قۇربان ھېيىت بايرىمى مۇبارەك بولسۇن

قۇربان ھېيىت بايرىمى مۇبارەك بولسۇن

شەرقىي تۈركىستان ۋە ئىسلام دۇنياسى قان كۆلىگە ئايلانغان بىر ۋەزىيەتتە يېتىپ كەلگەن قۇربان ھېيىت بايرىمىنى چىن يۈرەكتىن تەبرىكلەيمىز.

قۇربان ھېيىت

كېسىلگەن شۇ قوربانلىقلار ئومۇمەن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى خۇسۇسەن شەرقىي تۈركسىتان مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئازادلىقى، ھۆرلۈكى، زۇلۇمدىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن ۋەسىلە بولغاي. قۇربان ئىبادىتىنى جانابى ئاللاھ قوبۇل قىلغاي.

ئەزىز شەرقىي تۈركسىتان مۇسۇلمانلىرى، زۇلۇم ئاستىدا ئىڭراۋاتقان، زۇلۇمغا، ئىشغالغا باش ئەگمەي ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان، جىھاد قىلىۋاتقان قەھرىمان ۋەتەن ئوغلانلىرى! ھەممىڭلارنىڭ قۇربان ھېيتىڭلار مۇبارەك بولسۇن. ئائىلە ئىچى شاتلىققا چۈمسۇن، سالامەتلىك، خاتىرجەملىق يار بولسۇن.

شېھىتلەرنىڭ ئائىلىلىرىگە سەبىر ۋە رەھمەت قىلسۇن، جانابى ئاللاھ، تۈرمىدە يېتىۋاتقان قەھرىمان ئوغلانلىرىمىزنى دۈشمەننىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىسۇن، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قۇتۇلدۇرسۇن، ئائىلىرىگە خاتىرجەملىك، سالامەتلىك ۋە سەبىر ئاتا قىلسۇن. قۇربان ھېيىتنى خۇشال ئۆتكۈزۈشكە نىسىپ قىلسۇن. قۇربان ھېيتىڭلار قۇتلۇق بولسۇن. قۇربان ھېيىتنى خۇشال – خۇرام شاتلىق ئىچىدە ئۆتكۈزۈشىڭلارغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز.

ھۆرمەت بىلەن: شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىكى

About admin

Leave a Reply