ھەدىسلەر توپلىمى- ئۇيغۇرچە كىتاب ئون توم

ھەدىسلەر توپلىمى-ئۇيغۇرچە-ئون توم

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك يۇرتداشلار، ئەزىز قېرىنداشلار، ئىززەتلىك ياش-ئۆسمۈرلەر:

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى قارمۇقىدىكى سۇتۇق بۇغراخان مائارىپ نەشرىياتى ياش دىنىي ئالىم-ئۆلىمالارنى تەشكىللەپ ماراكەشلىك داڭلىق دىنىي ئالىم مۇھەممەد ئىبنى سۇلايمان مەغرىبىي(ھىجرىيە 1030-يىلى ماراكەشتە تۇغۇلۇپ ھىجرىيە 1094-يىلى شامدا ئالەمدىن ئۆتكەن) تەرىپىدىن 17-ئەسىردە قەلەمگە ئېلىنغان ”جەمىئۇلفەۋائىد“ ناملىق ھەدىسلەر توپلىمى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھرىدە نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىشقا باشلىدى. بۇ ھەدىسلەر توپلىمى توققۇز تومدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ سەھىھ(ئىشەنچلىك) ھەدىسلەردىن جەمئى 10 مىڭ 131 ھەدىسنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

شەرقىي تۈركىستان، شۇنداقلا پۈتكۈل تۈركىستان تۇپراقلىرىدا بىر يېرىم ئەسىردىن بېرى غالجىرلارچە تېڭىلىۋاتقان دىنسىزلىق ئىدىيەلىرى، رۇس، مانجۇ ۋە خىتاي تاجاۋۇزچى كاپىرلىرىنىڭ جېنىنىڭ بېرىچە مۇبارەك ئىسلام دىنىغا ھەمدە مۇسۇلمان تۈركىستان خەلقىگە يۈرگۈزگەن ھۇجۇملىرى ۋە قانلىق باستۇرۇشلىرى تۈپەيلىدىن نۇرغۇن ياش-ئۆسمۈرلىرىمىز دىندىن، دىنىي ئىلىمدىن ئۇزاقلاشتۇرۇلۇپ، ماتىرىيالىزىمچى بولۇپ كەتتى ۋە دىنسىزلىق گىرداۋىغا ئىتتىرىلمەكتە.

ھەتتا ئۆزىنى زىيالى چاغلايدىغان نۇرغۇن كىشىلىرىمىز ئاللاھ بىزگە نازىل قىلغان قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىسلەردىن تەلىم ئېلىپ ئەمەس، بەلكى كىتاپسىز كاپىرلارنىڭ پەلسەپەلىرى ۋە ھايات ھېكايىلىرى ئارقىلىق تەپەككۈر دۇنياسىنى قوراللاندۇرۇپ مائارىپ، تەلىم-تەربىيەنىڭ تۈپكى نىشانىغا زىت كېلىدىغان ياكى مۇسۇلمان ئۈممەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئىدىيە-ئەخلاقنى ئۈلگە كۆرسىتىدىغان، زورلاپ تاڭىدىغان ئەسەرلەرنى جەمىيىتىمىزگە يامرىتىۋەتتى.

بۇ ھەدىسلەر توپلىمىنى ئوقۇپ سىزمۇ ئالىم بولۇڭ، مۇبارەك ئىسلام دىنىنىڭ ئەسلى روھىنى، مۇسۇلمانچىلىقنىڭ ھەقىقى ئۆلچىمىنى ئۈگىنىڭ ۋە ئۆزلەشتۈرۈڭ، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بەرگەن تەلىم ۋە ئەمىرلەرگە كۆرە تەپەككۇر دۇنيايىڭىزنى، شەخسىي ھاياتىڭىزنى، ئائىلە ھاياتىڭىزنى، جەمئىيەت ۋە مۇھاجىر ھاياتىڭىزنى ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىپ ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى قولغا كەلتۈرۈڭ.

بۇ ئىشەنچلىك ھەدىسلەر ھاياتنىڭ پۈتكۈل كاتېگورىيىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ قەلبىڭىزنى يورۇتىدۇ، سىزنى دۇنيادا بەخت-سائادەتكە، ئاخىرەتتە بولسا ئاللاھنىڭ جەننەتلىرىگە كىرىشكە ۋەسىلە بولىدۇ. ئۆزىڭىز ئوقۇڭ، ئۈگىنىڭ، ئائىلە ئەزالىرىغا ۋە باشقىلارغا ئۈگىتىڭ، ساۋاپ قازىنىڭ.

مۇسۇلمان-جەننەتكە كىرىدىغان شەرەپلىك كىشىلەر نامزاتى،-دىگەنلىك بولىدۇ.

مۇسۇلماننىڭ تۈپكى ۋەزىپىسى-ئاللاھ بەرگەن بارلىق ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىپ ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى، ھاكىمىيىتىنى قەلبىدە، ئائىلىسىدە، جەمىيىتىدە ۋە يۇرتلىرىدا ھۆكۈم سۈرگۈزۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت. مۇسۇلمان ئاللاھتىن، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىدىن باشقا مەخلۇقلارغا تىز پۈكمەيدۇ.

ئاللاھ بۇ ھەدىسلەرنى قېتىرقىنىپ ئۈگەنگەن قېرىنداشلىرىمىزغا كاتتا ئەجىر ۋە ھىدايەت نېسىپ قىلسۇن، قەلبىنى ئىمان ۋە ئىلىم نۇرى بىلەن يورۇتسۇن،ئامىن!

ھەدىسلەر توپلىمى

(جەمئۇلفەۋائىد)

مۇھەممەد ئىبنى سۇلايمان مەغرىبى

كىتاپلارنى توردا بىۋاستە ئوقۇش ياكى پ د ف (PDF) شەكلىنى كومپىيۇتېرىڭىزغا چۈشۈرىۋېلىش

Exit mobile version