇنيا خەلقىنى ئالدىماقچى بولۇشىۋاتىدۇ. لېكىن دۇنيا خەلقى ئەمدى سەن ۋە ساڭا ئوخشاشلارنىڭ ھەققىي قىياپىتىنى ناھايىتى ياخشى چۈشەندى. ئەمدى بۇ يالغان – ياۋداقلارغا ئالدانمايدۇ.

سەن 1949 – يىلدا شەرقى تۈركىستاننى ئىشغال قىلىغىنىڭدىن بۇيان خەلقىمىزگە قىلمىغىنىڭ قالمىغان، ھەر تۈرلۈك زورلۇق – زومبۇلۇقلار بىلەن خەلقىمىزنى تارىخ سەھىپىسىدىن ئۆچۈرۈشكە، ئاسىمىلاتىسىيە قىلىشقا ئورۇندۇڭ، ئەمما خەلقىمىزنىڭ بۇنىڭغا باش ئەگمەيدىغانلىقىنى چۈشەنگەندە، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان يوللار بىلەن ياشلىرىمىزنى زەھەرلىك چېكىملىك تارقىتىپ زەھەرلىدىڭ. قىزلىرىمىزنىڭ ئەخلاقىنى بوزۇشقا زورلىدىڭ، قوش تىللىق مائارىپنى باھانە قىلىپ تىلىمىزنى چەكلىدىڭ. دىن، ۋىجدان، ئىنسانلىق ئەركىنلىكىنى بوغدۇڭ ، ھەر تۈرلۈك يوللار بىلەن خەلقىمىزنى دۇنيادىن ئايرىشقا تىرىشىپ كەلدىڭ. شۇنى ئۇنتۇمىغىنكى، زۇلۇم قەيەردە كۆرۈلسە، ئۇ يەردە قارشلىق چوقۇم بولىدۇ. بېسىم كۆپەيگەنسىرى قارشىلىق كۈچىيىدۇ. بۇ مۇسۇلمان ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاساسى پىرىنسىپىدۇر. بۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇر خەلقى ساڭا ۋە ساڭا ئوخشاشلارغا ھېچبىر زامان باش ئەگمەيدۇ، زۇلۇمغا ھەر زامان قارشلىق كۆرسىتىدۇ.

 ئەڭ ئاخىرقى ۋەقەلەرگە كەلسەك، سەنمۇ ھېچ بولمغاندا بىزدەك ياخشى بىلىسەنكى، بۇ ساڭا ئوخشاشلارنىڭ پىلانلىق ئېلىپ بارغان قەتلىئامىدۇر. چۈنكى شەرقى تۈركىستان خەلقى ھېچبىر زامان زوراۋانلىقنىڭ يېنىدا تۇرمىدى. زوراۋانلىق ئىشلەتمىدى. سەن بۇنىڭدىن كېيىن نېمە ئىش قىلساڭ قىل، بۇ ۋەھشىيلىكىڭنى، قەتلىئام قىلغانلىقىڭنى ۋە تېخىچە داۋام قىلىۋاتقان دۆلەت جىنايىتىنى ياپالمايسەن. سەن ئىنسانىيەت قېلىپدىن چىققان مەخلۇق، سېنىڭ قامۇسۇڭدا ۋىجدان دەيدىغان بىر سۆز بولمىغانلىقى سەۋەبلىك تېخىچە يۈزۈڭ ئازراق بولسىمۇ قىزارماستىن يالغان سۆزلەۋاتىسەن. سۆزلەشكە ھەم داۋام قىلىۋاتىسەن. سېنىڭ تېخى قانچىلىغان ئويۇنلىرىڭنىڭ بارلىقىنىمۇ بىز ناھايىتى ياخشى بىلىمىز. سەن ئۆزەڭنى بەك ئەقىللىق ئويلايسەن. ئەمما سەن بۇ قەتلىئام ۋە قەتلىئامدىن كېيىن قىلمىشلىرىڭ بىلەن ئۆزەڭنىڭ نەقەدەر ئابدال، نەقەدەر قورقۇنچاق، نەقەدەر نامەرت زالىم ئىكەنلىكىڭنى پۈتۈن دۇنياغا ئېلان قىلغانلىقىڭنىمۇ بىلمەي يۈرىسەن. شۇنداق ئەمەسمۇ؟ دۆلەتمۇ – دۆلەت ئايلىنىپ سېنىڭ جىنايىتىڭنى ئېچىش ئۈچۈن سۆزلەيدىغان ئېغىزىدىن باشقا بىر قورالى بولمىغان بىر ئاجىز ئايالغا، تۈرمىدىكى بالىلىرىغا زورلۇق ئىشلىتىپ قارشى تۇرۇشقا تىرىشىۋاتىسەن. يەنى سېنىڭ كۈچۈڭ مۇشۇنچىلىكمۇ؟!

كۈنلەر ئۆتىدۇ، بىزنىڭ سەندىن بۇنچىۋالا ئىنسانلىرىمىزنىڭ قېنىنىڭ، جېنىنىڭ ھېسابىنى سورايدىغان كۈنلەرمۇ كېلىدۇ. ئەنە ئۇ كۈننىڭ ئۇزۇن ئۆتمەي كېلىدىغانلىقىنى سەنمۇ، بىزمۇ ناھايىتى ياخشى بىلىمىز. سەن بىزگە بۇنچىۋالا زۇلۇم سېلىۋاتقىنىڭ بىلەن ئۆزەڭمۇ بۇ دۇنيادا بىر كۈنۈڭنى بولسىمۇ كۆڭۈل راھەتلىكى بىلەن ئۆتكۈزەلمەيۋاتىسەن. چۈنكى، ئوغرى ھەر زامان قورقۇنچ ۋە شۈبھى بىلەن ياشايدۇ ۋە ھېچبىر زامان خاتىرجەملىككە ئېرىشەلمەيدۇ. تاكى، ئۇ ئۆزلىكىدىن ئوغرىلىقنى تاشلىغىچە، ياكى، قىلغان جىنايىتىنىڭ جازاسىنى تارتقىچە. دېمەك سەن، ئۇ ئوغرىلارنىڭ ئەڭ چوڭىسەن! چۈنكى،سەن مېنىڭ مېلىمنى، بايلىقىمنى، زېمىنمىنى، جېنىمنى، تىلىمنى، دىنىمنى… ھەر نەرسەمنى ئوغرىلاشنى قەستلەۋاتىسەن. ئوغرىلاۋاتىسەن ۋە ھېچكىمگە بىلدۈرمەي داۋاملىق ئوغرىلىيالايدىغانلىقىڭنى گۇمان قىلىۋاتىسەن. ئەمما بىر نەرسىنى ئۇنتۇغانلىقىڭنى ئەسلەتمەكچىمەن، ئۇ زېمىننىڭ، ئۇ بايلىقنىڭ، مال – مۈلكنىڭ، جاننىڭ… ھەر نەرسىنڭ ئىگىسى بار. ئاخىرقى قېتىم قىلغان ئوغرىلىقتا دۇنيا خەلقىگە جىنايەت ئۈستىدە تۇتۇلۇپ قالغىنىڭدا ئاندىن بىلدىڭ. ئەمما سەن ئۇنداق تۇتۇلۇپ قالغىنىڭدا جىنايىتىڭنى شۇ ھامان ئېتىراپ قىلىدىغان ۋىجدانلىق ئوغرىلارغا ئوخشىمايسەن. ھەتتا جىنايەتنى مېلىنى ئوغرىلىغان كىشىنىڭ ئۈستىگە ئارتىپ قويىسەن، خۇددى بۇ قېتىممۇ قىلغىنىڭغا ئوخشاش.

ئەي خىتاي! تۈركىستان خەلقى ۋارقىراۋاتىدۇ، بۇ ئاۋازغا قۇلاق سال: بۇلارنىڭ ھېچبىرى ساڭا ئائىت ئەمەس، بۇلارنىڭ ھېچبىرىدە ئاناڭنىڭ ھەققى يوق! ئۈستۈمدىن قولۇڭنى تارت ۋە بۇ زېمىندىن دەرھال يوقال! ناھايىتى ياخشى بىلىسەنكى، سەن بۇ زېمىندىن يوقۇلۇپ كەتمىگۈچە ساڭىمۇ، ماڭىمۇ ھېچ ھۇزۇر يوقتۇر. ئۇنتۇمىغىنكى، سېنىڭ قولۇڭدىكى قورال ھەرقانچە كۈچلۈك بولسىمۇ، مېنىڭ يۈرۈكۈمدىكى ئىمان كۈچى ۋە ھەقلىق مۇجادىلەمگە قارىغاندا ھېچ نەرسە ئەمەس. بۇ سەۋەبتىن سەن 60 يىلدىن بۇيان ئۇ قوراللىرىڭ بىلەن مېنى يوق قىلالمىدىڭ، زولۇم بىلەن، قىيىن – قىستاق بىلەن مېنى قورقۇتالمىدىڭ، ئۆچۈرەلمىدىڭ ۋە بۇنى قىلالمايدىغانلىقىڭنىمۇ چۈشەندىڭ…؟! يەنە نېمىنى ساقلايسەن، يوقال! ئەمدى كەت! شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەت!!!

يەنە بۇنىڭغا قوشۇپ جەمئىيىتىمىز تەرىپىدىن تەييارلانغان ”شەرقى تۈركىستاندىكى قەتلىئامنىڭ ھەقىقىي يۈزى“ نىڭ VCD سىنئالغۇ لېنتىسىنى ئەۋەتتۇق. ئۇنىڭغا ياخشى قارا ۋە خىتاي قىزىل ئەسكەرلىرىنىڭ شۇنداقلار خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بارغان ۋەھشيىلىكىكە قارا !!! ئىنسان بولساڭ شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەت!!!

شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىكى

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتىى تەشۋىقات بۆلۈمى

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

بۇنىمۇ تەكشۈرۈڭ
Close
Back to top button