ماقالىلار

ھېيىت بۈگۈن

ھېيىت بۈگۈن

بۇ شېئىر 2013-يىلى 18 – ئۆكتەبېر جۈمە كۈنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن قۇربان ھېيىتنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە ئوقۇپ ئۆتۈلدى

چوغلۇق شېئىرى

داۋام قىلىپ كەلگەن ئاتا – بوۋامدىن ،
ئۇيغۇرۇمنىڭ ئەنئەنىسى ، تارىخى .
ۋارىس بولساڭ سەنمۇ ئاڭا دىلىڭدىن ،
ئەۋلادىڭغا قالار سەندىن ئادىتى .

جەم بولغاندا قۇتلۇق كۈندە ، ئايەمدە ،
ئاتا – ئانا ، قېرىنداشلار شادلىنار .
ئەل – جامائەت توپ-توپ ھېيتلاش ئادەتتۇر،
غېرىپ ، ئاجىز ، يىتىم ئوغول يادلىنار .

تۈنجى بولۇپ ئاتا – ئانا ئۆيىگە ،
كەلدى ئوغۇل ، كىلىن ، نەۋرە سالامغا .
خوشاللىقتىن بولدى ئانا پايپېتەك ،
يىگۈزەي دەپ ئاتىغاننى بالامغا .

ئاتا – ئوغۇل ماڭسا بىللە پەتىگە ،
قىز – كىلىنلەر تاقار چازا چېچىغا .
ياساندۇرۇپ قويغان نەۋرە شوخلۇقتىن ،
ساڭزا يىگەچ ، ھارماس مىنىپ

ئەنە ياڭراپ ناغرا – سۇناي ئاۋازى ،
قېرى ھەم ياش ، بارچە چۈشتى ساماغا .
قىز – يىگىتلەر خوشاللىقتىن كۈلۈشۇپ ،
جۆر بولۇشتى بەس – بەستە شوخ ناۋاغا…

ھېيىت بۈگۈن ،ئايەم بۈگۈن يۈرتۇمدا،
ئەل جامائەت چۆمدى مانا شادلىققا.
ئۆرپى-ئادەت ئۈگەن ھەر بىر ئايەمدە،
ئورۇن يوقتۇر ئەمدى بىلگىن شاشلىققا!

شۇنداق ھېيت بۇ بارچە بىردەك شادلىنار ،
نەدە باردۇر مۇنداق ئادەت ، ئۆزگىچە .
ئەجدادىمدىن مىراس قالغان خىسلىتى ،
داۋام قىلسۇن نەۋرەڭ چەۋرە… كۆرگىچە .

Show More

Related Articles

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close